يەھۋا گۇۋاھچىلىرى تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىسى كىم؟
بۈگۈنكى كۈندىكى يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىىڭ تەشكىلاتى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا تەشكىللىنىشكە باشلىغان. شۇ مەزگىلدە، (ئا.ق.ش، پېنسىلۋانىيە) پىتتسبۇرگ شەھىرى ئەتراپىدا ياشاۋاتقان مۇقەددەس كىتاب تەتقىقاتچىلىرىنىڭ كىچىك بىر توپى مۇقەددەس يازمىلارنى تەرتىپ بويىچە تەتقىق قىلىشنى باشلىغان ئىدى. چىركاۋنىڭ تەلىملىرىنى مۇقەددەس كىتابتا ئەسلى يېزىلغانلار بىلەن سېلىشتۇرغان. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۆگەنگەنلىرىنى كىتابلار ۋە گېزىتلاردا ھەمدە بۈگۈن «كۈزىتىش مۇنارى — يەھۋا خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى جاكارلايدۇ»، دەپ ئاتىلىدىغان ژۇرنالدا نەشىر قىلىپ تارقىتىشقا باشلىغان.
ئاشۇ بىر توپ سەمىمىي مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلغۇچىلار ئارىسىدا چارلېز تېيز راسسېل ئىسىملىك بىر كىشى بولغان. گەرچە راسسېل ئاشۇ ۋاقىتتا مۇقەددەس كىتاب تەلىم-تەربىيە ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلغان ۋە «كۈزىتىش مۇنارى» ژۇرنىلىنىڭ بىرىنچى تەھرىرلىگۈچىسى بولغان بولسىمۇ، ئۇ يېڭى بىر دىننىڭ ئاساسچىسى ياكى قۇرغۇچىسى ئەمەس. راسسېلنىڭ ۋە كېيىنرەك مۇقەددەس كىتاب تەتقىقاتچىلىرى، دەپ تونۇلغان شۇ توپنىڭ مەقسىتى — ئەيسا مەسىھنىڭ تەلىملىرىنى تارقىتىش ۋە 1-ئەسىردىكى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنى ئۈلگە قىلىش ئىدى. مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى جامائىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەيسا پەيغەمبەر بولغانلىقتىن، ئۇنى تەشكىلاتىمىزنىڭ قۇرغۇچىسى دەپ قارايمىز (كولوسىلىقلارغا 1:18—20).