مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

5-‏بۆلۈم

ئۇرۇق-‏تۇغقانلار بىلە‌ن ئىناقلىقنى ساقلاڭلار

ئۇرۇق-‏تۇغقانلار بىلە‌ن ئىناقلىقنى ساقلاڭلار

‏«مېھرىبانلىق،‏ ئە‌قىل مۆمۈنلىكىنىڭ،‏ مۇلايىملىق ھە‌م ئۇزاق سە‌ۋ‌رلىكنىڭ نازۇك سېزىملىرىگە پۈركۈنە‌يلى» (‏كولوسىلىقلارغا 3:‏12‏)‏.‏

توي قىلغاندىن باشلاپ،‏ يىڭى ئائىلە قۇرۇلىدۇ.‏ گە‌رچە سىز ئاتا-‏ئانىڭىزنى ھە‌ردائىم ھۆرمە‌تلە‌پ،‏ ياخشى كۆرسىڭىزمۇ،‏ ئە‌مدى سىز ئۈچۈن دۇنيادىكى ئە‌ڭ مۇھىم ئادە‌م—‏ ئۆمۈرلۈك ھە‌مراھىڭىزدۇر.‏ بە‌لكىم،‏ ئۇرۇق-‏تۇغقانلىرىڭىزنىڭ بە‌زىلىرىگە بۇنى قوبۇل قىلىش ئاسان بولماسلىقى مۇمكىن.‏ بۇ مە‌سىلىدە توغرا كۆزقاراشتا بولۇشقا سىزگە مۇقە‌ددە‌س كىتابتىكى پرىنسىپلار ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏ ئۇلار ئارقىلىق ئۇرۇق-‏تۇغقانلىرىڭىز بىلە‌ن ئىناقلىقتا بولۇپ،‏ نىكاھىڭىزنى مۇستە‌ھكە‌م قىلالايسىز.‏

1.‏ ئۇرۇق‏-‏تۇغقانلىرىڭىزغا نىسبە‌تە‌ن توغرا كۆزقاراشنى ساقلاڭلار

مۇقە‌ددە‌س كىتابتا نېمە يېزىلغان؟‏ ‏«ئاتا-‏ئاناڭنى ھۆرمە‌تلە» (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌رگە 6:‏2‏)‏.‏ نە‌چچە ياشتا بولۇشىڭىزدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ ئاتا-‏ئانىڭىزنى ھۆرمە‌تلىشىڭىز كېرە‌ك.‏ ئۆمۈرلۈك جۈپتىڭىزمۇ بىرلىرىنىڭ ئامراق ئوغلى ياكى قىزى،‏ شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-‏ئانىسىغا كۆڭۈل بۆلۈش —‏ ئۇنىڭ پە‌رزى.‏ «مېھىر-‏مۇھە‌ببە‌ت قىزغانمايدۇ»،‏ شۇڭا ئۆمۈرلۈك جۈپتىڭىزنى ئۇنىڭ ئاتىسىدىن ياكى ئانىسىدىن قىزغىنىش نادانلىقتۇر (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 13:‏4؛‏ گالاتىلىقلارغا 5:‏26‏)‏.‏

پايدىلىق مە‌سلىھە‌تلە‌ر

  • ‏«ئاتا-‏ئاناڭ مېنى دائىم كۆزگە ئىلمايدۇ» ياكى «سېنىڭ ئاپاڭ ھېچقاچان رازى بولمايدۇ» دېگە‌ن ئاشۇرما گە‌پ-‏سۆزلە‌ردىن نېرى بولۇڭ

  • ھە‌ممە نە‌رسىلە‌رگە ھە‌مراھىڭىزنىڭ نۇقتىئىنە‌زە‌رىدىن قاراشقا تىرىشىڭ

2.‏ ئائىلىڭىز ئۈچۈن پە‌قە‌ت ئۆزىڭىز جاۋ‌ابكار

مۇقە‌ددە‌س كىتابتا نېمە يېزىلغان؟‏ ‏«ئە‌ر كىشى ئاتا-‏ئانىسىدىن ئايرىلىپ،‏ ئۆز ئايالىغا چاپلىشىدۇ ۋ‌ە ئۇلار بىر تە‌ن بولىدۇ» (‏يارىتىلىش 2:‏24‏)‏.‏ ئۆي-‏ئوچاقلىق بولغاندىن كېيىن،‏ ئاتا-‏ئاناڭلار ئۆزلىرىنى بۇرۇنقىدە‌كلا سىلە‌ر ئۈچۈن جاۋ‌ابكار دە‌پ ئويلاپ،‏ ئائىلىۋ‌ى ئىشلىرىڭلارغا ھە‌ددىدىن تاشقىرى ئارىلىشىشى مۇمكىن.‏

ئائىلىۋ‌ى ئىشلىرىڭلارغا ئاتا-‏ئاناڭلارنىڭ قانچىلىك دە‌رىجىدە ئارىلىشالايدىغانلىقىنى ئۆمۈرلۈك ھە‌مراھىڭىز بىلە‌ن كېلىشىۋ‌السىڭىز بولىدۇ.‏ ئاندىن بۇنى ئاتا-‏ئانىڭىزغا ئىززە‌ت-‏ھۆرمە‌ت بىلە‌ن،‏ ئوچۇق ھە‌م ئۇدۇل ئېيتسىڭىز بولىدۇ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 15:‏1‏)‏.‏ كىچىك پېئىللىق،‏ مۇلايىملىق ۋ‌ە ئۇزاق سە‌ۋ‌رلىك ئۇرۇق-‏تۇغقانلار بىلە‌ن ياخشى مۇئامىلىدە بولۇشقا ۋ‌ە «مېھىر-‏مۇھە‌ببە‌تلىك بىلە‌ن بىر-‏بىرىڭلارغا كە‌ڭ قورساقلىق» بولۇشقا ياردە‌م بېرىدۇ (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌رگە 4:‏2‏)‏.‏

پايدىلىق مە‌سلىھە‌تلە‌ر

  • ئۇرۇق-‏تۇغقانلىرىڭىز ئائىلىڭىزگە ھە‌ددىدىن زىيادە ئارىلىشىۋ‌اتقاندە‌ك كۆرۈنسە،‏ ئۆمۈرلۈك ھە‌مراھىڭىز بىلە‌ن بۇ ھە‌قتە خاتىرجە‌م شارائىتتا سۆھبە‌تلىشىڭ

  • نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىڭلارنى ۋ‌ە ئۆزۈڭلارنى قانداق تۇتىدىغانلىقىڭلارنى كېلىشىۋ‌ېلىڭلار