يەھۋا گۇۋاھچىلىرى نېمە ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ دىننىي-ئېتىقادى بار كىشىلەرگىمۇ ۋەزە قىلىدۇ؟
نۇرغۇن ئىنسانلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ دىننىى-ئېتىقادى بار بولسىمۇ، بىز ئۇلارنىڭ مۇقەددەس يازمىلارغا مۇناسىۋەتلىك ماۋزۇلاردا سۆھبەتلىشىشكە قىزىقىدىغانلىقىنى بايقىدۇق. ئەلۋەتتە، ئادەملەرنىڭ بىز بىلەن پەرقلىق دىننىي كۆزقاراشتا بولۇش ھوقۇقىنى ھۆرمەتلەيمىز، شۇڭا ئۇلارنى ئېيتىۋاتقان خەۋىرىمىزنى تىڭشاشقا مەجبۇرلىمايمىز.
بىز دىننىي-ئېتىقاد ھەققىدە سۆھبەتلەشكەندە، مۇقەددەس يازمىلاردىكى مەسلىھەتكە ئەمەل قىلىپ، ئادەملەرگە «مۇلايىملىق ۋە چوڭقۇر ھۆرمەت» بىلەن سۆز قىلىمىز (پېترۇسنىڭ 1-خېتى 3:15). بىز ئېيتىۋاتقان خەۋەرنى بەزىلىرى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلىمىز (مەتتا 10:14). ئەمما، بىز ئۇلار بىلەن سۆھبەتلەشمىگىچە، ئۇلارنىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز. بىز يەنە ئادەملەرنىڭ شارائىتلىرى ئۆزگىرىدىغانلىقىنىمۇ چۈشىنىمىز.
مەسىلەن، بىر كىشىنىڭ شۇ كۈنى بىز بىلەن سۆھبەتلىشىشكە ۋاقتى بولمىسا، باشقا كۈنى سۆھبەتلىشىشىنى خالىشى مۇمكىن. ئادەملەر بەلكىم يېڭى قىيىنچىلىقلارغا ياكى ئەھۋاللارغا دۇچ كېلىپ، ئۇنى چوقۇم ھەل قىلىشقا توغرا كەلگەندە، مۇقەددەس يازمىلاردىكى مەلۇماتلارغا قىزىقىشقا باشلىشى مۇمكىن. شۇ سەۋەبتىن، بىز ئادەملەر بىلەن بىرلا ئەمەس، بىرنەچچە قېتىم سۆھبەتلىشىشىكە تىرىشىمىز.