مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھاياتنى ئۆزگە‌رتىدۇ

ئۆلۈپ كېتىشنى خالىمىغان ئىدىم!‏

ئۆلۈپ كېتىشنى خالىمىغان ئىدىم!‏
  • تۇ‌غۇ‌لغان يىلى:‏ 1964

  • دۆلىتى:‏ ئە‌نگلىيە

  • قىسقىچە تارىخى:‏ ئىسىيانچى ئۆسمۈر ئانا

ئۆتمۈشتىكى ھاياتىم

مە‌ن لوندون شە‌ھىرىنىڭ ئاھالىسى زىچ جايلاشقان پاددىڭتون رايونىدا تۇ‌غۇ‌لدۇ‌م.‏ مە‌ن،‏ ئاپام ۋە ئۈچ ئاچام بىللە تۇ‌راتتۇ‌ق.‏ دادام ھاراقكە‌ش بولغاچ،‏ كىچىكىمدىن تاكى چوڭ بولغىچە،‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرگە‌ن ۋاقتىم بە‌ك ئاز بولغان.‏

بالىلىق چېغىمدا،‏ ئاپام ماڭا ئۇ‌خلاشنىڭ ئالدىدا دۇ‌ئا قىلىشنى ئۆگە‌تكە‌ن.‏ مېنىڭدە پە‌قە‌ت زە‌بۇ‌ر كىتابىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىچىككىنە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بار ئىدى.‏ بۇ كىتابقا ئاساسلىنىپ،‏ مە‌ن ئۆزۈم ناخشىلارنى ئىجاد قىلىپ ئېيتاتتىم.‏ بىر كۈنى مە‌ن بىر كىتابتا يېزىلغان سۆزلە‌رنى ئوقۇ‌غىنىمدا،‏ ئۇ‌لار مېڭە‌مگە كىرىۋېلىپ،‏ ئېسىمدىن چىقمايتتى:‏ «ھامان بىر كۈنى ئە‌تە بولمايدۇ».‏ بۇ گە‌پ ماڭا ئارام بە‌رمە‌يتتى ۋە كېچىچە ئۇ‌خلىماي،‏ ئۆز-‏ئۆزۈمدىن:‏ «ھاياتنىڭ مە‌نىسى بولۇ‌شى كېرە‌ك.‏ نېمە ئۈچۈن دۇ‌نياغا كە‌لدىم؟‏»—‏ دە‌پ سوراپ،‏ كېلە‌چە‌ك توغرىسىدا دائىم ئويلايتتىم.‏ مە‌ن ئۆلۈپ كېتىشنى خالىمايتتىم!‏

سېھىرگە‌رلىككە قىزىقىدىغان بولدۇ‌م.‏ ئۆلگە‌نلە‌ر بىلە‌ن پاراڭلىشىشقا تىرىشاتتىم.‏ مە‌كتە‌پتىكى دوستلىرىم بىلە‌ن قە‌برىستانلىقلارغا باراتتۇ‌ق ۋە ئۇ‌لار بىلە‌ن بىللە قۇ‌رقۇ‌نچلۇ‌ق فىلىملە‌رنى كۆرە‌تتۇ‌ق.‏ بۇ‌لارنىڭ ھە‌ممىسى بىز ئۈچۈن ھە‌م قىزىقارلىق ھە‌م قورقۇ‌نچلۇ‌ق ئىدى.‏

10 يېشىمدا يامان يولغا كىرىپ قالدىم.‏ تاماكا چېكىشكە باشلاپ،‏ دە‌رھاللا تاماكىغا خۇ‌مار بولۇ‌پ قالدىم.‏ كېيىنرە‌ك،‏ زە‌ھە‌ر چېكىشكە باشلىدىم.‏ 11 يېشىمدا ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلە‌رنى تېتىپ باققان ئىدىم.‏ تە‌مىنى ياقتۇ‌رمىغان بولسىمۇ،‏ مە‌ست قىلىدىغان تە‌سىرىنى ياقتۇ‌ردۇ‌م.‏ مە‌ن ناخشا-‏مۇ‌زىكىغا ۋە ئۇ‌سۇ‌ل ئويناشقا ئامراق ئىدىم.‏ پۇ‌رسە‌تنى قولدىن بە‌رمە‌ي،‏ ئولتۇ‌رۇ‌شلارغا ۋە كە‌چلىك كۇ‌لۇ‌بلارغا باراتتىم.‏ كېچىچە سىرتلاردا يۈرۈپ،‏ تاڭ سە‌ھە‌ردە ئۆيگە قايتىپ كېلە‌تتىم.‏ ئە‌تىسى چارچاپ،‏ قاتتىق ئۇ‌يقۇ‌م كېلىپ،‏ مە‌كتە‌پكە بارمايتتىم.‏ مە‌كتە‌پكە بارغان تە‌قدىردىمۇ،‏ دائىم تە‌نە‌پپۇ‌سلاردا ھاراق ئىچە‌تتىم.‏

مە‌كتە‌پنى بە‌ك تۆۋە‌ن نە‌تىجە بىلە‌ن تاماملىدىم.‏ مېنىڭ يامان يولغا كىرىپ كە‌تكە‌نلىكىمدىن خە‌ۋىرى يوق ئاپام بۇ‌نى ئاڭلاپ،‏ ماڭا قاتتىق ئاچچىقلاندى.‏ بىز قاتتىق تاكاللىشىپ كە‌تتۇ‌ق ۋە مە‌ن ئۆيدىن قېچىپ كە‌تتىم.‏ بىر مە‌زگىل ئوغۇ‌ل دوستۇ‌م تونى بىللە تۇ‌ردۇ‌م.‏ ئۇ ئۇ‌ششاق-‏چۈششە‌ك نە‌رسىلە‌رنى ئوغۇ‌رلايتتى ۋە زە‌ھە‌ر ساتاتتى،‏ كىشىلە‌ر ئارىسىدا ئۇ ئىنتايىن شە‌پقە‌تسىز ئادە‌م دېگە‌ن نام-‏ئاتىقى بار ئىدى.‏ كۆپ ئۆتمە‌ي،‏ مە‌ن ھامىلدار بولۇ‌پ،‏ 16 يېشىمدا ئوغلىمىزنى تۇ‌غدۇ‌م.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھاياتىمنى ئۆزگە‌رتتى

توي قىلمىغان ئانىلار بىلە‌ن بوۋاقلار ياتاقخانىسىدا تۇ‌رغان مە‌زگىلدە،‏ بىرىنچى قېتىم يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنى ئۇ‌چراتتىم.‏ يە‌رلىك ھۆكۈمە‌ت ماڭا بىر بۆلۈمنى ئاجرىتىپ بە‌ردى.‏ ئىككى ئايال يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى كېلىپ،‏ باشقا ياش ئانىلارنى يوقلاپ تۇ‌راتتى.‏ بىر كۈنى مە‌ن ئۇ‌لارنىڭ مۇ‌ھاكىمىسىگە قاتناشتىم.‏ مە‌ن ئۇ‌لارغا گۇ‌ۋاھچىلار ئادىشىپ كە‌تكە‌نلىكىنى ئىسپاتلاپ بە‌رمە‌كچى ئىدىم.‏ بىراق،‏ ئاشۇ ئاياللار مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئىشلىتىپ،‏ سە‌ۋرچانلىق بىلە‌ن كۆپلىگە‌ن سوئاللىرىمغا ئېنىق جاۋابلارنى بە‌ردى.‏ ئۇ‌لار شۇ‌نچىلىك ئاقكۆڭۈل ۋە مۇ‌لايىم ئىدى.‏ مە‌ن ئۇ‌لارنى ياقتۇ‌رۇ‌پ قالدىم.‏ شۇ‌ڭا،‏ مە‌ن ئۇ‌لار بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىپ ئۆگىنىشكە باشلىدىم.‏

كۆپ ئۆتمە‌ي،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن ئۆگە‌نگە‌نلىرىم ھاياتىمنى ئۆزگە‌رتتى.‏ بالىلىق چېغىمدىن ئۆلۈمدىن قورقاتتىم.‏ مانا ئە‌مدى،‏ ئە‌يسانىڭ تىرىلىش ھە‌ققىدىكى تە‌لىمىنى بىلىۋالدىم (‏يۇ‌ھاننا 5:‏28،‏ 29‏)‏.‏ شۇ‌نىڭدە‌ك،‏ يە‌ھۋانىڭ شە‌خسە‌ن ماڭا غە‌مخورلۇ‌ق قىلىدىغانلىقىنى چۈشە‌ندىم (‏پېترۇ‌سنىڭ 1-‏خېتى 5:‏7‏)‏.‏ بولۇ‌پمۇ،‏ يە‌رە‌مىيا 29:‏11-‏ئايە‌تتىكى خۇ‌دانىڭ سۆزلىرى ماڭا قاتتىق تە‌سىر قىلدى:‏ «مە‌ن سىلە‌رگە نېمە ئىشلارنى ئورۇ‌نلاشتۇ‌رغانلىقىمنى بىلىمە‌ن.‏ مە‌ن سىلە‌رگە شۇ‌نى ئېيتىپ قويايكى،‏ مېنىڭ سىلە‌رگە زە‌خمە‌ت يە‌تكۈزىدىغان ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى سىلە‌رنى گۈللە‌ندۈرۈپ،‏ ئۈمىدكە تولغان كە‌لگۈسىنى ئاتا قىلىدىغان ئورۇ‌نلاشتۇ‌رۇ‌شۇ‌م بار».‏ مە‌ن يە‌ر يۈزىدىكى جە‌ننە‌تتە ياشاش ئۈمىدىگە ئېرىشتىم.‏—‏زە‌بۇ‌ر 37:‏29‏.‏

يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى ماڭا سە‌مىمىي مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏ بىرىنچى قېتىم ئۇ‌لارنىڭ يىغىلىشىغا بارغان ۋاقىت ھېلىمۇ ئېسىمدە،‏ ئۇ يە‌ردە ئىللىق ۋە دوستانە كە‌يپىيات ھۆكۈم سۈرگە‌ن ئىدى (‏يۇ‌ھاننا 13:‏34،‏ 35‏)‏.‏ مە‌ن ئىلگىرى چىركاۋدا دە‌ل ئە‌كسىچە مۇ‌ئامىلىگە ئۇ‌چرىغان ئىدىم.‏ گۇ‌ۋاھچىلار شارائىتلىرىمغا قارىماي،‏ ماڭا مېھرىبانلىق بىلە‌ن مۇ‌ئامىلە قىلاتتى.‏ ئۇ‌لار ۋاقىت چىقىرىپ ماڭا كۆڭۈل بۆلە‌تتى ۋە ياردە‌م قولىنى سۇ‌ناتتى.‏ مە‌ن ئۆزۈمنى مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت تولغان چوڭ بىر ئائىلىنىڭ ئە‌زاسىدە‌ك ھېس قىلدىم.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگە‌نگە‌ندە‏،‏ خۇ‌دانىڭ يۇ‌قىرى تە‌لە‌پ-‏ئۆلچە‌ملىرىگە ماس ياشاش ئۈچۈن ھاياتىمنى ئۆزگە‌رتىشىم كېرە‌كلىكىنى چۈشە‌ندىم.‏ قىيىن بولغان بولسىمۇ،‏ تاماكا چېكىشنى تاشلىدىم.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن بىرگە،‏ بە‌زى مۇ‌زىكىلارنىڭ زە‌ھە‌ر چېكىش ئىستىكىمنى كۈچە‌يتىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يە‌تتىم.‏ شۇ‌ڭا،‏ مە‌ن شۇ‌نداق مۇ‌زىكىنى تىڭشاشنى توختاتتىم.‏ مە‌س بولغىچە ئىچىش ۋە‌سۋە‌سىسىگە بېرىلمە‌سلىك ئۈچۈن،‏ ئولتۇ‌رۇ‌شلارغا ۋە كە‌چلىك كۇ‌لۇ‌بلارغا بېرىشنى توختاتتىم.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ماڭا ياخشى تە‌سىر قىلىدىغان ۋە يۇ‌قىرى ئە‌خلاقىي ئۆلچە‌ملىرىگە ماس ھايات كە‌چۈرىدىغان دوستلارنى تاپتىم.‏—‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 13:‏20‏.‏

شۇ ۋاقىتتا،‏ تونىمۇ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆگىنىشىنى باشلىدى.‏ گۇ‌ۋاھچىلار مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلىنىپ،‏ ئۇ‌نىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بە‌ردى.‏ ئۇ ھە‌قىقە‌تنى تاپقانلىقىغا كۆز يە‌تتى.‏ تونى ھاياتىنى پۈتۈنلە‌ي ئۆزگە‌رتتى:‏ ئاغىنىلىرى بىلە‌ن ئالاقىسىنى توختاتتى،‏ ئۇ‌ششاق ئوغۇ‌رلۇ‌ق قىلمىشلىرىدىن قول ئۈزدى ۋە زە‌ھە‌ر چېكىشنى تاشلىدى.‏ بىز ئىككىمىز يە‌ھۋا خۇ‌دانى خۇ‌رسە‌ن قىلىش ئۈچۈن ئە‌خلاقسىز تۇ‌رمۇ‌شىمىزنى ئۆزگە‌رتتۇ‌ق ۋە ئوغلىمىزنى ئائىلە شاد-‏خۇ‌راملىقى ئىچىدە چوڭ قىلىش ئۈچۈن،‏ 1982-‏يىلى نىكاھىمىزنى قانۇ‌نلۇ‌ق تىزىملاتتۇ‌ق.‏

‏«ئە‌مدى كېلە‌چە‌ك ۋە ئۆلۈم ھە‌ققىدىكى كېچىچە غە‌م-‏تە‌شۋىشكە سالىدىغان ئوي-‏پىكىرلە‌ر مېنى قىينىمايدۇ»‏

ھاياتىمنى ئۆزگە‌رتىشنى خالىغاچ،‏ «كۈزىتىش مۇ‌نارى» ۋە «ئويغىنىش!‏»‏ a ژۇ‌رناللىرىدىن ماڭا ئوخشاش ھاياتىنى ئۆزگە‌رتە‌لىگە‌ن كىشىلە‌رنىڭ تە‌رجىمىھاللىرىنى ئىزدىگە‌نلىكىم ئېسىمدە.‏ بۇ‌نداق ھېكايىلە‌ر مېنى ھە‌قىقە‌تە‌ن ھاياجانلاندۇ‌راتتى!‏ ئۇ‌لار مېنى بوشاشماي كۈرە‌ش قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلاتتى.‏ مە‌ن يە‌ھۋادىن مېنى تاشلىماسلىقنى ئۆتۈنۈپ سورىغان ئىدىم.‏ 1982-‏يىلى،‏ ئىيۇ‌ل ئېيىدا تونى بىلە‌ن ئىككىمىز يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى سۈپىتىدە سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلدۇ‌ق.‏

ھاياتىم قانداق ياخشىلاندى؟‏

تە‌ڭرى يە‌ھۋا بىلە‌ن دوستلۇ‌ق ئورنىتىش جېنىمنى قۇ‌تقۇ‌زۇ‌پ قالدى.‏ قىيىن پە‌يتلە‌ردە،‏ تونى ئىككىمىز خۇ‌دانىڭ قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىگە‌نلىكىنى ھېس قىلاتتۇ‌ق.‏ مۈشكۈل كۈنلە‌ردە يە‌ھۋاغا ئىشە‌نچ باغلاشنى ئۆگە‌ندۇ‌ق ۋە ئۇ‌نىڭ ئائىلىمىزگە ھە‌مىشە يار-‏يۆلە‌ك بولغانلىقىنى ھېس قىلاتتۇ‌ق.‏—‏زە‌بۇ‌ر 55:‏22‏.‏

مە‌ن ئوغلىمىز ۋە قىزىمىزنىڭ يە‌ھۋانى چىن قە‌لبىدىن سۆيۈشنى ئۆگىنىشىگە ياردە‌م بېرە‌لىگە‌نلىكىمدىن خۇ‌شالمە‌ن.‏ ھازىر بولسا،‏ ئۇ‌لارمۇ بىزگە ئوخشاش ئۆز پە‌رزە‌نتلىرىنى خۇ‌دانى چىن قە‌لبىدىن سۆيۈشكە ئۆگىتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ،‏ كۆڭلۈم سۆيۈنۈپ كېتىدۇ.‏

ئە‌مدى كېلە‌چە‌ك ۋە ئۆلۈم ھە‌ققىدىكى كېچىچە غە‌م-‏تە‌شۋىشكە سالىدىغان ئوي-‏پىكىرلە‌ر مېنى قىينىمايدۇ.‏ تونى ئىككىمىز ھە‌ر ھە‌پتە يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ پە‌رقلىق جامائە‌تلىرىنى زىيارە‌ت قىلىپ،‏ ئېتىقادداشلىرىمىزغا ئىلھام بېرىمىز.‏ ئۇ‌لار بىلە‌ن بىرلىكتە باشقىلارنىڭمۇ مە‌ڭگۈ ياشاش ئۈمىدىگە ئېرىشىشى ئۈچۈن،‏ ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌رگە ئىشە‌نچ قىلىشقا ياردە‌م بېرىپ كېلىمىز.‏

a يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى نە‌شىر قىلغان.‏