مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىمۇ؟‏

يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىمۇ؟‏

 ھە‌ئە.‏ بۇ‌نداق دېيىشىمىزنىڭ سە‌ۋە‌بلىرى تۆۋە‌ندە كە‌لتۈرۈلگە‌ن:‏

  •   بىز ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ تە‌لىملىرىگە ۋە ئۈلگىسىگە ئە‌گىشىش ئۈچۈن تىرىشىمىز (‏پېترۇ‌سنىڭ 1-‏خېتى 2:‏21‏)‏.‏

  •   پە‌قە‌ت مە‌سىھ ئە‌يسانىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق قۇ‌تقۇ‌زۇ‌لۇ‌شقا ئېرىشە‌لە‌يدىغىنىمىزغا ھە‌م بىزنى قۇ‌تقۇ‌زالايدىغان «ئاسماننىڭ تېگىدە ئادە‌ملە‌رگە بېرىلگە‌ن بىز نىجات تاپقۇ‌دە‌ك بۆلە‌ك ئىسىم» يوقلىقىغا ئىشىنىمىز (‏ئە‌لچىلە‌ر 4:‏12،‏ چاغاتاي تىلى تە‌رجىمىسى)‏.‏

  •   بىر كىشى يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى بولغاندا،‏ ئۇ ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ نامىدا چۆمۈلدۈرۈلىدۇ (‏مە‌تتا 28:‏18،‏ 19‏)‏.‏

  •   بىز ئە‌يسا مە‌سىھ ئارقىلىق دۇ‌ئا قىلىمىز (‏يۇ‌ھاننا 15:‏16‏)‏.‏

  •   ئە‌يسانىڭ بارلىق ئە‌رلە‌رنىڭ بېشى ئىكە‌نلىكىگە،‏ ھە‌م ئۇ‌نىڭغا ئىنسانىيە‌ت ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھوقۇ‌قى بېرىلە‌نلىكىگە ئىشىنىمىز (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 11:‏3‏)‏.‏

 ئە‌مما،‏ بىز ئۆزلىرىنى مە‌سىھنىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى دە‌پ ئاتايدىغان كۆپلىگە‌ن باشقا دىنلاردىن پە‌رقلىنىمىز.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئە‌يسا مە‌سىھ ئۈچبىرلىك خۇ‌دانىڭ بىر قىسمى ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا يېزىلغاندە‌ك،‏ ئۇ خۇ‌دانىڭ روھىي ئوغلى ئىكە‌نلىكىگە ئىشىنىمىز (‏مارك 12:‏29‏)‏.‏ بىز ئادە‌منىڭ تېنى ئۆلسىمۇ،‏ روھى ئۆلمە‌ي مە‌ۋجۇ‌ت بولۇ‌پ تۇ‌رىدۇ،‏ خۇ‌دا ئادە‌ملە‌رنى مە‌ڭگۈ دوزاخ ئوتىدا ئازابلايدۇ دېگە‌ن تە‌لىملە‌رنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارغا ئاساسلانغانلىقىغا ۋە دىنىي يېتە‌كچىلە‌رنى باشقا ئادە‌ملە‌ردىن يوقىرى ئورۇ‌نغا قويۇ‌ش ئۈچۈن نام-‏ئاتاقلار بىلە‌ن ئاتاش كېرە‌كلىكىگە ئىشە‌نمە‌يمىز (‏ۋە‌ز 9:‏5؛‏ ھە‌زە‌كىيال 18:‏4؛‏ مە‌تتا 23:‏8—‏10‏)‏.‏