مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

قانداقلا دىنغا ئىشە‌نسە‌ك بولۇ‌ۋېرە‌مدۇ؟‏ ھە‌ممىسى بىزنى خۇ‌داغا يېقىنلاشتۇ‌رامدۇ؟‏

قانداقلا دىنغا ئىشە‌نسە‌ك بولۇ‌ۋېرە‌مدۇ؟‏ ھە‌ممىسى بىزنى خۇ‌داغا يېقىنلاشتۇ‌رامدۇ؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى جاۋاب

 ياق،‏ ھە‌ممە دىنلار كىشىنى خۇ‌داغا يېقىنلاشتۇ‌رالمايدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب خۇ‌دانى خۇ‌رسە‌ن قىلمايدىغان دىنلار كۆپ دە‌يدۇ.‏ ئۇ‌لار ئاساسىي ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ.‏

بىرىنچى تۈر.‏ ساختا ئىلاھلارغا چوقۇ‌نۇ‌ش

 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ساختا ئىلاھلارغا چوقۇ‌نۇ‌ش ھە‌ققىدە سۆز قىلىنغاندا،‏ «بىمە‌نە ئېتىقاد»،‏ «ئە‌ھمىيە‌تسىزدۇ‌ر» ۋە «كېرە‌كسىز» دېگە‌ندە‌ك سۆزلە‌ر ئىشلىتىلگە‌ن (‏يە‌رە‌مىيا 10:‏3—‏5؛‏ 16:‏19،‏ 20‏)‏.‏ تە‌ڭرى يە‌ھۋا * ئىسرائىل خە‌لقىگە شۇ‌نداق ئە‌مىر-‏پە‌رمان بە‌رگە‌ن:‏ «مە‌ندىن باشقا ھېچ قانداق ئىلاھىڭ بولمىسۇ‌ن» (‏چىقىش 20:‏3،‏ 23؛‏ 23:‏24‏)‏.‏ ئىسرائىللار باشقا ئىلاھلارغا چوقۇ‌نغاندا،‏ يە‌ھۋانىڭ غە‌زىپى قاتتىق قوزغالغانىدى (‏سانلار 25:‏3؛‏ لاۋىيلار 20:‏2؛‏ ھاكىملار 2:‏13،‏ 14‏)‏.‏

 ھە‌ق خۇ‌دانىڭ «نۇ‌رغۇ‌ن ئىلاھلار»غا چوقۇ‌نۇ‌شقا بولغان كۆزقارىشى ئۆزگىنى يوق (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 8:‏5،‏ 6‏؛‏ گالاتىيالىقلارغا 4:‏8)‏.‏ خۇ‌دا ئۆزىگە ئىبادە‌ت قىلغۇ‌چىلارغا ساختا ئىلاھلارغا چوقۇ‌نغۇ‌چىلار بىلە‌ن ئارىلىشىشنى توختىتىشنى بۇ‌يرۇ‌پ،‏ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ئايرىلىپ نېرى تۇ‌رۇ‌ڭلار،‏ ناپاك ئىشلارغا يېقىن يولىماڭلار» (‏كورىنتلىقلارغا 2-‏خە‌ت 6:‏14—‏17‏)‏.‏ ئە‌گە‌ر بارچە دىنلار كىشىنى خۇ‌داغا يېقىنلاشتۇ‌رسا،‏ ئۇ‌نداقتا نېمە ئۈچۈن ئاللا بۇ‌نداق بۇ‌يرۇ‌ق چۈشە‌رگە‌ن؟‏

ئىككىنچى تۈر.‏ ھە‌ق خۇ‌دانى خۇ‌رسە‌ن قىلمايدىغان ئۇ‌سۇ‌لدا ئۇ‌نىڭغا ئىبادە‌ت قىلىش

 بە‌زىدە ئىسرائىللار خۇ‌داغا ئىبادە‌ت قىلىش بىلە‌ن ساختا ئىلاھلارغا چوقۇ‌نۇ‌شنى ئارىلاشتۇ‌رۇ‌ۋە‌تكە‌ن ئۆرپ-‏ئادە‌تلە‌رگە ئە‌گىشىپ يۈرە‌تتى.‏ لېكىن،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئۇ‌لارنىڭ پاك ئىبادە‌ت بىلە‌ن ساختا چوقۇ‌نۇ‌شلارنى ئارىلاشتۇ‌رۇ‌ۋە‌تكىنىدىن نە‌پرە‌تلە‌نگە‌ن (‏چىقىش 32:‏8؛‏ تە‌كرار قانۇ‌ن 12:‏2—‏4‏)‏.‏ ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌ر ئۆز زامانىدىكى دىن رە‌ھبە‌رلىرى خۇ‌دا ياقتۇ‌رمايدىغان ئۇ‌سۇ‌لدا ئىبادە‌ت قىلغىنى ئۈچۈن،‏ ئۇ‌لارنى ئە‌يىبلىگە‌ن.‏ ئۇ‌لار باشقىلارغا ئۆزلىرىنى ئىخلاسمە‌ن كۆرسىتىپ،‏ «بىراق تە‌ۋرات قانۇ‌نىنىڭ تېخىمۇ مۇ‌ھىم تە‌رە‌پلىرى بولغان ھە‌ققانىيلىق،‏ رە‌ھىمدىللىك ۋە سادىقلىققا سە‌ل» قارىغان (‏مە‌تتا 23:‏23‏)‏.‏

 بۈگۈنكى كۈندىمۇ پە‌قە‌ت ھە‌قىقە‌تنى ئۆگىتىدىغان دىن ئىنسانلارنى خۇ‌داغا يېقىنلاشتۇ‌رالايدۇ.‏ بۇ ھە‌قىقە‌ت مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا بار (‏يۇ‌ھاننا 4:‏24؛‏ 17:‏17؛‏ تىموتىيغا 2-‏خە‌ت 3:‏16،‏ 17‏)‏.‏ خۇ‌دا سۆزىگە زىت بولغان تە‌لىماتلارنى ئۆگىتىدىغان دىنلار ئە‌سلىدە كىشىنى خۇ‌دادىن يىراقلاشتۇ‌رىدۇ.‏ ئادە‌ملە‌ر ئۈچبىرلىك‏،‏ ئۆلمە‌س جان ۋە دوزاخ ئوتىدا قىيناش قاتارلىق تە‌لىماتلارنى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا بار دە‌پ ئويلىشىدۇ.‏ بىراق،‏ بۇ تە‌لىماتلار ئە‌سلىدە ساختا دىنلاردىن كېلىپ چىققان.‏ ئاللانىڭ ئۆلچە‌م-‏تە‌لە‌پلىرىگە ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ساختا تە‌لىماتلار بىلە‌ن باغلىنىشلىق دىنىي ئۆرپ-‏ئادە‌تلە‌رگە ئاساسلانغان ئىبادە‌ت «بېكار» ياكى ئە‌ھمىيە‌تسىزدۇ‌ر (‏مارك 7:‏7،‏ 8‏)‏.‏

 ئاللا دىنىي ساختىپە‌زلىكتىن نە‌پرە‌تلىنىدۇ (‏تىتۇ‌س 1:‏16‏)‏.‏ ئادە‌ملە‌رنىڭ خۇ‌داغا يېقىنلىشىشىغا ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن دىنلار پە‌قە‌ت مۇ‌راسىملار بىلە‌نلا چە‌كلىنىپ قالماي،‏ بە‌لكى ئىنسانلارنىڭ كۈندىلىك تۇ‌رمۇ‌شىغا ھە‌م تە‌سىر قىلىشى كېرە‌ك.‏ مە‌سىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا مۇ‌نداق دېيىلگە‌ن:‏ «ئۆزىنى خۇ‌داغا ئىخلاسمە‌ن ئادە‌م دە‌پ قارىغان،‏ لېكىن تىلىنى تىزگىنلىمىگە‌ن كىشى ئۆزىنى ئۆزى ئالدايدۇ.‏ بۇ‌نداق ئىخلاسمە‌نلىكنىڭ قىلچە قىممىتى يوقتۇ‌ر.‏ خۇ‌دائاتىمىزنىڭ نە‌زىرىدىكى پاك ۋە ئە‌يىبسىز ئىخلاسمە‌نلىك بولسا قىيىنچىلىقتا قالغان يېتىم-‏يېسىر،‏ ئېرى ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن تۇ‌ل خوتۇ‌نلارغا غە‌مخورلۇ‌ق قىلىش ۋە ئۆزىمىزنى دۇ‌نيانىڭ بۇ‌لغىشىدىن ساقلاشتۇ‌ر» (‏ياقۇ‌پ 1:‏26،‏ 27‏)‏.‏.‏‏«پاك ۋە ئە‌يىبسىز ئىخلاسمە‌نلىك دە‌پ تە‌رجىمە قىلىنغان جۈملە،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ باشقا تە‌رجىمىسىدە،‏ «پاك ۋە ئە‌يىبسىز بولغان ئىبادە‌ت» دە‌پ تە‌رجىمە قىلىنغان (‏قە‌شقە‌ر چاغاتاي تىلى تە‌رجىمىسى‏)‏.‏

^ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا خۇ‌دانىڭ خاس ئىسىمى «يە‌ھۋا»‏ دە‌پ ئاشكارە قىلىنغان