مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

خۇ‌دا پادىشاھلىقى دېگە‌ن نېمە؟‏

خۇ‌دا پادىشاھلىقى دېگە‌ن نېمە؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا نېمە ئېيتىلىدۇ؟‏

خۇ‌دا پادىشاھلىقى —‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئۆ‌زى ئورناتقان ھە‌قىقىي ھۆ‌كۈ‌مە‌ت.‏ ئۇ ئاسماندىن ھۆ‌كۈ‌مرانلىق قىلىۋاتقانلىقتىن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا «خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى» ياكى «ئاسمان پادىشاھلىقى» دە‌پمۇ ئاتىلىدۇ (‏مارك 1:‏14،‏ 15؛‏ مە‌تتا 4:‏17‏)‏.‏ گە‌رچە يە‌ردىكى ئىنسانىي ھاكىمىيىتلە‌رگە كۆ‌پ تە‌رە‌پتىن ئوخشاش بولسىمۇ،‏ لېكىن ئۇ‌لاردىن ھە‌ممە جە‌ھە‌تتىن ئۈ‌ستۈ‌ن.‏

  • ھۆ‌كۈ‌مرانلىرى.‏ خۇ‌دا ئە‌يسانى پادىشالىقنىڭ پادىشاسى سۈ‌پىتىدە تاللىدى ۋە ئۇ‌نىڭغا يە‌ردىكى ھېچقانداق ھۆ‌كۈ‌مران ئىگە بولمىغان ھوقۇ‌قنى بە‌ردى (‏مە‌تتا 28:‏18‏)‏.‏ ئە‌يسا ئىشە‌نچلىك ۋە ھىسداش باشقۇ‌رغۇ‌چى ئىكە‌نلىكىنى كۆ‌رسە‌تكە‌نلىكتىن،‏ بېرىلگە‌ن ھوقۇ‌قىنى پە‌قە‌ت ياخشى ئىشلارنى قىلىش ئۈ‌چۈ‌ن قوللىنىدۇ (‏مە‌تتا 4:‏23؛‏ مارك 1:‏40،‏ 41؛‏ 6:‏31—‏34؛‏ لۇ‌قا 7:‏11—‏17‏)‏.‏ خۇ‌دانىڭ رە‌ھبە‌رلىگى بىلە‌ن،‏ ئە‌يسا «يە‌ر ئۈ‌ستىدىن پادىشاھلىق قىلىش» ئۈ‌چۈ‌ن ھە‌ممە مىللە‌تتىن چىققان ئادە‌ملە‌رنى تاللاۋالدى (‏ۋە‌ھىي 5:‏9،‏ 10‏)‏.‏

  • باشقۇ‌رۇ‌ش ۋاقتى.‏ يە‌ردىكى ۋاقىتلىق ھاكىمىيە‌تلە‌رگە قارىغاندا،‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقى «مە‌ڭگۈ مە‌ۋجۇ‌ت بولۇ‌پ تۇ‌رىدۇ» (‏دانىيال 2:‏44‏)‏.‏

  • پۇ‌خرالىرى.‏ خۇ‌دانىڭ تە‌لە‌پلىرىنى ئورۇ‌نلايدىغان ھە‌ربىر ئادە‌م،‏ تۇ‌غۇ‌لغان يېرىگە ياكى كېلىپ چىقىشىغا قارىماستىن،‏ پادىشالىقنىڭ پۇ‌خراسى بولالايدۇ (‏ئە‌لچىلە‌ر 10:‏34،‏ 35‏)‏.‏

  • قانۇ‌نلىرى.‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقىنىڭ قانۇ‌نلىرى (‏ياكى بۇ‌يرۇ‌قلىرى)‏ يامان ئىشلارنى مە‌نئىي قىلىپلا قويماي،‏ جۇ‌قۇ‌رى ئە‌خلاقىي ئۆ‌لچە‌ملە‌رنى تۇ‌تۇ‌ش ئۈ‌چۈ‌ن تە‌لىم-‏تە‌ربىيە بېرىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا:‏ ««يە‌ھۋا خۇ‌دانى پۈ‌تۈ‌ن يۈ‌رىكىڭ،‏ پۈ‌تۈ‌ن جېنىڭ ھە‌م پۈ‌تۈ‌ن ئە‌قلىڭ بىلە‌ن سۆ‌يگىن».‏ بۇ بىرىنچى ۋە ئە‌ڭ مۇ‌ھىم ئە‌مىر.‏ ھە‌م ئىككىنچىسى بۇ‌نىڭغا ئوخشاش:‏ «ئۆ‌ز يېنىڭدىكى كىشىنى ئۆ‌زۈ‌ڭدە‌ك سۆ‌يگۈ‌ن»»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان (‏مە‌تتا 22:‏37—‏39‏)‏.‏ خۇ‌داغا ۋە ئادە‌ملە‌رگە بولغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت باشقىلارنىڭ مە‌نپە‌ئىتىنى ئويلاشقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ.‏

  • بىلىم بېرىشى.‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقى ئۆ‌زىنىڭ پۇ‌خرالىرىغا جۇ‌قۇ‌رى ئۆ‌لچە‌ملە‌رنى ئورنىتىپلا قويماي،‏ شۇ تە‌لە‌پلە‌رگە ماس ھايات كە‌چۈ‌رۈ‌شكە ئۆ‌گىتىدۇ (‏يە‌شايا 48:‏17،‏ 18‏)‏.‏

  • مە‌قسىتى.‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقى ئۆ‌زىنىڭ پۇ‌خرالىرىنى پايدىلىنىپ،‏ ھۆ‌كۈ‌مرانلىرىنى باي قىلىشقا ئىنتىلمايدۇ.‏ ئۇ‌نىڭ ئورنىغا،‏ بۇ پادىشاھلىق خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىنىڭ ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌لۇ‌شى ۋە خۇ‌دانى ياخشى كۆ‌رگە‌ن ئادە‌ملە‌ر يە‌ردىكى جە‌ننە‌تتە مە‌ڭگۈ ياشىشى ئۈ‌چۈ‌ن بە‌رگە‌ن ۋە‌دىسىنى ئورۇ‌نلايدۇ (‏يە‌شايا 35:‏1،‏ 5،‏ 6؛‏ مە‌تتا 6:‏10؛‏ ۋە‌ھىي 21:‏1—‏4‏)‏.‏