مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى ئادە‌ملە‌رنى ئۆز دىنىنى ئۆزگە‌رتىشكە مە‌جبۇ‌رلامدۇ؟‏

يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى ئادە‌ملە‌رنى ئۆز دىنىنى ئۆزگە‌رتىشكە مە‌جبۇ‌رلامدۇ؟‏

 ياق،‏ بىز ئۇ‌نداق قىلمايمىز.‏ مۇ‌ھىم ژورنىلىمىز «كۈزىتىش مۇ‌نارى»دا :‏ «ئادە‌ملە‌رنى دىنىنى ئۆزگە‌رتىشكە مە‌جبۇ‌رلاش ناتوغرا»،‏ دە‌پ ئېيتىلغان a‏.‏ بىز ئادە‌ملە‌رگە بېسىم قىلمايدىغانلىقىمىزنىڭ سە‌ۋە‌بلىرى تۆۋە‌ندە كە‌لتۈرۈلگە‌ن:‏

  •   ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌ر ھېچقاچان ئادە‌ملە‌رنى ئۆزىنىڭ تە‌لىملىرىنى قوبۇ‌ل قىلىشقا مە‌جبۇ‌رلىمىغان.‏ ئۇ ئۆزىنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىگە كۆپىنچە ئادە‌ملە‌رنىڭ ئىنكاس قايتۇ‌رمايدىغانلىقىنى بىلگە‌ن ئىدى (‏مە‌تتا 7:‏13،‏ 14‏)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئە‌يسانىڭ ئېيتقانلىرى بە‌زى شاگىرتلار ئۈچۈن پۇ‌تلىكاشاڭ بولغان ئىدى.‏ بىراق،‏ ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌ر ئۇ‌لارنى ئۆزى بىلە‌ن قېلىشقا مە‌جبۇ‌رلىمىغان.‏ ئە‌كسىنچە،‏ ئە‌شۇ ئادە‌ملە‌رنىڭ كېتىشىگە يول قويغان (‏يۇ‌ھاننا 6:‏60—‏62،‏ 66—‏68‏)‏.‏

  •   ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌ر ئۆز ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە باشقىلارنى ئۆز كۆزقارىشىنى ئۆزگە‌رتىشكە مە‌جبۇ‌ر قىلماسلىققا ئۆگە‌تكە‌ن.‏ ئۇ‌نىڭ شاگىرتلىرى خۇ‌دا پادىشاھلىقى ھە‌ققىدىكى خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ئادە‌ملە‌رگە زورلاپ قوبۇ‌ل قىلدۇ‌رۇ‌شقا تىرىشمىغان،‏ بە‌لكى سە‌مىمىي كىشىلە‌رنى ئىزدىگە‌ن (‏مە‌تتا 10:‏7،‏ 11—‏14‏)‏.‏

  •   ئادە‌ملە‌رگە بېسىم قىلىپ ئۆز دىنىنى ئۆزگە‌رتىشكە مە‌جبۇ‌رلاش —‏ بىھۇ‌دە،‏ ئە‌ھمىيە‌تسىز ئىشتۇ‌ر.‏ چۈنكى،‏ خۇ‌دا چىن قە‌لبىدىن ئىبادە‌ت قىلىدىغانلارنى قوبۇ‌ل قىلىدۇ (‏تە‌كرار قانۇ‌ن 6:‏4،‏ 5؛‏ مە‌تتا 22:‏37،‏ 38‏)‏.‏

ۋە‌ز خىزمىتىمىزنىڭ مە‌قسىتى ئادە‌ملە‌رنى ئۆز دىنىمىزغا تارتىشمۇ؟‏

 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا يېزىلغاندە‌ك،‏ «دۇ‌نيانىڭ بۇ‌لۇ‌ڭ-‏بۇ‌چقاقلىرىغىچە»،‏ ئاممىۋى سورۇ‌نلاردا ۋە ئۆي-‏ئۆيمۇ خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ۋە‌ز قىلىدىغانلىقىمىز راست (‏ئە‌لچىلە‌ر 1:‏8؛‏ 10:‏42؛‏ 20:‏20‏)‏.‏ بە‌زىدە بىرىنچى ئە‌سىردىكى مە‌سىھنىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى كە‌بى،‏ بىزنىمۇ قانۇ‌نسىز ئادە‌ملە‌رنى ئۆز دىنىمىزغا تارتقان،‏ دە‌پ ئە‌يىبلىشىدۇ (‏ئە‌لچىلە‌ر 18:‏12،‏ 13‏)‏.‏ بىراق،‏ شۇ‌نداق ئە‌يىبلە‌شلە‌ر يالغاندۇ‌ر.‏ بىز ھېچكىمنى كۆزقارىشىمىزنى قوبۇ‌ل قىلىشقا مە‌جبۇ‌رلىمايمىز.‏ ئە‌كسىنچە،‏ ھە‌ر بىر ئادە‌م زۆرۈر بىلىملە‌رنى ئېلىپ،‏ ئۆزى شە‌خسە‌ن قارار قىلىشى كېرە‌ك،‏ دە‌پ قارايمىز.‏

 بىز ئادە‌ملە‌رنى ئۆز دىنىنى ئۆزگە‌رتىشكە مە‌جبۇ‌رلىمايمىز.‏ دىننى دە‌ستە‌ك قىلىپ،‏ سىياسىي ئىشلارغا قاتناشمايمىز ياكى ماددىي ھە‌م ئىجتىمائىي ياردە‌ملە‌رنى تە‌مىنلە‌ش ئارقىلىق يېڭى ئادە‌ملە‌رنى دىنغا قىزىقتۇ‌رمايمىز.‏ بۇ ئۆزىنى ئە‌يسانىڭ ئە‌گە‌شكۈچىسى،‏ دە‌پ ئاتاپ،‏ ئە‌كسىچە ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرى بىلە‌ن مە‌سىھنىڭ نامىغا داغ كە‌لتۈرگە‌نلىكتۇ‌ر.‏ b

ئىنساننىڭ ئۆز دىنىنى ئۆزگە‌رتىشكە ھوقۇ‌قى بارمۇ؟‏

ئىبراھىم پە‌يغە‌مبە‌ر ئۇ‌رۇ‌ق-‏تۇ‌غقانلىرىنىڭ دىنىدىن چىقىپ كە‌تكە‌ن.‏

 ھە‌ئە،‏ بار.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئىنساننىڭ ئۆز دىنىنى ئۆزگە‌رتىش ھوقۇ‌قى بارلىقىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردا،‏ شە‌خسىي قارار قىلىپ،‏ ئاتا-‏بوۋىلىرىنىڭ دىنىنى ئە‌مە‌س،‏ ھە‌ق خۇ‌دانىڭ يولىنى تاللىغان كۆپ ئادە‌ملە‌ر ھە‌ققىدە يېزىلغان.‏ مونۇ بىرنە‌چچە مىسال:‏ ئىبراھىم پە‌يغە‌مبە‌ر‏،‏ رۇ‌ت‏،‏ بە‌زى ئافىنالىقلار ۋە ئە‌لچى پاۋلۇ‌س (‏يە‌شۇ‌ئا 24:‏2؛‏ رۇ‌ت 1:‏14—‏16؛‏ ئە‌لچىلە‌ر 17:‏22،‏ 30—‏34؛‏ گالاتىلىقلارغا 1:‏14،‏ 23‏)‏.‏ بۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردا ھە‌تتا خۇ‌دانىڭ يولىنى تاشلاپ،‏ ئە‌خمىقانە قارار چىقارغان ئادە‌ملە‌ر توغرىلىقمۇ يېزىلغان (‏يۇ‌ھاننانىڭ 1-‏خېتى 2:‏19‏)‏.‏

 ‏«دۇ‌نيا ئىنسان ھوقۇ‌ق خىتابنامىسى»دە،‏ دىنىنى ئۆزگە‌رتىش ھوقۇ‌قىنى قوللايدۇ.‏ بىرلە‌شكە‌ن دۆلە‌تلە‌ر تە‌شكىلاتى بۇ «خە‌لقئارا ئىنسان ھوقۇ‌قلىرى قانۇ‌نى ئاساسىي»،‏ دە‌پ ئاتىغان.‏ شۇ ھۆججە‌تتە ھە‌ر بىر ئادە‌منىڭ «ئۆز دىنىنى ياكى كۆزقارىشىنى ئۆزگە‌رتىش» ۋە «مە‌لۇ‌م بىر ئىدىيىنى ئىزدە‌ش،‏ قوبۇ‌ل قىلىش ۋە تارقىتىش ئە‌ركىنلىكى» بارلىقى توغرىسىدا ئېيتىلغان.‏ بۇ دىنىي كۆزقاراشلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.‏ c ئە‌لۋە‌تتە،‏ بۇ ھوقۇ‌قلار باشقىلارنىڭ ھوقۇ‌قلىرىغا ھۆرمە‌ت كۆرسىتىش،‏ ئۆز كۆزقاراشلىرىنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىمە‌يدىغان ۋە ماس كە‌لمە‌يدىغان باشقا ئىدىيىنى رە‌ت قىلىشنى بىلدۈرىدۇ.‏

ئادە‌منىڭ باشقا دىننى قوبۇ‌ل قىلىشى ئە‌نئە‌نىلە‌رگە ۋە ئۆرپ-‏ئادە‌تلە‌رگە ھۆرمە‌ت كۆرسە‌تمىگە‌نلىكىنى بىلدۈرە‌مدۇ؟‏

 ياق،‏ ئۇ‌نداق ئە‌مە‌س.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئادە‌ملە‌رنىڭ دىنى قانداق بولۇ‌شىدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ ئۇ‌لارغا ھۆرمە‌ت كۆرسىتىشكە دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ (‏پېترۇ‌سنىڭ 1-‏خېتى 2:‏17‏)‏.‏ ئۇ‌نىڭدىن تاشقىرى،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئاتا-‏ئانىسى باشقا دىندا بولسىمۇ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ئاتا-‏ئاناڭنى ھۆرمە‌تلە،‏ دېگە‌ن بۇ‌يرۇ‌ققا ئە‌مە‌ل قىلىدۇ (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌رگە 6:‏2،‏ 3‏)‏.‏

 ئە‌مما،‏ بە‌زى ئادە‌ملە‌ر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ كۆزقارىشىغا قوشۇ‌لمايدۇ.‏ زامبىيىدىكى بىر ئايال:‏ «مە‌ن ياشايدىغان جايدا دىنىنى ئۆزگە‌رتىش .‏.‏.‏ ئائىلىگە ھە‌م شۇ مە‌ھە‌للە كىشىلىرىگە ۋاپاسىزلىق ۋە ساتقۇ‌نلۇ‌ق قىلىش،‏ دە‌پ سانىلىدۇ» دېگە‌ن.‏ شۇ ئايال ئۆسمۈرلۈك چېغىدا،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلغان ۋە نە‌تىجىدە دىنىنى ئۆزگە‌رتىشنى قارار قىلغاندا،‏ ئە‌شۇ قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن.‏ ئۇ داۋاملاشتۇ‌رۇ‌پ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ئاتا-‏ئانام مېنىڭ شۇ‌نداق قارارىمغا رازى ئە‌مە‌سلىكىنى ۋە ئۇ‌لارنىڭ كۆڭۈلىنى رە‌نجىتكە‌نلىكىمنى قايتا-‏قايتا ئېيتقان.‏ بۇ مە‌ن ئۈچۈن بە‌كمۇ قىيىن بولغان.‏ چۈنكى،‏ ئۇ‌لارنىڭ قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىشى مە‌ن ئۈچۈن مۇ‌ھىم بولغان ئىدى.‏ .‏.‏.‏ دىنىي ئۆرپ-‏ئادە‌تلە‌رگە ئە‌مە‌س،‏ يە‌ھۋا خۇ‌داغا سادىق بولۇ‌شنى تاللىغىنىم ئائىلىگە ساتقۇ‌نلۇ‌ق قىلغاننى بىلدۈرمە‌يدۇ».‏ d

a ‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى» (‏باشقا تىل)‏ 2002-‏يىل،‏ 1-‏يانۋار سانى،‏ 12-‏بە‌ت،‏ 15-‏ئابزاسقا قاراڭ.‏

b مە‌سىلە‌ن،‏ تە‌خمىنە‌ن مىلادى 785-‏يىلى،‏ رىم ئىمپېرىيسىدە ئىمپىراتۇ‌ر كارلىماگنى چىقارغان قانۇ‌نى بويىچە،‏ ساكسونىيدا مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىسى سۈپىتىدە سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلۈشنى رە‌ت قىلغانلارنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ مىلادى 1555-‏يىلى بۈيۈك رىم ئىمپېرىيىسى ئاۇ‌گسبۇ‌رگ تىنچلىق كېلىشىمى تۈزگە‌ن.‏ بۇ كېلىشىمگە بىنائە‌ن،‏ ھە‌ر بىر تېررىتورىيە ھۆكۈمدارى ۋە ئۇ‌نىڭ قول ئاستىدىكى پۇ‌قرالار رىم كاتولىك دىنىنى ياكى پروتېستانت دىنىنى قوبۇ‌ل قىلىشى كېرە‌ك ئىدى.‏ بۇ‌نى رە‌ت قىلغانلار باشقا جايلارغا كۆچۈپ كېتىشى لازىم ئىدى.‏

c خۇ‌ددى شۇ‌نداق ھوقۇ‌قلار «ئافرىقا ئىنسان ھوقۇ‌قى ۋە مىللە‌تلە‌ر ھوقۇ‌قلىرى نىنامنامىسى»،‏ «ئامېرىكا قىتئە‌سى ئىنسان ھوقۇ‌قى ھە‌م مە‌جبۇ‌رىيە‌تلىرى خىتابنامىسى»،‏ 2004-‏يىلدىكى «ئە‌رە‌بلە‌ر ئىنسان ھوقۇ‌قى نىزامنامىسى»،‏ «شە‌رقىي جە‌نۇ‌بىي ئاسىيا ئىنسان ھوقۇ‌قى خىتابنامىسى»،‏ «ياۋۇ‌رپا ئىنسان ھوقۇ‌قى ئە‌ھدىنامىسى» ۋە «پۇ‌قرالىق ۋە سىياسىي ھوقۇ‌ق خە‌لقئارا ئە‌دىنامىسى» قاتارلىقلاردىمۇ ئىنسان ھوقۇ‌قى كاپالە‌تكە ئىگە قىلىنغان.‏ گە‌رچە بە‌زى دۆلە‌تلە‌ر شۇ ھوقۇ‌قلارغا كاپالە‌ت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتسىمۇ،‏ ئە‌مما بە‌زىدە ئۇ‌نى ھە‌قىقىي كاپالە‌تلە‌ندۈرۈشكە ئامالسىز.‏

d مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا بىنائە‌ن،‏ ھە‌قىقىي خۇ‌دانىڭ ئىسمى يە‌ھۋا.‏