يەھۋا كىم؟
مۇقەددەس كىتابتىكى جاۋاب
مۇقەددەس يازمىلاردا، يەھۋانى ھەق خۇدا ۋە بارچە ئىنسانلارنىڭ ياراتقۇچىسى دەيدۇ (ۋەھىي 4:11). ئىبراھىم، مۇسا ۋە ئەيسا پەيغەمبەرلەر يەھۋاغا ئىبادەت قىلغان (يارىتىلىش 24:27؛ چىقىش 15:1، 2؛ يۇھاننا 20:17). يەھۋا پەقەت بىر خەلقىنىڭ ئەمەس، بەلكى پۈتۈن يەر يۈزىنىڭ خۇداسىدۇر (زەبۇر 47:2 [46:3]).
مۇقەددەس كىتاب، خۇدانىڭ ئۆزىگە خاس ئىسىمى«يەھۋا» ئىكەنلىكىنى ئاشكارلايدۇ (چىقىش 3:15؛ زەبۇر 83:18). بۇ ئىسىم ئىبرانىي تىلىدىكى «بولغۇزماق» پېئىلىدىن كېلىپ چىققان ۋە بەزى ئالىملارنىڭ تەتقىق قىلىشىچە، بۇ ئىسىم «ئۇ بولغۇزىدۇ» دېگەن مەنىگە ئىگە. بۇنداق ئىزاھات بېرىش يەھۋانىڭ بارچە مەۋجۇداتلارنىڭ ياراتقۇچىسى ھەم ئۆز نىيەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان تەڭرى ئىكەنلىكىنى بەك ياخشى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ (چىقىش 34:5—7؛ لۇقا 6:35؛ يۇھاننانىڭ 1-خېتى 4:8).
خۇدانىڭ ئىسىمى ئىبرانىي تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا «يەھۋا» دەپ تەرجىمە قىلىنغان. بۇ ئىسىم הוהי (يھۋھ) تۆت ھەرىپ بولۇپ، تېتراگرامماتون دەپ ئاتىلىدۇ. قەدىمقى ئىبرانىي تىلىدا بۇ ئىلاھىي ئىسىم قانداق تەلەپپۇز قىلىنغانلىقى ئېنىق ئەمەس. بىراق، خۇدانىڭ خاس ئىسىمى ئۇيغۇر تىلىدا مۇقەددەس كىتابنىڭ چاغاتاي تىلى تەرجىمىسىدە ئىشلىتىلگەن (1950-يىلى نەشىر قىلىنغان) تەرجىمىسىدە كەلتۈرۈلگەن *.
نېمە ئۈچۈن قەدىمقى ئىبرانىي تىلىدا خۇدانىڭ ئىسىمى قانداق توغرا تەلەپپۇز قىلىنغانلىقى نامەلۇم؟
كونا ئىبرانىي يېزىقىدا، پەقەت ئۈزۈك تاۋۇشلار ئىشلىتىلگەن. سوزۇق تاۋۇشلار بولمىغان. ئىبرانىيچە سۆزلەيدىغان كىشىلەر ھېچ قىينالماستىن كېرەكلىك سوزۇق تاۋۇشلارنى ئۆز ئورنىغا قويۇپ تېكىستنى ئوقۇيالىغان. بىراق، ئىبرانىي يازمىلار (كونا ئەھدە) يېزىلىپ بولغاندىن كېيىن، بەزى يەھۇدىيلار ئارىسىدا خۇدانىڭ خاس ئىسىمىنى ئاۋاز چىقىرىپ ئېيتىش ناتوغرا دېگەن خۇراپاتلىق پەيدا بولغان. يەھۇدىيلار مۇقەددەس يازمىلارنى ئاۋاز چىقىرىپ ئوقۇغاندا، خۇدانىڭ ئىسىمى ئۇچرىغان جايلاردا «پەرۋەردىگار» ياكى «خۇدا» دېگەنگە ئوخشاش نام-ئۇنۋانلارنى قويۇپ ئوقۇغان. ئەسىرلەر ئۆتۈپ، بۇ خۇراپاتلىق شۇنچە كەڭ تارقىلىپ كەتكەنكى، ھەتتا خۇدانىڭ ئىسىمىنىڭ قەدىمدە قانداق تەلەپپۇز قىلغانلىقى ئۇنتۇلۇپ كېتىلگەن ئىدى *.
بەزىلەرنىڭ پىكىرىچە، بۇ ئىسىم «ياھۋەھ» دەپ تەلەپپۇز قىلىنغان. باشقىلار بولسا، بۇ ئىسىم باشقىچە تەلەپپۇز قىلىنغان دەيدۇ. ئۆلۈك دېڭىز قەدىمكى قول يازمىلىرى ئارىسىدا گرېك تىلىدىكى لاۋىيلار كىتابىنىڭ بىر پارچىسىدا، خۇدانىڭ ئىسىمىنىڭ «يائو» ئاھاڭ تەرجىمىسى بار. قەدىمقى گرېك يازغۇچىلار «يائې»، «يابې» ۋە «يائوئې» دېگەن تەلەپپۇزلارنى ئىشلىتىشنىمۇ تەۋسىيە قىلغان. لېكىن، قەدىمقى ئىبرانىي تىلىدا، بۇ ئىسىم ئۇنداق ياكى بۇنداق تەلەپپۇز قىلىنغانلىقىغا ھېچقانداق دەلىل-ئىسپات يوق. *
خۇدانىڭ ئىسىمى ھەققىدىكى ناتوغرا پىكىرلەر
ناتوغرا پىكىر: تەرجىمانلار ئۆزلىرى مۇقەددەس يازمىلارغا «يەھۋا» دېگەن ئىسىمىنى قوشۇپ قويغان.
ھەقىقەت: مۇقەددەس كىتابتا خۇدانىڭ ئىسىمى تېتراگرامماتون (تۆت ھەرىپ) شەكلىدە تەخمىنەن 7000 مىڭ قېتىم ئۇچرايدۇ *. مۇقەددەس يازمىلارنىڭ كۆپىنچە تەرجىمىلىرىدە، خۇدانىڭ ئىسىمى ئەتەي ئېلىنىپ تاشلىنىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا «پەرۋەردىگار»، «خۇدا» دېگەندەك نام-ئۇنۋان يېزىلىپ قويۇلغان.
ناتوغرا پىكىر: ھەممىگە قادىر ئاللا ئالاھىدە بىر ئىسىمىغا مۇھتاج ئەمەس
ھەقىقەت: خۇدا ئۆزى پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ئۆزىنىڭ خاس ئىسىمىنى مۇقەددەس يازمىلارغا نەچچە مىڭ قېتىم يازدۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇ ئۆز خىزمەتچىلىرىنى بۇ ئىسىمىنى ئاتاپ چاقىرىشقا ئۈندىگەن (يەشايا 42:8؛ يوئېل 2:32؛ مالاكى 3:16؛ رىملىقلارغا 10:13). ئۇنىڭدىن باشقا، ساختا پەيغەمبەرلەر خەلقنى خۇدانىڭ ئىسىمىنى ئۇنتۇلدۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىقى ئۈچۈن، ھەممىگە قادىر ئاللا ئۇلارغا ھۆكۈم ئېلان قىلغان (يەرەمىيا 23:27).
ناتوغرا پىكىر: يەھۇدىيلارنىڭ ئەنئەنىسى بويىچە، خۇدانىڭ ئىسىمى مۇقەددەس يازمىلاردىن ئېلىنىپ تاشلىنىشى كېرەك.
ھەقىقەت پىكىر: گەرچە بەزى يەھۇدىي نۇسخا كۆچۈرگۈچىلەر خۇدانىڭ ئىسىمىنى تەلەپپۇز قىلىشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنى ئۆز كۆچۈرمە نۇسخىلىرىدىن چىقىرىپ تاشلىمىغان. مەيلى قانداق بولسۇن، خۇدا ئۇنىڭ ئەمىر-پەرمانلىرىغا زىت بولغان ئىنسانىي ئۆرپ-ئادەتلەرگە ئەمەل قىلىشىمىزنى خالىمايدۇ (مەتتا 15:1—3)
ناتوغرا پىكىر: قەدىمىي ئىبرانىي تىلىدا خۇدانىڭ ئىسىمى قانداق توغرا تەلەپپۇز قىلىنىدىغانلىقى نامەلۇم بولغاچقا، مۇقەددەس يازمىلاردا ئۇنى ئىشلىتىشنىڭ كېرىكى يوق.
ھەقىقەت: بەزىلەر خۇدا ھەرخىل تىللاردا سۆزلەيدىغان كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ خاس ئىسىمىنى بىرخىل تەلەپپۇز قىلىشىنى خالايدۇ دەپ ئويلايدۇ. بىراق، مۇقەددەس كىتابتىن بىلگىنىمىزدەك، ھەرخىل تىللاردا سۆزلەيدىغان خۇدانىڭ قەدىمقى خىزمەتچىلىرى شۇ خاس ئىسىملارنى ھەرخىل تەلەپپۇز قىلغان.
مىسال سۈپىتىدە، ئىسرائىل خەلقىگە ھاكىملىق قىلغان يەشۇئانىڭ ئىسىمنى ئالايلى. بىرىنچى ئەسىردىكى ئىبرانىيچە سۆزلەيدىغان مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى بۇ ئىسىمنى «يەھوشۇئا»، گرېكچە سۆزلەيدىغانلار بولسا، «يىئېسۇس» دەپ تەلەپپۇز قىلغان. مۇقەددەس كىتابتا ئىبرانىيچە يەشۇئا دېگەن ئىسىمىنىڭ گرېك تىلىدىكى تەرجىمىسى كەلتۈرۈلگەن. دېمەك، بۇ مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى خاس ئىسىملارنى ئۆز تىللىرىدا ئومۇملاشقان ئىسىملار سۈپىتىدە تەلەپپۇز قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ (ئەلچىلەر 7:45؛ ئىبرانىيلارغا 4:8).
خۇدانىڭ ئىسىمىنى تەلەپپۇز قىلىشتا شۇنىڭغا ئوخشاش پرىنسىپ قوللىنىلىدۇ. خۇدانىڭ ئىسىمىنىڭ قانداق تەلەپپۇز قىلىنىشىنى ئېنىقلاشقا قارىغاندا مۇقەددەس شۇ خاس ئىسىمنىڭ يازمىلارنىڭ ئەسلى نۇسخىسىدا ئۆز ئورنىدا تۇرۇشى مۇھىمراق.
^ خۇدانىڭ خاس ئىسىمى ئۇيغۇرچە مۇقەددەس يازمىلارنىڭ زەبۇر كىتابىدا بىرىنچى قېتىم تەخمىنەن 20-ئەسىردە چاغاتاي (1950-يىل نەشىر قىلىنغان) تەرجىمىسىدە كەلتۈرۈلگەن. زەبۇر 83:18-ئايىتىدە «يھواھ» شەكلىدە قوللىنىلغان (چاغاتاي يېزىقىدا «ئوا» ھەرىپلىرى قوشۇلۇپ يېزىلغاندا، «ۋ» ھەرىپىنى بىلدۈرۈپ، «ۋ» دەپ ئوقۇلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن «يھواھ» «يھۋاە» دەپ ئوقۇلىدۇ). ۋاقىت ئۆتكەنسېرى ئۇيغۇر تىلى ئۆزگەردى ۋە خۇدانىڭ ئىسىمىنىڭ تەلەپپۇزى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. مەسىلەن، 2005-يىلى تۈركىيىدىكى «مۇقەددەس كىتاب» جەمئىيىتى نەشىر قىلغان ئۇيغۇرچە مۇقەددەس كىتابنىڭ ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 22-باب 14-ئايەتتە، خۇدانىڭ ئىسىمى«ياھۋە» دېگەن شەكىلدە قوللىنىلغان. مۇقەددەس كىتابنىڭ «مۇقەددەس كالام» دەپ ئاتىلىدىغان ئەڭ زامانىۋىي تەرجىمىسىدە، ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 22-باب 14-ئايەتتە، خۇدا ئىسىمى «ياھۋەھ» دېگەن شەكىلدە ئۇچرايدۇ.
^ بىر ئىنسىكلوپېدىيىدە: «بابىلدىكى ئەسىرلىكتىن ئازات بولۇپ كۆپ ئۆتمەي، يەھۇدىيلار «ياھۋەھ» دېگەن ئىسىمىغا ئالاھىدە ھۆرمەت-ئېھتىرام كۆرسىتىپ، بۇ ئىسىمىنىڭ ئورنىغا «ئادوناي» ياكى «ئىلوھىم» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلىتىشكە ئادەتلەنگەن ئىدى»،— دەپ يېزىلغان (”The New Catholic Encyclopedia”، ئىككىنچى نەشىر، 14-توم، 883—884 ب.)
^ كۆپرەك مەلۇماتلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن «مۇقەددەس كىتاب. مەدھىيە تەرجىمىسىدىكى» 4ا قوشۇمچىسىنىڭ «ئىبرانىي يازمىلىرىدىكى خۇدانىڭ ئىسىمى» ناملىق ماۋزۇغا قاراڭ.
^ ”Theological Lexicon of the Old Testament”، 2-توم، 523، 524-بەتلىرىگە قاراڭ.