مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

كۈزىتىش مۇ‌نارى،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ۋە ۋاراقچىلار جە‌مئىيىتى دېگە‌ن نېمە؟‏

كۈزىتىش مۇ‌نارى،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ۋە ۋاراقچىلار جە‌مئىيىتى دېگە‌ن نېمە؟‏

 كۈزىتىش مۇ‌نارى،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ۋە ۋاراقچىلار جە‌مئىيىتى (‏پېنسىلۋانىيە)‏ —‏ بۇ 1884-‏يىلى پېنسىلۋانىيە شتاتىنىڭ (‏ئا.‏ق.‏ش)‏ قانۇ‌نلىرىغا ئويغۇ‌ن،‏ تە‌شكىللە‌نگە‌ن سودا-‏تىجارە‌ت قىلمايدىغان تە‌شكىلات.‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ۋە ئۇ‌نىڭغا ئاساسلانغان ماتېرىياللارنى نە‌شىر قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان،‏ پۈتۈن دۇ‌نيادا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىش-‏پائالىيە‌تلىرىنى بۇ تە‌شكىلات ئارقىلىق قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌يدۇ.‏

 كۈزىتىش مۇ‌نارى جە‌مئىيىتىنىڭ نىزامنامىسىدا،‏ بۇ تە‌شكىلاتنىڭ مە‌قسە‌تلىرى «دىن،‏ تە‌لىم-‏تە‌ربىيە ۋە خە‌يىر-‏ساخاۋە‌ت» ئىشلىرى،‏ بولۇ‌پمۇ «مە‌سىھ ئە‌يسانىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا خۇ‌دا پادىشاھلىقى توغرۇ‌لۇ‌ق خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ۋە‌ز قىلىش» ئۈچۈن قۇ‌رۇ‌لغان دە‌پ يېزىلغان.‏ پە‌قە‌ت تە‌كلىپ ئارقىلىقلا جە‌مئىيە‌تنىڭ ئە‌زاسى بولۇ‌شقا بولىدۇ؛‏ جە‌مئىيە‌تكە ئە‌زا بولۇ‌ش بە‌رگە‌ن ئىئانىنىڭ ئاز-‏كۆپلىكىگە باغلىق ئە‌مە‌س.‏ جە‌مئىيە‌تنىڭ ئە‌زالىرى ۋە باشچىلىق قىلغۇ‌چىلاريە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ يېتە‌كچى كېڭىشىگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏

قانۇ‌نىي ئىگىلىك قىلغۇ‌چىلارنىڭ ھە‌مكارلىقى

 كۈزىتىش مۇ‌نارى،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ۋە ۋاراقچىلار (‏پېنسىلۋانىيە)‏ جە‌مئىيىتىدىن باشقا،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى نۇ‌رغۇ‌ن باشقا دۆلە‌تلە‌ردىكى قانۇ‌نىي ئىگىلىك قىلغۇ‌چىلار بىلە‌نمۇ ھە‌مكارلىق بىرلە‌شمىسى قۇ‌رغان.‏ مۇ‌شۇ تە‌شكىلاتلارنىڭ ناملىرىدا Watchtower ،‏Watch Tower (‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى»)‏ دېگە‌نگە ئوخشاش سۆزلە‌ر ياكى يە‌رلىك تىللاردىكى تە‌رجىمە سۆزلە‌ر ئۇ‌چرايدۇ.‏

 بىز مۇ‌شۇ قانۇ‌نىي ئىگىلىك قىلغۇ‌چى شە‌خسلە‌رنىڭ ياردىمى بىلە‌ن ئاجايىپ نە‌تىجىلە‌رنى قولغا كە‌لتۈرە‌لىدۇ‌ق.‏ ئۇ‌لار تۆۋە‌ندىكىلە‌ردىن ئىبارە‌ت:‏

  •   يېزىقچىلىق ۋە نە‌شىرىيات ئىشلىرى.‏ بىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى 220 مىليونغا يېقىن نۇ‌سخا ۋە تە‌خمىنە‌ن 40 مىليارد پارچە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلانغان ماتېرىياللارنى بېسىپ نە‌شىر قىلدۇ‌ق.‏ بىزنىڭ ماتېرىياللارنى 900دىن كۆپرە‌ك تىلدا ئوقۇ‌شقا بولىدۇ.‏ jw.org تور بېكىتىدە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى 160دىن ئوشۇ‌ق تىللاردا ئوقۇ‌شقا بولىدۇ ۋە «‏خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى دېگە‌ن نېمە؟‏‏» —‏ دېگە‌نگە ئوخشاش سوئاللارنىڭ جاۋابلىرىنى تېپىشقا بولىدۇ.‏

  •   تە‌لىم-‏تە‌ربىيە بېرىش پائالىيىتى‏.‏ بىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلانغان تە‌لىم-‏تە‌ربىيە‌لە‌رنى بېرىش ئۈچۈنھە‌رخىل مە‌كتە‌پلە‌رنى تە‌سىس قىلغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ 1943-‏يىلدىن باشلاپ 9000دىن ئارتۇ‌ق يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى كۈزىتىش مۇ‌نارى گېلىئاد مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب مە‌كتىپىدە تە‌لىم-‏تە‌ربىيە ئالغان.‏ بۇ مە‌كتە‌پنى تاماملىغانلار مىسسونېرلار بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىىپ،‏ جامائە‌تلە‌رنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌يدۇ ۋە شۇ‌نداقلا تە‌شكىلاتىمىزنىڭ پۈتكۈل دۇ‌نيادىكى ئىش-‏پائالىيىتىنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌يدۇ.‏ بۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى ئە‌مە‌س ئادە‌ملە‌رنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان مىليونلىغان ئادە‌ملە‌ر يە‌رلىك جامائە‌تلە‌ردە ھە‌ر ھە‌پتىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىلىشلاردا تە‌لىم-‏تە‌ربىيە ئالىدۇ.‏ بىز شۇ‌نداقلا ئوقۇ‌ش-‏يېزىشنى ئۆگىتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزىمىز.‏ بۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ 120 تىلدا دە‌رىسلىك نە‌شىر قىلدۇ‌ق.‏ ئۇ‌نىڭ ياردىمى بىلە‌ن ئوقۇ‌پ-‏يېزىشنى ئۆگىنىۋېلىشقا بولىدۇ.‏

  •   خە‌يرى-‏ساخاۋە‌ت پائالىيىتى‏.‏ بىز ئادە‌م پە‌يدا قىلغان (‏مە‌سىلە‌ن،‏ 1994-‏يىلى رۇ‌اندىدا بولغان مىللىي قىرغىنچىلىق)‏ ياكى تە‌بىئىي ئاپە‌تلە‌ر سە‌ۋە‌بلىك (‏مە‌سىلە‌ن،‏ 2014-‏يىلى ھايتىدا يۈز بە‌رگە‌ن يە‌ر تە‌ۋرە‌ش)‏ زىيانغا ئۇ‌چرىغانلارغا ئىنسانپە‌رۋە‌رلىك ياردىمى كۆرسىتىمىز.‏

 گە‌رچە،‏ مۇ‌شۇ قانۇ‌نىي ئىگىلىك قىلغۇ‌چىلارنىڭ ياردىمى ئارقىلىق نۇ‌رغۇ‌ن ئىشلار ئە‌مە‌لگە ئاشقان بولسىمۇ،‏ بىزنىڭ ئاساسىي ئىش-‏پائالىيىتىمىز ئۇ‌لارغا باغلىق ئە‌مە‌س.‏ خۇ‌دانىڭ خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى جاكارلاش ۋە مە‌سىھنىڭ شاگىرتلىرىنى تە‌ييارلاش بۇ‌يرۇ‌قىغا بويسۇ‌نۇ‌ش ھە‌ربىر ئە‌يسانىڭ ئە‌گە‌شكۈچىسىنىڭ مە‌جبۇ‌رىيىتى (‏مە‌تتا 24:‏14؛‏ 28:‏19،‏ 20‏)‏.‏ ياراتقۇ‌چىمىز ئۆزى خىزمىتىمزنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌يدىغانلىقغا ئىشە‌نچىمىز كامىل،‏ چۈنكى ئۇ «ئۆستۈرگۈچى خۇ‌دادۇ‌ر» (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 3:‏6،‏ 7‏)‏.‏