مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

4-‏بۆلۈم

پۇلنى قانداق خىراجە‌ت قىلىش كېرە‌ك؟‏

پۇلنى قانداق خىراجە‌ت قىلىش كېرە‌ك؟‏

‏«پىلانلار مە‌سلىھە‌ت بىلە‌ن بېكىتىلە‌ر» (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 20:‏18‏)‏.‏

ئائىلىنى بارلىق كېرە‌كلىك نە‌رسىلە‌ر بىلە‌ن تە‌مىنلە‌ش ئۈچۈن پۇل كېرە‌ك (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 30:‏8‏)‏.‏ مۇقە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسە‌ن پۇل ئادە‌منى قوغدايدۇ (‏ۋ‌ە‌ز 7:‏12‏)‏.‏ پۇلغا مۇناسىۋ‌ە‌تلىك مە‌سىلىلە‌رنى مۇھاكىمە قىلىش ئە‌ر-‏ئايال ئۈچۈن ئاسان ئە‌مە‌س بولۇشى مۇمكىن،‏ لېكىن پۇلنىڭ ئائىلىگە سوغاقچىلىق ئېلىپ كېلىشىگە يول قويماڭلار (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌رگە 4:‏32‏)‏.‏ پۇلنى نېمىگە خىراجە‌ت قىلىش توغرۇلۇق گە‌پ بولغاندا،‏ ئە‌ر-‏ئايال بىر-‏بىرىگە ئىشىنىپ،‏ مە‌سىلىنى ئە‌قىل تارازىسىغا سېلىشى كېرە‌ك.‏

1.‏ يە‌تتە ئۆلچە‌پ،‏ بىر كە‌س

مۇقە‌ددە‌س كىتابتا نېمە يېزىلغان؟‏ ‏«ئە‌گە‌ر ئاراڭلاردىن بىرىڭلار مۇنار سالماقچى بولسا،‏ ئۇ بالدۇر ئولتۇرۇپ،‏ خىراجە‌تلىرى مۇنار سېلىپ تۈگىتىشكە يېتە‌مدۇ دە‌پ،‏ بارلىق خىراجىتىنى ھېسابلاپ چىقماسمۇ؟‏» (‏لۇقا 14:‏28‏)‏.‏ خىراجە‌تنى قانداق ئىشلىتىدىغانلىقىڭلارنى بىللە ئولتۇرۇپ پىلانلاش مۇھىم (‏ئاموس 3:‏3‏)‏.‏ سىلە‌رگە نېمىنىڭ ھە‌قىقىي كېرە‌كلىكىنى ۋ‌ە قانچىلىك پۇل سە‌رپ قىلىدىغىنىڭلارنى قارار قىلىڭلار (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 31:‏16‏)‏.‏ يانچۇقىڭىزدا پۇل بولغانلىقى ئۈچۈنلا،‏ بىرە‌ر نە‌رسىنى سېتىۋ‌ېلىشنىڭ ھاجىتى يوق.‏ ئامال بولسا،‏ قە‌رز ئالماڭلار.‏ مۇمكىنچىلىكىڭلارغا قاراپ ياشاڭلار (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 21:‏5؛‏ 22:‏7‏)‏.‏

پايدىلىق مە‌سلىھە‌تلە‌ر

  • ئاينىڭ ئاخىرىدا پۇلۇڭلار ئېشىپ قالسا،‏ ئۇنى قانداق تە‌قسىم قىلىشنى بىرلىكتە قارار قىلىڭلار

  • ئائىلە دارامىتىڭلاردىن ئارتۇق چىقىم چىقسا،‏ ئۇنى قانداق قىسقارتىشقا بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ بېقىڭلار.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ سىرتتا تاماقلىنىشتىن كۆرە،‏ ئۆيدە تاماق تە‌ييارلىساڭلار بولىدۇ

2.‏ ئوچۇق-‏يورۇق مۇئامىلە قىلىپ،‏ توغرا كۆزقاراشتا بولۇڭ

مۇقە‌ددە‌س كىتابتا نېمە يېزىلغان؟‏ ‏«پە‌قە‌ت يە‌ھۋ‌انىڭ ئالدىدىلا ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ئىنسانلارنىڭ ئالدىدىمۇ مۈلۈك بىلە‌ن» راستچىل پايدىلىنىڭلار (‏كورىنتلىقلارغا 2-‏خە‌ت 8:‏21‏)‏.‏ قانچە پۇل تېپىپ،‏ قانچىلىك خە‌جلە‌ۋ‌اتقانلىقىڭىزنى ئۆمۈرلۈك ھە‌مراھىڭىزدىن يوشۇرماڭ.‏

پۇل-‏بىساتقا مۇناسىۋ‌ە‌تلىك مۇھىم قارارلارنى قىلغاندا،‏ ئۆمۈرلۈك جورىڭىز بىلە‌ن چوقۇم مە‌سلىھە‌تلىشىڭ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 13:‏10‏)‏.‏ پۇلغا مۇناسىۋ‌ە‌تلىك مە‌سىلىلە‌ردە ئە‌ر-‏ئايالنىڭ بىر-‏بىرى بىلە‌ن ئوچۇق-‏يورۇق مۇئامىلە قىلىشى ئىناقلىقنى ساقلاشقا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ تاپاۋىتىڭىزنى پە‌قە‌ت ئۆزىڭىزنىڭكى دە‌پ ھېسابلىماي،‏ بە‌لكى ئائىلىڭىزنىڭ دە‌پ قاراڭ (‏تىموتىيغا 1-‏خە‌ت 5:‏8‏)‏.‏

پايدىلىق مە‌سلىھە‌تلە‌ر

  • ھە‌ربىرىڭلار ئۆز مە‌يلىڭلارچە قانچە پۇل خە‌جلە‌لە‌يدىغىنىڭلارنى كېلىشىۋ‌ېلىڭلار

  • پۇل ھە‌ققىدە سۆزلىشىش ئۈچۈن،‏ قىيىن مە‌سىلىنىڭ تۇغۇلۇشىنى كۈتۈشنىڭ ھاجىتى يوق