8-بۆلۈم
بالا-قازا كۆرۈنۈپ كەلمەس
«گەرچە ئەمدى ئاز ۋاقىت، كېرەك بولسا، تۈرلۈك سىناقلاردىن قايغۇرساڭلارمۇ، سىلەر بۇنىڭغا ناھايىتى خۇرسەن بولۇۋاتىسىلەر» (پېترۇسنىڭ 1-خېتى 1:6).
ئائىلىڭىزنىڭ بەختلىك بولۇشى ئۈچۈن بار كۈچىڭىزنى سالسىڭىزمۇ، كۆڭۈل ئارامىڭىزنى ۋەيران قىلىدىغان ۋەقەلەر يۈز بېرىشى مۇمكىن (ۋەز 9:11). قىيىنچىلىقلار پەيدا بولغاندا، خۇدا مېھىر-مۇھەببەت بىلەن سىزنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدۇ. بېشىڭىزغا قايغۇ-ھەسرەت چۈشكەندە، تۆۋەندە كەلتۈرۈلگەن مۇقەددەس كىتابتىكى پرىنسىپلار سىزگە ۋە ئائىلىڭىزگە ياردەم بېرەلەيدۇ.
1. يەھۋا خۇداغا تايىنىڭ
مۇقەددەس كىتابتا نېمە يېزىلغان؟ «پۈتكۈل غەم-تەشۋىشلىرىڭلارنى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇڭلار، چۈنكى ئۇ سىلەرگە غەمخورلۇق قىلماقتا» (پېترۇسنىڭ 1-خېتى 5:7). بېشىڭىزغا كەلگەن سىناقلارغا خۇدا سەۋەبچى ئەمەسلىكىنى دائىم ئېسىڭىزدا ساقلاڭ (ياقۇپ 1:13). خۇداغا يېقىنلىشىڭ ۋە ئۇ سىزگە چوقۇم ئەڭ ياخشى ئۇسۇل بىلەن ياردەم بېرىدۇ (يەشايا 41:10). «ئۇنىڭ ئالدىغا ئىچ-باغرىڭلارنى تۆكۈڭلار» (زەبۇر 62:8).
شۇنداقلا، تەسەللى تېپىش ئۈچۈن، مۇقەددەس كىتابنى ھەر كۈنى ئوقۇپ، تەتقىق قىلىڭ. شۇ چاغدا يەھۋا خۇدانىڭ «بىزگە ھەممە دەردلىرىمىزدە تەسەللى بېرىۋاتقانلىقىنى» ھېس قىلىسىز (كورىنتلىقلارغا 2-خەت 1:3، 4؛ رىملىقلارغا 15:4). ئۇ سىزگە «ھەرقانداق ئوي-پىكىردىن ئۈستۈن تۇرىدىغان تەڭرىنىڭ تىنچلىقىنى» بېرىشكە ۋەدە قىلىۋاتىدۇ (فىلىپپىلىقلارغا 4:6، 7، 13).
پايدىلىق مەسلىھەتلەر
-
خاتىرجەملىكنى ۋە ساغلام پىكىرلىكنى ساقلاشتا ئۆزىڭىزگە ياردەم بېرىشىنى سوراپ، ئاللا يەھۋاغا دۇئا قىلىڭ
-
مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ھەرخىل يوللىرىنى قاراشتۇرۇپ چىقىڭ ۋە ئۆزىڭىزگە مۇۋاپىق بولغىنىنى تاللاۋېلىڭ
2. ئۆزىڭىزگە ۋە ئاىلىڭىزگە غەمخورلۇق قىلىڭ
مۇقەددەس كىتابتا نېمە يېزىلغان؟ «يورۇتۇلغاننىڭ قەلبى بىلىمگە ئېرىشمەكتە؛ دانالار بولسا، بىلىمگە ئىنتىلمەكتە» (پەندى-نەسىھەت 18:15). قىيىنچىلىق توغرۇلۇق كەڭىرەك چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن، كۆپرەك ئۇچۇر ئېلىڭ. ئائىلىڭىزنىڭ ھەربىر ئەزاسى ھازىر نېمىگە مۇھتاج ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاۋېلىڭ. ئۇلار بىلەن سۆزلىشىپ كۆرۈڭ. دىققەت قويۇپ تىڭشاڭ (پەندى-نەسىھەت 20:5).
يېقىن ئادىمىڭىز كۆز يۇمغاندا، نېمە قىلىش كېرەك؟ قايغۇ-ھەسرىتىڭىزنى كۆرسىتىشتىن ئۇيالماڭ. مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە ھەتتا «ئەيسانىڭ ياشلىرى تۆكۈلدى» (يوھان 11:35؛ ۋەز 3:4). شۇنداقلا يېتەرلىك دەرىجىدە دەم ئېلىپ، ئۇيقىڭىزنى قاندۇرۇڭ (ۋەز 4:6). شۇنداق قىلسىڭىز، سىزگە قايغۇ-ھەسرەتكە بەرداشلىق بېرىش ئاسانراق بولىدۇ.
پايدىلىق مەسلىھەتلەر
-
ئۆي-ئىچىڭىز بىلەن ئىللىق مۇئامىلە قىلىشقا ئادەتلىنىڭ. شۇ چاغدا بىرەر قايغۇلۇق ھادىسە ياكى قىيىنچىلىقلار پەيدا بولغاندا، ئۇلار سىزگە بىمالال مۇراجىئەت قىلالايدۇ
-
سىزنىڭكىگە ئوخشاش قىيىنچىلىقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلەر بىلەن سۆھبەتلىشىپ كۆرۈڭ
3. ياردەمدىن باش تارتماڭ
مۇقەددەس كىتابتا نېمە يېزىلغان؟ «ھەقىقىي دوست ھەردائىم ساڭا مۇھەببەت كۆرسىتەر، ھەقىقىي قېرىنداش بولسا، يامان كۈنۈڭ ئۈچۈن دۇنياغا كەلگەندۇر» (پەندى-نەسىھەت 17:17). دوستلىرىڭىز سىزگە ياردەم بېرىشكە ھەرقاچان تەييار بولسىمۇ، لېكىن قانداق ياردەم بېرىشىنى بىلمەي قېلىشى مۇمكىن. نېمىگە مۇھتاج ئىكەنلىكىڭىزنى ئۇلارغا ئېيتىشقا ئۇيالماڭ (پەندى-نەسىھەت 12:25). شۇنداقلا، مۇقەددەس كىتابنى ياخشى چۈشىنىدىغانلارغا مۇراجىئەت قىلىپ، روھىي مەدەت سوراڭ. ئۇلارنىڭ خۇدانىڭ سۆزىگە ئاساسلانغان مەسلىھەتلىرى سىزگە جەزمەن ياردەم بېرەلەيدۇ (ياقۇپ 5:14).
خۇداغا ئېتىقادى كۈچلۈك بولغان ھەم ئۇنىڭ ۋەدىلىرىگە ئىشەنگەنلەر بىلەن ئارىلىشىپ، ھاجەتلىك بولغان يار-يۆلەكنى تاپالايسىز. ئىلھامغا مۇھتاج بولغانلارغا ياردەم بېرىپ ئۆزىڭىزمۇ خېلىلا تەسەللى ئالىسىز. ئۇلار بىلەن يەھۋاغا ۋە ئۇنىڭ ۋەدىلىرىگە بولغان ئىشەنچىڭىز ھەققىدە سۆزلىشىڭ. قىيىن شارائىتلارغا ئۇچراشقانلارغا قولۇڭىزدىن كەلگىنىچە ياردەم بېرىڭ ھەم سىزنى ياخشى كۆرىدىغان ۋە سىزگە غەمخورلۇق قىلىدىغان ئادەملەردىن ئۆزىڭىزنى ئايرىماڭ (پەندى-نەسىھەت 18:1؛ كورىنتلىقلارغا 1-خەت 15:58).
پايدىلىق مەسلىھەتلەر
-
يېقىن دوستىڭىز بىلەن سۆزلىشىڭ ۋە ئۇنىڭ ياردىمىنى رەت قىلماڭ
-
نېمىگە مۇھتاج ئىكەنلىكىڭىزنى ئېنىق ۋە ئوچۇق ئېيتىشتىن خىجىل بولماڭ