مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھاياتنى ئۆزگە‌رتىدۇ

مە‌ن ھازىر باشقىلارغا ياردە‌م بېرە‌لە‌يمە‌ن

مە‌ن ھازىر باشقىلارغا ياردە‌م بېرە‌لە‌يمە‌ن
  • تۇ‌غۇ‌لغان يىلى:‏ 1981

  • دۆلىتى:‏ گۋاتېمالا

  • قىسقىچە مە‌لۇ‌مات:‏ پاجىئە‌لىك بالىلىق چاغ

ئۆتمۈشتىكى ھاياتىم:‏

مە‌ن گۋاتېمالانىڭ غە‌ربىدىكى تاغلىق رايونغا جايلاشقان ئاكۇ‌ل دە‌پ ئاتىلىدىغان شە‌ھە‌ردە تۇ‌غۇ‌لدۇ‌م.‏ ئائىلە‌م ماييا مىللىتىنىڭ ئىشىل قوۋمىگە مە‌نسۇ‌پ كىشىلە‌ر ئىدى.‏ ئىسپان تىلىدىن باشقا يە‌نە ئانا تىلىمدا سۆزلە‌پ چوڭ بولغان ئىدىم.‏ مە‌ن تۇ‌غۇ‌لغان چاغدا،‏ گۋاتېمالادا ئىچكى ئۇ‌رۇ‌ش يۈر بېرىۋاتقان ئىدى.‏ دە‌ھشە‌تلىك ئۇ‌رۇ‌ش 36 يىل داۋام قىلىدى.‏ بۇ رە‌ھىمسىز ئۇ‌رۇ‌شتا ئىشىل خە‌لقىدىن نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر ھاياتىدىن ئايرىلدى.‏

4 ياش ۋاقتىمدا،‏ 7 ياشلىق ئاكام تېپىۋالغان قول بومبىسىنى ئويناۋاتقاندا،‏ شۇ بومبا توساتتىن پارتىلاپ كە‌تتى.‏ شۇ پاجىئە‌لىك ۋە‌قە‌دە،‏مە‌ن قارغۇ بولۇ‌پ قالدىم،‏ ئاكام بولسا ئۆلۈپ كە‌تتى.‏ شۇ سە‌ۋە‌ب،‏ بالىلىق چاغلىرىم گۋاتېمالا شە‌ھىرىدىكى قارغۇ بالىلارنىڭ مە‌كتىپىدە ئۆتتى ۋە ئۇ يە‌ردە ئە‌مالار يېزىقىنى ئوقۇ‌شنى ئۆگە‌ندىم.‏ ئۇ يە‌ردىكى ئوقۇ‌تقۇ‌چىلار مېنىڭ باشقا بالىلار بىلە‌ن پاراڭلىشىشىمغا رۇ‌خسە‌ت بە‌رمە‌يتتى،‏ شۇ‌ڭا ھە‌ممىسى مېنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇ‌راتتى.‏ ئۆزۈمنى شۇ‌نچىلىك يالغۇ‌ز ھېس قىلاتتىم.‏ شۇ‌ڭا ھە‌ر يىلى ئۆيگە بېرىپ،‏ ئاپام بىلە‌ن بىللە ئۆتكۈزىدىغان ئىككى ئايلىق ۋاقىتنى تە‌قە‌ززالىق بىلە‌ن كۈتە‌تتىم.‏ ئاپام مېھرىبان ئايال ئىدى،‏ ئۇ دائىم ماڭا كۆيۈنە‌تتى ۋە كۆڭۈل بۆلە‌تتى.‏ بە‌ك ئە‌پسۇ‌س،‏ 10 يېشىمدا ئاپام ئالە‌مدىن ئۆتتى.‏ بۇ دۇ‌نيادا بىردىن-‏بىر ماڭا سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىدىغان كىشىدىن ئايرىلىپ قىلىپ،‏ ئازابلىنىپ قان يىغلىدىم.‏

11 يېشىمدا ئۆز يۇ‌رتۇ‌مغا قايتتىم ۋە ئۆگە‌ي ئاكامنىڭ ئائىلىسى بىلە‌ن بىللە ياشاشقا باشلىدىم.‏ ئۇ‌لار قورسىقىمنى ئاچ،‏ ئۇ‌چامنى كىيىم-‏كېچە‌كسىز قويمىغان بولسىمۇ،‏ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىمغا ھېچكىم ياردە‌م بېرە‌لمە‌يتتى.‏ بە‌زىدە:‏ «نېمە ئۈچۈن ئاپام ئۆلۈپ كېتىدۇ؟‏ نېمە ئۈچۈن مە‌ن قارغۇ بولۇ‌پ قالدىم؟‏»—‏ دە‌پ خۇ‌دادىن سورايتتىم.‏ ئادە‌ملە‌ر بۇ ئاللانىڭ ئىرادىسى دېيىشە‌تتى.‏ شۇ‌ڭا،‏ مە‌ن خۇ‌دا شە‌پقە‌تسىز،‏ ئادالە‌تسىز ئىكە‌ن دېگە‌ن خۇ‌لاسىگە كە‌لگە‌ن ۋە ئۆزۈمنى ئۆلتۈرۈۋېلىشنى ئويلىغان ئىدىم.‏

قارغۇ بولغىنىم ئۈچۈن،‏ مە‌ن جىسمانىي ۋە ھېسسىي جە‌ھە‌تتىن بە‌ك ئاجىز ئىدىم.‏ بالىلىق چېغىمدا بىرقانچە قېتىم جىنسىي خورلاشقا ئۇ‌چۇ‌ردۇ‌م.‏ بۇ توغرۇ‌لۇ‌ق باشقىلارغا ئېيتماي يۈردۈم.‏ چۈنكى،‏ ھېچكىم بۇ‌نىڭغا كۆڭۈل بۆلمە‌يدۇ دە‌پ ئويلايتتىم.‏ ئادە‌ملە‌ر ماڭا كە‌مدىن-‏كە‌م سۆز قىلاتتى ۋە مېنىڭمۇ ھېچكىم بىلە‌ن پاراڭلاشقۇ‌م كە‌لمە‌يتتى.‏ مە‌ن باشقىلاردىن ئۆزۈمنى قاچۇ‌راتتىم،‏ چۈشكۈنلۈككە چۈشۈپ قالغان ئىدىم ۋە ھېچكىمگە ئىشە‌نمە‌يتتىم.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھاياتىمنى ئۆزگە‌رتتى:‏

13 يېشىمدا،‏ مە‌كتە‌پتە تە‌نە‌پپۇ‌س ۋاقتىدا ئە‌ر-‏ئايال يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى يېنىمغا كە‌لدى.‏ بىر ئوقۇ‌تقۇ‌چۇ‌م ماڭا ئىچى ئاغرىپ،‏ شۇ ئە‌ر-‏ئايالدىن مېنى يوقلاپ كېلىشنى سورىغان ئىكە‌ن.‏ ئۇ‌لار ماڭا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن ئۆلۈكلە‌ر تىرىلىدۇ ۋە قارغۇ‌لارنىڭ كۆزلىرى ئېچىلىدۇ دېگە‌ن ۋە‌دىلە‌رنى ئېيتىپ بە‌ردى (‏يە‌شايا 35:‏5؛‏ يۇ‌ھاننا 5:‏28،‏ 29‏)‏.‏ ئۇ‌لارنىڭ ئېيتقانلىرىنى بە‌ك ياقتۇ‌راتتىم،‏ بىراق ئادە‌تتە ئادە‌ملە‌ر بىلە‌ن پاراڭ قىلمىغاچ شۇ ئە‌ر-‏ئايال بىلە‌ن پاراڭلىشىش قىيىن بولدى.‏ ئۇ‌لاردىن ئۆزۈمنى قاچۇ‌رغىنىمغا قارىماستىن،‏ ئۇ‌لار مېھرىبانلىق ۋە سە‌ۋرچانلىق بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ھە‌قىقە‌تلە‌رنى ئۆگىتىش ئۈچۈن مېنى يوقلاپ كېلىشنى داۋاملاشتۇ‌ردى.‏ ئۇ‌لار مە‌ن ياشايدىغان شە‌ھە‌رگە كېلىش ئۈچۈن تاغدىن ھالقىپ،‏ 10 كىلومېتىردىن كۆپرە‌ك يول مېڭىشقا توغرا كە‌لگە‌ن ئىدى.‏

ئۆگە‌ي ئاكامنىڭ ئېيتىشىچە،‏ بۇ ئە‌ر-‏ئايال پاكىز-‏رە‌تلىك كىيىنگە‌ن،‏ لېكىن ئانچە باي ئە‌مە‌س كىشىلە‌ر ئىدى.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ‌لار دائىم ماڭا سە‌مىمىي قىزىقىش كۆرسىتىپ،‏ ھە‌تتا كىچىك سوۋغاتلارنى بېرىپ تۇ‌راتتى.‏ ئۇ‌لارنىڭ ماڭا بولغان ياخشى مۇ‌ئامىلىسىنى ھېس قىلىپ،‏ پە‌قە‌ت خۇ‌دانىڭ ھە‌قىقىي خىزمە‌تچىلىرى بۇ‌نداق مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تلىك ئىشلارنى قىلىدۇ دە‌پ ئويلىدىم.‏

مە‌ن ئە‌مالار يېزىقىدا نە‌شىر قىلىنغان كىتاب-‏ژۇ‌رناللارنىڭ ياردىمىدە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىپ ئۆگە‌ندىم.‏ گە‌رچە ئە‌قلىم بىلە‌ن ئۆگە‌نگە‌نلىرىمنى چۈشە‌نسە‌ممۇ،‏ قە‌لبىمدە بە‌زى نە‌رسىلە‌رنى قوبۇ‌ل قىلىش تە‌س بولغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ خۇ‌دانىڭ ماڭا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىغا ۋە قېرىنداشلارنىڭ خۇ‌ددى خۇ‌دا كۆرسە‌تكە‌ندە‌ك،‏ ماڭا سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىدىغانلىقىغا ئىشە‌نمە‌يتتىم.‏ مە‌ن باشتىن ئۆتكۈزگە‌ن ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رگە يە‌ھۋانىڭ نېمە ئۈچۈن ۋاقىتلىق يول قويۇ‌ۋاتقانلىقىنى چۈشە‌نگە‌ن،‏ بىراق ئۇ‌نى كۆيۈمچان ئاتا سۈپىتىدە قوبۇ‌ل قىلىش ماڭا قىيىن بولغان ئىدى.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن ئالغان بىلىملە‌ر ئاستا-‏ئاستا ھاياتقا بولغان كۆز قارىشىمنى ئۆزگە‌رتتى.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ خۇ‌دانىڭ ئازاب چە‌ككە‌ن ئىنسانلارغا چوڭقۇ‌ر ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقى ھە‌ققىدە بىلىۋالدىم.‏ قوپال مۇ‌ئامىلىگە دۇ‌چ كە‌لگە‌ن خىزمە‌تچىلىرى ھە‌ققىدە خۇ‌دا مۇ‌نداق دە‌پ ئېيتقان:‏ «مە‌ن خە‌لقىم ئىسرائىللارنىڭ مىسىردا خارلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم.‏ .‏ .‏ .‏ ئۇ‌لارنىڭ ئازاب تارتىۋاتقانلىقىنى بىلىمە‌ن» (‏چىقىش 3:‏7‏)‏.‏ مە‌ن يە‌ھۋانىڭ كۆرسە‌تكە‌ن مېھىر-‏شە‌پقىتىنى چۈشىنىپ يە‌تكە‌چ،‏ ھاياتىمنى ئۇ‌نىڭغا بېغىشلاشنى قارار قىلدىم.‏ 1988-‏يىلى سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈپ،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى بولدۇ‌م.‏

مېنى ئۆز ئائىلىسىگە قوبۇ‌ل قىلغان بۇ‌رادە‌ر بىلە‌ن بىرگە تۇ‌رىمە‌ن

چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈپ،‏ بىر يىلدىن كېيىن ئېسىكۋىنتىلا شە‌ھىرىگە يېقىن ئە‌مالارنى تە‌ربىيلە‌ش كۇ‌رسىغا ئوقۇ‌شقا چۈشتۈم.‏ ئۇ يە‌ردىكى ئاقساقاللاردىن بىرى مېنىڭ ئۆز يۇ‌رتۇ‌مدا ياشاۋاتقاندا،‏ جامائە‌ت يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىش ئۈچۈن مېنىڭ قانچىلىك جاپا تارتىدىغانلىقىمدىن خە‌ۋە‌ر تاپقان.‏ سىزگە ئېيتسام،‏ ئە‌ڭ يېقىن جامائە‌ت مە‌ن بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆگىنىشىنى ئۆتكۈزگە‌ن يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى ياشايدىغان تاغنىڭ ئارقىسىدا ئىدى ۋە مە‌ندە‌ك كۆزى كۆرمە‌س كىشىگە سە‌پە‌ر قىلىش بە‌ك قىيىن ئىدى.‏ بۇ ئاقساقال ماڭا ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن،‏ ئېسىكۋىنتىلا شە‌ھىرىدە مېنى ئۆز ئۆيىدە تۇ‌رغۇ‌زۇ‌شقا ۋە يىغىلىشلارغا قاتنىشىشىمغا ياردە‌م بېرىشكە تە‌ييار بولغان گۇ‌ۋاھچىلارنى تاپتى.‏ شۇ كۈندىن باشلاپ تا ھازىرغىچە،‏ ئۇ‌لار ماڭا ئۆز ئائىلە ئە‌زاسىدە‌ك غە‌مخورلۇ‌ق قىلىپ كە‌لمە‌كتە.‏

ئېتىقادداشلار ماڭا سە‌مىمىي مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى قانداق كۆرسە‌تكە‌نلىكى ھە‌ققىدە يە‌نە كۆپ مىساللارنى كە‌لتۈرۈشكە بولىدۇ.‏ ئۇ‌لارنىڭ ماڭا قىلغان ياخشىلىقلىرى مېنى خۇ‌دانىڭ ھە‌قىقىي خىزمە‌تچىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئىكە‌نلىكىمگە ئىشە‌ندۈردى.‏—‏يۇ‌ھاننا 13:‏34،‏ 35‏.‏

ھاياتىم ئۆزگە‌ردى:‏

ئە‌مدى مە‌ن ئۆزۈمنى كېرە‌كسىز ۋە ئۈمىدسىز ھېس قىلمايمە‌ن.‏ ھازىر مە‌نىلىك ھايات كە‌چۈرىۋاتىمە‌ن.‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ تولۇ‌ق ۋاقىتلىق خىزمە‌تچىسى سۈپىتىدە،‏ مە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلانغان تە‌لىم بېرىش ئىشىغا قاتنىشىۋاتىمە‌ن.‏ ئۆز ئاجىزلىقلىرىمغا ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى باشقىلارغا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى قىممە‌تلىك ھە‌قىقە‌تلە‌رنى ئۆگىتىشكە كۆپرە‌ك دىققە‌ت ئاغدۇ‌رۇ‌ۋاتىمە‌ن.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ مە‌ن جامائە‌تتە ئاقساقال بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىش ۋە كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلانغان نۇ‌تۇ‌قلارنى ئېيتىش ۋە ھە‌تتا چوڭ يىغىلىشلاردا،‏ يە‌نى مىڭلىغان كىشىلە‌ر ئالدىدا نۇ‌تۇ‌قلارنى ئېيتىش شان-‏شە‌رىپىگە ئىگە بولدۇ‌م.‏

ئە‌مالار يېزىقىدا نە‌شىر قىلىنغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ياردىمىدە نۇ‌تۇ‌ق ئېيتىمە‌ن

2010-‏يىلى،‏ مە‌ن سالۋادور شە‌ھىرىدە ئۆتكۈزۈلگە‌ن «خىزمە‌ت ماھارىتىنى ئاشۇ‌رۇ‌ش مە‌كتىپىدە» (‏ھازىر «‏پادىشاھلىق ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلىرىنى تە‌ربىيىلە‌ش مە‌كتىپى‏» دە‌پ ئاتىلىدۇ)‏ ئوقۇ‌شنى تاماملىدىم.‏ بۇ مە‌كتە‌پ جامائە‌تتىكى مە‌سئۇ‌لىيە‌تلىرىمنى ياخشىراق ئورۇ‌نلاشقا تە‌ييارلىدى.‏ بۇ‌نداق تە‌لىم-‏تە‌ربىيىلە‌رنى ئېلىپ،‏ يە‌ھۋا مېنى قانچىلىك قە‌دىرلە‌يدىغانلىقىنى ۋە ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم.‏ شۇ‌نداقلا ئۇ ئۆز ئىشىنى ئورۇ‌نلاش ئۈچۈن ھە‌رقانداق ئىنساننى تە‌ربىيىلە‌پ تە‌ييارلىيالايدىغانلىقىنى چۈشە‌ندىم.‏

ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌ر:‏ «بە‌رمە‌ك ئالماقتىنمۇ زور بە‌ختتۇ‌ر»،‏—‏ دە‌پ ئېيتقان (‏ئە‌لچىلە‌ر 20:‏35‏)‏.‏ بۈگۈنكى كۈندە،‏ مە‌ن ئۆزۈمنى ھە‌قىقە‌تە‌ن بە‌ختلىك دە‌پ ئېيتالايمە‌ن ۋە ئىلگىرى بۇ مۇ‌مكىن ئە‌مە‌س بولۇ‌پ كۆرۈنگە‌ن بولسىمۇ،‏ ئە‌مدى باشقىلارغا ياردە‌م بېرە‌لە‌يمە‌ن.‏