مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

ئايالىم تابىتا ئىككىمىز ۋە‌ز خىزمە‌تتە

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھاياتنى ئۆزگە‌رتىدۇ

مە‌ن ئۈچۈن خۇ‌دا يوق ئىدى

مە‌ن ئۈچۈن خۇ‌دا يوق ئىدى
  • تۇ‌غۇ‌لغان يىلى:‏ 1974

  • دۆلىتى:‏ گېرمانىيە دېموكراتىك جۇ‌مھۇ‌رىيىتى

  • قىسقا مە‌لۇ‌مات:‏ ئاتېئىست

ئۆتمۈشتىكى ھاياتىم:‏

مە‌ن ساكسونىيىدىكى بىر يېزىدا دۇ‌نياغا كە‌لگە‌ن ئىدىم.‏ شۇ ۋاقىتتا،‏ ساكسونىيە،‏ گېرمانىيە دېموكراتىك جۇ‌مھۇ‌رىيىتىنىڭ زېمىنى ئىدى.‏ ئائىلىمىزدە مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ھۆكۈم سۈرگە‌ن.‏ ئاتا-‏ئانام ماڭا ئە‌دە‌ب-‏ئە‌خلاق ئۆلچە‌ملىرىنى سىڭدۈرگە‌ن.‏ گ د ج كوممۇ‌نىستىك دۆلە‌ت بولغان.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ ساكسونىيىدىكى كىشىلە‌رنىڭ كۆپىنچىسى دىننى مۇ‌ھىم دە‌پ قارىمايتتى.‏ مە‌نمۇ خۇ‌دانىڭ بار دېگە‌نگە ئىشە‌نمە‌يتتىم.‏ 18 يېشىمغىچە ئاتېئىزم ۋە كوممۇ‌نىزم ئىدىيىسىنى ئۆزۈمگە چوڭقۇ‌ر سىڭدۈرگە‌ن ئىدىم.‏

نېمە ئۈچۈن كوممۇ‌نىزم تە‌رە‌پدارى بولدۇ‌م؟‏ چۈنكى،‏ ئۇ‌نىڭدا بارچە ئىنسانلار تە‌ڭ،‏ باراۋە‌ر دە‌يدىغان ئىدىيە مېنى ئۆزىگە جە‌لپ قىلغانىدى.‏ بۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ بارلىق مال-‏مۈلۈكلە‌رنى ئادىل تە‌قسىم قىلىش ئىدىيىسى بايلار بىلە‌ن كە‌مبە‌غە‌للە‌ر ئارىسىدىكى بولۇ‌ۋاتقان چوڭ پە‌رقنى يوق قىلىدۇ،‏ دە‌پ ئويلىغان ئىدىم.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ مە‌ن كوممۇ‌نىستىك ياشلار تە‌شكىلاتىغا ئە‌زا بولدۇ‌م.‏ 14 ياشقا كىرگە‌ندە،‏ مۇ‌ھىتنى قوغداش ئۈچۈن كېرە‌كسىز قە‌غە‌زلە‌رنى قايتا ئىشلىتىشنى تە‌شە‌ببۇ‌س قىلىش ئىشىغا كۆپ ۋاقىتنى چىقاردىم.‏ ئائۇ‌ي شە‌ھىرىدە قىلغان ئىشلىرىم ئۈچۈن،‏ ئۇ يە‌ردىكى ھۆكۈمە‌ت مېنى مۇ‌كاپاتلاپ،‏ شۇ شە‌ھىرىنىڭ پە‌خىرلىك پۇ‌قراسى دېگە‌ن شان-‏شە‌رە‌پنى بە‌ردى.‏ تېخى ياش بولۇ‌شۇ‌مغا قارىماي،‏ گ د ج دىكى بە‌زى ئاتاقلىق سىياسە‌تچىلە‌ر بىلە‌ن تونۇ‌شتۇ‌م.‏ مە‌ن يە‌تمە‌كچى بولغان مە‌قسە‌تلە‌ر توغرا ۋە كېلە‌چىكىم پارلاق دە‌پ ئويلىدىم.‏

لېكىن،‏ ئارزۇ-‏ئارمانلىرىمنىڭ ھە‌ممىسى بىر كۈندىلا بە‌ربات بولدى.‏ 1989-‏يىلى،‏ بېرلىن تېمى غۇ‌لىتىلدى.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن شە‌رقىي ياۋرۇ‌پادىكى كوممۇ‌نىست تۈزۈمىمۇ ئاخىرلاشتى.‏ ھە‌ممە نە‌رسە ئاستىن-‏ئۈستۈن بولۇ‌پ كە‌تتى.‏ كۆپ ئۆتمە‌ي،‏ گ د ج ھاكىميە‌ت يۈرگۈزگە‌ن مە‌زگىلدە پۈتۈنلە‌ي ئادالە‌تسىزلىكنىڭ ھۆكۈم سۈرگە‌نلىكىنى چۈشە‌ندىم.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ كوممۇ‌نىزمنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىمىگە‌نلە‌ر ئىككىنچى دە‌رىجىلىك پۇ‌قرالار دە‌پ ھېسابلانغان ئىكە‌ن.‏ بۇ‌نىڭغا ئىشە‌نگۈم كە‌لمە‌يتتى!‏ بىز كوممۇ‌نىستلار،‏ ھە‌ممە ئىنسانلارنىڭ تە‌ڭ،‏ باراۋە‌ر ئىكە‌نلىكىگە ئىشە‌نگە‌نغۇ؟‏ كوممۇ‌نىزم پە‌قە‌ت خام خىيال بولغانمۇ؟‏ ئىچىم سىيرىلىپ،‏ چۈشكۈنلۈككە چۈشۈپ كە‌تتىم.‏

مە‌ن ھاياتىمدىكى مە‌قسە‌تلە‌رنى ئۆزگە‌رتىپ،‏ دىققىتىمنى مۇ‌زىكا ۋە رە‌سساملىق كە‌سپىگە ئاغدۇ‌رۇ‌شنى قارار قىلدىم.‏ مۇ‌زىكا ئالىي تېخنىكومىنى تاماملاپ،‏ ئۇ‌نىۋېرسىتېتقا ئوقۇ‌شقا چۈشۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدۇ‌م.‏ مۇ‌زىكا ۋە رە‌سساملىق كە‌سپى بىلە‌ن شۇ‌غۇ‌للىنىشنى ئارزۇ قىلدىم.‏ بالىلىق چېغىمدا ئاتا-‏ئانام ئۆگە‌تكە‌ن ئە‌دە‌ب-‏ئە‌خلاق ئۆلچە‌ملىرىنى ئاستا-‏ئاستا بىر چە‌تكە قايرىپ قويدۇ‌م.‏ ھازىر ھاياتىمدىكى ئە‌ڭ مۇ‌ھىم ئىش كۆڭۈل ئېچىش ئىدى.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بىرلا ۋاقىتتا بىرنە‌چچە قىز بىلە‌ن ئۇ‌چرىشىپ يۈردۈم.‏ بىراق،‏ مۇ‌زىكا،‏ رە‌سساملىق ۋە ئە‌ركىن ھايات كە‌چۈرۈشمۇ غە‌م-‏تە‌شۋىشتىن قۇ‌تۇ‌لدۇ‌رالمىدى.‏ ھە‌تتا سىزغان رە‌سىملىرىم ئىچىمدىكى قورقۇ‌نچنى ۋە غە‌م-‏ئە‌ندىشىنى ئە‌كس ئە‌تتۈرگە‌نىدى.‏ «كېلە‌چە‌كتە نېمە بولىدۇ؟‏ نېمە ئۈچۈن ياشايمە‌ن؟‏»—‏ دە‌پ ئويلايتتىم.‏

ئاخىرى،‏ مېنى غە‌م-‏تە‌شۋىشكە سالغان سوئاللىرىمغا جاۋابنى تاپتىم.‏ ئالىي تېخىنكومدا ئوقۇ‌ۋاتقاندا،‏ بىر كۈنى كە‌چقۇ‌رۇ‌نلىقى دە‌رستىن چۈشكە‌ندىن كېيىن،‏ سىنىپداشلار بىلە‌ن كېلە‌چە‌ك ھە‌ققىدە سۆزلىشىپ ئولتۇ‌ردۇ‌ق.‏ ئارىمىزدىكى ماندى a ئىسىملىك بىرى يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى ئىدى.‏ ئۇ شۇ كۈنى ماڭا ياخشى مە‌سلىھە‌تنى بە‌ردى.‏ ئۇ:‏ «ئاندىرېياس،‏ ھايات ۋە كېلە‌چە‌ك ھە‌ققىدىكى سوئاللارنىڭ جاۋابىنى تېپىشنى خالىسىڭىز،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئە‌ستايىدىل ئوقۇ‌ڭ،‏ قانائە‌تلىنە‌رلىك جاۋابلارنى تاپالايسىز»،‏—‏ دېدى.‏

ئۇ‌نىڭ سۆزلىرىگە بىر ئىشىنىپ بىر ئىشە‌نمىدىم،‏ يە‌نە بىر تە‌رە‌پتىن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا نېمە يېزىلغانلىقىغا قىزىقىش پە‌يدا بولدى.‏ ماندى دىققىتىمنى پە‌يغە‌مبە‌ر دانىيال كىتابىنىڭ 2-‏بابىغا قاراتتى.‏ ئوقۇ‌غانلىرىمدىن ھە‌يران قالدىم.‏ بۇ بېشارە‌تتە،‏ بۈگۈنكى كۈنگىچە ھۆكۈم سۈرگە‌ن بىر قاتار قۇ‌درە‌تلىك ئىمپېرىيىلە‌ر،‏ يە‌نى ھۆكۈمە‌تلە‌ر تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن ئىدى.‏ ماندى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى باشقا بېشارە‌تلە‌رنىمۇ كۆرسىتىپ،‏ ئىنسانلارنى قانداق كېلە‌چە‌ك كۈتىدىغانلىقىنى ئېيت بە‌ردى.‏ راستىنلا،‏ سوئاللىرىمغا جاۋاب تاپتىم!‏ لېكىن،‏ بۇ بېشارە‌تلە‌رنى كىم يازغان؟‏ كىم كېلە‌چە‌ك توغرۇ‌لۇ‌ق شۇ‌نچە ئېنىق بېشارە‌ت قىلالىغان؟‏ ھە‌قىقە‌تە‌ن خۇ‌دا بارمۇ؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھاياتىمنى ئۆزگە‌رتتى

ماندى مېنى ئە‌ر-‏ئايال يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچلىرى خورست ۋە ئانگېلىكا بىلە‌ن تونۇ‌شتۇ‌ردى.‏ ئۇ‌لار ماڭا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ياخشىراق چۈشىنىشكە ياردە‌م بە‌ردى.‏ مە‌ن پە‌قە‌ت يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى خۇ‌دانىڭ «يە‌ھۋا» دېگە‌ن شە‌خسىي ئىسىمىنى دائىم ئىشلىتىدىغان ۋە بۇ ھە‌ققىدە باشقىلارغا ئېيتىدىغان بىردىنبىر دىنىي تە‌شكىلات ئىكە‌نلىكىنى چۈشە‌ندىم (‏زە‌بۇ‌ر 83:‏18؛‏ مە‌تتا 6:‏9‏)‏.‏ تە‌ڭرى يە‌ھۋا ئىنسانلارغا يە‌ر يۈزىدىكى جە‌ننە‌تتە مە‌ڭگۈ ياشاش ئۈمىدىنى ئاتا قىلغانلىقىنى بىلىۋالدىم.‏ زە‌بۇ‌ر 37:‏9-‏ئايە‌تتە‏:‏ «يە‌ھۋاغا ئۈمىد باغلىغانلار يە‌ر يۈزىگە ئىگە بولار»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغانىدى.‏ بۇ ئۈمىد مېنى بە‌ك جە‌لپ قىلدى.‏ چۈنكى،‏ خۇ‌دانىڭ ئۆلچە‌ملىرىگە ماس ھايات كە‌چۈرۈشكە تىرىشىدىغان ھە‌ر بىر كىشى شۇ‌نداق ئاجايىپ ھاياتقا ئېرىشە‌لە‌يدۇ.‏

بىراق،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى پرىنسىپلارغا ماس ياشاش ئۈچۈن،‏ كۆپ ئۆزگە‌رتىشلە‌رنى قىلىشىم كېرە‌ك ئىدى.‏ بۇ ئاسانغا چۈشمىدى.‏ مۇ‌زىكا ۋە رە‌سساملىق ساھە‌سىدە قازانغان مۇ‌ۋە‌پپە‌قىيە‌تلىرىم تۈپە‌يلىدىن تە‌كە‌ببۇ‌ر بولۇ‌پ كە‌تكە‌ن ئىدىم.‏ شۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ بىرىنچى نۆۋە‌تتە كە‌متە‌رلىكنى ئۆگۈنۈشۈمگە توغرا كە‌لدى.‏ ئە‌خلاقسىز تۇ‌رمۇ‌شتىن ۋاز كېچىشمۇ ئىنتايىن قىيىن بولدى.‏ يە‌ھۋا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى پرىنسىپلارغا ئە‌مە‌ل قىلىش ئۈچۈن بار كۈچنى چىقىرىشقا تىرىشىۋاتقان كىشىلە‌رگە سە‌ۋر-‏تاقە‌ت ۋە رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌ت كۆرسىتىپ،‏ ئۇ‌لارنىڭ كۆڭلىنى چۈشۈنۈۋاتقىنىدىن بە‌ك مىننە‌تدارمە‌ن!‏

18 يېشىمغىچە كاللامغا ئاتېئىزم ۋە كوممۇ‌نىزم ئىدىيىسى چوڭقۇ‌ر سىڭىپ كە‌تكە‌ن ئىدى.‏ لېكىن،‏ ئە‌مدى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ھاياتىمنى ئۆزگە‌رتىشىگە يول بېرىشنى قارار قىلدىم.‏ ئالغان بىلىملە‌رنىڭ ياردىمىدە،‏ كېلە‌چە‌كتىن غە‌م-‏ئە‌ندىشە قىلىشنى تاشلاپ،‏ مە‌نلىك ھايات كە‌چۈرۈشكە باشلىدىم.‏ 1993-‏يىلى،‏ مە‌ن يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى سۈپىتىدە سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتتۈم.‏ 2000-‏يىلى،‏ قىزغىن ۋە‌ز ئېيتىدىغان تابىتا ئىسىملىك قېرىنداشقا ئۆيلە‌ندىم.‏ باشقىلارنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن بىلىم ئېلىشىغا ياردە‌م بېرىشكە ئىمكانىيىتىمىزنىڭ بارىچە كۆپرە‌ك ۋاقتىمىزنى سە‌رپ قىلىمىز.‏ ۋە‌ز قىلغاندا،‏ ماڭا ئوخشاش كوممۇ‌نىزم ۋە ئاتېئىزم ئىدىيىسى كاللىسىغا چوڭقۇ‌ر سىڭىپ كە‌تكە‌ن كىشىلە‌رنى ئۇ‌چرىتىمىز.‏ ئۇ‌لارنىڭ يە‌ھۋا خۇ‌دانى تونۇ‌شىغا ياردە‌م بە‌رگە‌ندە،‏ كۆڭلۈم ھە‌قىقىي قانائە‌ت تاپقاندە‌ك ھېس قىلىمە‌ن.‏

قانداق پايدا ئالدىم؟‏

مېنىڭ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىشنى باشلىغانلىقىمنى ئاڭلىغاندا،‏ ئاتا-‏ئانامنىڭ چاچلىرى تىك تۇ‌رۇ‌پ كە‌تكە‌ن ئىدى.‏ لېكىن،‏ كېيىنرە‌ك ئۇ‌لار،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ مېنىڭ ھاياتىمدا كۆپ ئۆزگۈرۈشلە‌رنىڭ قىلىشىمغا ئىجابىي تە‌سىر قىلغانلىقىنى كۆردى.‏ مېنى ئە‌ڭ خۇ‌شال قىلىدىغىنى،‏ ھازىر ئۇ‌لار مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌پ،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىۋاتىدۇ‏.‏

تابىتا ئىككىمىز بە‌ختلىك تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرۈۋاتىمىز،‏ چۈنكى بىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئائىلىلە‌ر ئۈچۈن بېرىلگە‌ن مە‌سلىھە‌تلە‌رگە ئە‌مە‌ل قىلىشقا تە‌ڭ كۈچ چىقىرىمىز.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ «ھە‌ممە ئادە‌م نىكاھقا ھۆرمە‌ت قىلسۇ‌ن ۋە ئە‌ر-‏خوتۇ‌نلۇ‌ق مۇ‌ناسىۋىتىگە داغ تە‌گكۈزمىسۇ‌ن»،‏ دېگە‌ن مە‌سلىھە‌ت نىكاھىمىزدا ۋاپادارلىقنى ساقلىشىمىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏—‏ئىبرانىيلار 13:‏4‏.‏

ئە‌مدى مە‌ن تۇ‌رمۇ‌شۇ‌مدىن ۋە كېلە‌چە‌كتىن غە‌م-‏ئە‌ندىشە قىلىپ قورقمايمە‌ن.‏ ھە‌قىقىي تىنچلىق ۋە ئىناق-‏ئىتتىپاقلىق ھۆكۈم سۈرىدىغان خە‌لقئارالىق چوڭ ئائىلىنىڭ ئە‌زاسى ئىكە‌نلىكىمنى ھېس قىلىمە‌ن.‏ پە‌قە‌ت بۇ ئائىلىدە ھە‌ممە ئە‌زالار بىر-‏بىرىگە تە‌ڭ،‏ باراۋە‌ر مۇ‌ئامىلە قىلىدۇ.‏ مە‌ن دە‌ل بۇ‌نىڭغا پۈتۈن ۋۇ‌جۇ‌دۇ‌م تە‌شنا بولۇ‌پ،‏ ئارزۇ قىلغان ئىدىم.‏

a ئىسىم ئۆزگە‌رتىلگە‌ن