مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

2-‏بۆلۈم

بىر-‏بىرىڭلارغا ۋ‌اپادار بولۇڭلار

بىر-‏بىرىڭلارغا ۋ‌اپادار بولۇڭلار

‏«خۇدا بىر بويۇنتۇرۇق ئاستىغا قوشقانلارنى ئادە‌م ئايرىمىسۇن» (‏مارك 10:‏9‏)‏.‏

تە‌ڭرىمىز يە‌ھۋ‌ا بىزنىڭ ساداقە‌تمە‌ن بولۇشىمىزنى خالايدۇ (‏زە‌بۇر 18:‏25‏)‏.‏ بۇ بولۇپمۇ نىكاھدا ئىنتايىن مۇھىم،‏ چۈنكى ساداقە‌تمە‌نسىزلىك ئىشە‌نچنى يوقىتىدۇ.‏ ئىشە‌نچسىز سۆيگۈ سوۋ‌ۇپ كېتىدۇ.‏

بۈگۈنكى كۈندە ھە‌ممىلا ئادە‌ملە‌ر نىكاھدا ۋ‌اپادار بولۇش كېرە‌ك دە‌پ قارىمايدۇ.‏ ئائىلىڭىزنى ساقلاپ قېلىشىڭىز ئۈچۈن ئىككى ئە‌مە‌لىي مە‌سلىھە‌تكە ئە‌مە‌ل قىلىشىڭىز ناھايىتى زۆرۈر.‏

1.‏ نىكاھىڭىز —‏ ئە‌ڭ قىممە‌ت غە‌زىنە

مۇقە‌ددە‌س كىتابتا نېمە يېزىلغان؟‏ مۇقە‌ددە‌س كىتاب «مۇھىمىراق نە‌رسىگە كۆز يە‌تكۈزۈشكە» چاقىرىدۇ (‏فىلىپپىلىقلارغا 1:‏10‏)‏.‏ نىكاھ مۇناسىۋىتى ھاياتىڭىزنىڭ ئە‌ڭ مۇھىم بىر تە‌رىپى.‏ ئۇ بىرىنچى ئورۇندا بولۇشى لازىم.‏

يە‌ھۋ‌ا خۇدا ئە‌ر-‏ئايالنىڭ بىرگە قول تۇتۇشۇپ،‏ ھاياتتىن بىللە ھۇزۇرلىنىشىنى خالايدۇ (‏ۋ‌ە‌ز 9:‏9‏)‏.‏ ئۇ ئە‌ر-‏ئايالنىڭ بىر-‏بىرىگە يېتە‌رلىك دە‌رىجىدە ۋ‌اقىت چىقىرىشىنى ۋ‌ە ئۇلارنىڭ بىر-‏بىرىنى خۇرسە‌ن قىلىشقا مۇمكىنچىلىكلە‌رنى ئىزدىشىنى خالايدۇ (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 10:‏24‏)‏.‏ ئۆمۈرلۈك جۈپتىڭىز ئۆزىنى كېرە‌كلىك ۋ‌ە قە‌دىرلىك ھېس قىلىشى ئۈچۈن،‏ قولۇڭىزدىن كە‌لگە‌ن ھە‌ممە نە‌رسىلە‌رنى قىلىڭ.‏

پايدىلىق مە‌سلىھە‌تلە‌ر

  • ئۆمۈرلۈك ھە‌مراھىڭىز ئۆزىنى ئېتىبارسىز سە‌زمە‌سلىكى ئۈچۈن باشقا ھە‌ممە ئىشلارنى كە‌ينىگە قالدۇرۇپ،‏ ۋ‌اقىتنى چوقۇم بىرگە ئۆتكۈزۈڭ

  • ‏«مە‌ن» دە‌پ ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى «بىز» دە‌پ ئېيتىشقا ئادە‌تلىنىڭ

2.‏ قە‌لبىڭىزنى ئاسراڭ

مۇقە‌ددە‌س كىتابتا نېمە يېزىلغان؟‏ ‏«كىمدە‌كىم ئايال كىشىگە قاراۋ‌ېرىپ،‏ شە‌ھۋ‌انىيلىققا بېرىلسە،‏ ئۇ يۈرىكىدە شۇ ئايال بىلە‌ن نىكاھ ۋ‌اپالىقىنى بۇزغان بولىدۇ» (‏مە‌تتا 5:‏28‏)‏.‏ ئە‌خلاقسىز خىياللارغا بېرىلگە‌ن ئادە‌منى ئۆمۈرلۈك ھە‌مراھىغا نىسبە‌تە‌ن ۋ‌اپاسىزلىق قىلىدۇ دە‌پ ئېيتىشقا بولىدۇ.‏

يە‌ھۋ‌ا خۇدا:‏ «قە‌لبىڭنى پاك تۇت»،‏—‏ دە‌پ چاقىرىدۇ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 4:‏23؛‏ يە‌رە‌مىيا 17:‏9‏)‏.‏ بۇنىڭ ئۈچۈن نە‌زە‌رىڭىز كۆپرە‌ك نېمىگە تىكىلگە‌نلىكىگە دىققە‌ت قىلىڭ (‏مە‌تتا 5:‏29،‏ 30‏)‏.‏ ئۆز ئايالىدىن باشقا ئاياللارغا ھە‌ۋ‌ە‌س بىلە‌ن قارىماسلىقى ئۈچۈن كۆزلىرى بىلە‌ن كېلىشىم تۈزگە‌ن ئايۇپ پە‌يغە‌مبە‌رنى ئۈلگە قىلىڭ (‏ئايۇپ 31:‏1‏)‏.‏ شە‌ھۋ‌انىي مە‌زمۇنلارغا قارىماسلىققا بە‌ل باغلاڭ‏.‏ ئۆمۈرلۈك جۈپتىڭىزدىن باشقا ھېچكىم بىلە‌ن ئىشقى مۇناسىۋ‌ە‌تلە‌رنىڭ راۋ‌اجلىنىشىغا يول قويماڭ.‏

پايدىلىق مە‌سلىھە‌تلە‌ر

  • ئۆمۈرلۈك جۈپتىڭىزگە پۈتۈنلە‌ي سادىق ئىكە‌نلىكىڭىزنى ئە‌تراپىڭىزدىكىلە‌رگە ئوچۇق كۆرسىتىڭ

  • ھە‌مراھىڭىزنىڭ ھېس-‏تۇيغۇلىرىنى ئىناۋ‌ە‌تكە ئېلىڭ.‏ ئۇ قارشى جىنسلىق ئادە‌ملە‌ر بىلە‌ن قانداق مۇئامىلە قىلىۋ‌اتقانلىقىڭىزدىن ئە‌ندىشە قىلسا،‏ ئە‌شۇنداق مۇئامىلىنى دە‌رھال توختىتىڭ