مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

خۇ‌دا پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى كىم؟‏

خۇ‌دا پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى كىم؟‏

خۇ‌دا مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارغا،‏ كىم خۇ‌دا پادىشاھلىقنىڭ پادىشاھى بولىدىغانلىقىنى ئېنىقلاشقا ياردە‌م بېرە‌لە‌يدىغان بە‌زى تە‌پسىلاتلارنى يازدۇ‌رغان.‏ ئۇ‌لار تۆۋە‌ندىكىلە‌رنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:‏

  • خۇ‌دا تە‌رىپىدىن تاللانغان.‏ «مە‌ن ئۆزۈم تە‌ختكە ئولتۇ‌رغۇ‌زدۇ‌م پادىشاھىمنى.‏ … ساڭا بېرىمە‌ن مىللە‌تلە‌رنى مىراس قىلىپ،‏ پۈتۈن يە‌ر يۈزىنىڭ بولۇ‌ڭ-‏پۇ‌چقاقلىرىنى مۈلۈك قىلىپ».‏—‏زە‌بۇ‌ر 2:‏6،‏ 8‏.‏

  • پادىشاھ داۋۇ‌تنىڭ تە‌خت ۋارىسى.‏ «بىز ئۈچۈن بىر بالا تۇ‌غۇ‌لدى،‏ بىزگە بىر ئوغۇ‌ل بېرىلدى.‏ … داۋۇ‌تنىڭ تە‌ختىدە ۋە ئۇ‌نىڭ پادىشاھلىقىدا تىنچلىقنىڭ چېكى بولمايدۇ،‏ پادىشاھلىقىنى ھازىردىن ئە‌بە‌دغىچە ئادالە‌ت ۋە ھە‌ققانىيلىق ئارقىلىق مۇ‌ستە‌ھكە‌م تىكلە‌يدۇ».‏—‏يە‌شايا 9:‏6،‏ 7‏.‏

  • بە‌يتلە‌ھە‌مدە تۇ‌غۇ‌لغان.‏ «سە‌ن،‏ ئە‌ي بە‌يتلە‌ھە‌م-‏ئە‌فراتا،‏ … سە‌ندىن چىقار مە‌ن ئۈچۈن ئىسرائىلدا ھۆكۈمران بولغۇ‌چى،‏ … ئە‌مدى ئۇ‌نىڭ ھۆكۈمرانلىقى يە‌ر يۈزىنىڭ بۇ‌لۇ‌ڭ-‏پۇ‌چقاقلىرىغىچە يېتە‌ر».‏—‏مىكاھ 5:‏2،‏ 4‏.‏

  • ئىنسانلار ئۇ‌نى رە‌ت قىلغان ۋە ئۆلتۈرۈلگە‌ن.‏ «ئۇ كە‌مسىتىلدى،‏ بىز ئۇ‌نى ئادە‌م قاتارىدا كۆرمىدۇ‌ق.‏ … ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ بىزنىڭ گۇ‌ناھلىرىمىز ئۈچۈن،‏ ئۇ سانجىلىدى؛‏ خاتالىقلىرىمىز ئۈچۈن ئۇ‌رۇ‌پ-‏سوقۇ‌لدى».‏—‏يە‌شايا 53:‏3،‏ 5‏.‏

  • تىرىلدۈرۈلگە‌ن ۋە ئۇ‌لۇ‌غلانغان.‏ «سە‌ن مېنىڭ جېنىمنى گۆردە تاشلاپ قويمايسە‌ن،‏ ساڭا سادىق خىزمە‌تچىڭنىڭ گۆردە چىرىپ كېتىشىگە يول قويمايسە‌ن.‏ … مە‌ڭگۈلۈك بە‌خت-‏سائادە‌ت باردۇ‌ر ئوڭ قولۇ‌ڭدا».‏—‏زە‌بۇ‌ر 16:‏10،‏ 11‏.‏

ئە‌يسا مە‌سىھ ھۆكۈمران بولۇ‌شقا ئە‌ڭ لايىقتۇ‌ر

يە‌ر يۈزىدە ياشىغان بارچە ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا پە‌قە‌ت ئە‌يسا مە‌سىھ مۇ‌كە‌ممە‌ل ھۆكۈمران بولالايدۇ.‏ پە‌رىشتە ئە‌يسانىڭ ئانىسى مە‌ريە‌مگە مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «يە‌ھۋا خۇ‌دا ئۇ‌نىڭغا ئاتىسى داۋۇ‌تنىڭ تە‌ختىنى بېرىدۇ.‏ … ۋە ئۇ‌نىڭ پادىشاھلىقىنىڭ چېكى بولمايدۇ».‏—‏لۇ‌قا 1:‏31–‏33‏.‏

ھە‌زرىتى ئە‌يسا ھېچقاچان يە‌ر يۈزىدە ھۆكۈمران بولۇ‌پ باقمىغان.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ كە‌لگۈسىدە خۇ‌دا پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى سۈپىتىدە ئاسماندا يە‌ر يۈزى ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ.‏ ئۇ ھۆكۈمران بولۇ‌شقا ئە‌ڭ لايىق ئىكە‌نلىكىنى قانداق بىلىمىز؟‏ ھە‌زرىتى ئە‌يسا يە‌ر يۈزىدە بولغاندا،‏ نېمە ئىشلارنى قىلغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى:‏

  • ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌ر ئادە‌ملە‌رگە كۆڭۈل بۆلۈپ،‏ ھالىدىن خە‌ۋە‌ر ئالغان.‏ ئۇ ئادە‌ملە‌رنىڭ كېلىپ چىقىشى قانداق بولۇ‌شىدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ مە‌يلى ئە‌ر ياكى ئايال،‏ ياشانغان ياكى ياش بولسۇ‌ن،‏ ھە‌ممىسىگە ياردە‌م بە‌رگە‌ن (‏مە‌تتا 9:‏36؛‏ ماركۇ‌س 10:‏16‏)‏.‏ ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشى:‏ «ئە‌گە‌ر خالىسىڭىزلا،‏ سىز مېنى پاك قىلالايسىز»،‏—‏ دە‌پ يالۋۇ‌رغاندا،‏ ھە‌زرىتى ئە‌يسا ئۇ‌نىڭغا ئىچى ئاغرىپ،‏ ئۇ‌نى ساقايتقان.‏—‏ماركۇ‌س 1:‏40–‏42‏.‏

  • ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌ر ئىنسانلارغا خۇ‌دانى قانداق خۇ‌رسە‌ن قىلىشنى ئۆگە‌تكە‌ن.‏ ئۇ:‏ «ھېچكىم بىرلا ۋاقىتتا ئىككى خوجايىنغا تە‌ڭلا خىزمە‌ت قىلالمايدۇ» ۋە «باشقىلارنىڭ سىلە‌رگە قانداق مۇ‌ئامىلە قىلىشىنى خالىساڭلار،‏ ئۇ‌لارغىمۇ شۇ‌نداق مۇ‌ئامىلە قىلىڭلار»،‏—‏ دە‌پ تە‌لىم بە‌رگە‌ن.‏ ھە‌زرىتى ئە‌يسا يە‌نە،‏ خۇ‌دانىڭ پە‌قە‌ت ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىمىزگە ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ئوي-‏پىكىرلىرىمىز ۋە ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىمىزغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏ شۇ‌ڭا،‏ خۇ‌دانى خۇ‌رسە‌ن قىلىش ئۈچۈن چوقۇ‌م قە‌لبىمىزنىڭ چوڭقۇ‌ر قاتلاملىرىدىكى ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىمىزنى كونترول قىلىشىمىز كېرە‌ك (‏مە‌تتا 5:‏28؛‏ 6:‏24؛‏ 7:‏12‏)‏.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئۇ ھە‌قىقىي خۇ‌شاللىق تېپىشىمىز ئۈچۈن،‏ چوقۇ‌م يە‌ھۋانىڭ ئىرادىسىنى بىلىپ،‏ ئۇ‌نىڭغا ماس ياشىشىمىز لازىملىقىنى تە‌كىتلىگە‌ن.‏—‏لۇ‌قا 11:‏28‏.‏

  • ئە‌يسا مە‌سىھ چىن سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ھە‌ققىدە تە‌لىم بە‌رگە‌ن.‏ ھە‌زرىتى ئە‌يسانىڭ گە‌پ-‏سۆزلىرى ۋە ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرى ئۇ‌نىڭ سۆزىنى ئاڭلىغانلارنىڭ قە‌لبىگە كۈچلۈك تە‌سىر قىلغان.‏ «كۆپچىلىك ئۇ‌نىڭ تە‌لىمىدىن ئىنتايىن ھە‌يران بولدى.‏ چۈنكى،‏ ئۇ تە‌ۋرات ئۇ‌ستازلىرىدە‌ك ئە‌مە‌س،‏ خۇ‌دا ئە‌ۋە‌تكە‌ن كىشىدە‌ك تە‌لىم بە‌رگە‌ن ئىدى» (‏مە‌تتا 7:‏28،‏ 29‏)‏.‏ ئە‌يسا ئۇ‌لارغا:‏ «دۈشمە‌نلىرىڭلارنى سۆيۈڭلار»،‏—‏ دە‌پ ئۆگە‌تكە‌ن (‏مە‌تتا 5:‏44‏)‏.‏ ئۇ ھە‌تتا ئۇ‌نىڭ ئۆلۈشىگە جاۋابكار بولغان بە‌زى ئادە‌ملە‌ر ئۈچۈن مۇ‌نداق دۇ‌ئا قىلغان:‏ «ئە‌ي ئاتا،‏ ئۇ‌لارنى كە‌چۈرگىن.‏ چۈنكى،‏ ئۇ‌لار ئۆزلىرىنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمە‌يدۇ».‏—‏لۇ‌قا 23:‏34‏.‏

ھە‌زرىتى ئە‌يسادىن باشقا ھېچكىم بۇ دۇ‌نيادا ئە‌ڭ ياخشى ھۆكۈمران بولۇ‌شقا لايىق ئە‌مە‌س.‏ ئۇ ئادە‌ملە‌رنىڭ غېمىنى يە‌يدىغان ۋە مېھرىبان ھۆكۈمراندۇ‌ر.‏ بىراق،‏ ئۇ يە‌ر يۈزى ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى قاچان باشلايدۇ؟‏