خۇدا پادىشاھلىقى قاچان يەر يۈزى ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزىدۇ؟
ھەزرىتى ئەيسانىڭ بەزى سادىق ئەگەشكۈچىلىرى خۇدا پادىشاھلىقى قاچان يەر يۈزى ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى باشلايدىغانلىقىنى بىلمەكچى بولغان. ئەيسا جاۋابەن، بۇ پادىشاھلىقنىڭ يەر يۈزى ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان ئېنىق ۋاقتىنى ئۇلارنىڭ بىلەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان (ئەلچىلەر 1:6، 7). بىراق، بۇنىڭدىن سەل ئىلگىرى، ئەيسا مەسىھ ئۇلارغا يەر يۈزىدە بىرلا ۋاقىتتا يۈر بېرىدىغان بىر قاتار ئىش-ۋەقەلەرنى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. شاگىرتلار شۇ ۋەقەلەرنى كۆرگىنىدە، «خۇدانىڭ پادىشاھلىقى يېقىنلاپ قالغانلىقىنى» ۋە ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈشكە باشلايدىغان ۋاقىت كېلىۋاتقانلىقىنى چۈشىنىپ يېتەلەيتتى.—لۇقا 21:31.
ئەيسا قايسى ئىش-ۋەقەلەر ھەققىدە ئېيتقان؟
ھەزرىتى ئەيسا: «مىللەت مىللەتكە قارشى، پادىشاھلىق پادىشاھلىققا قارشى قوپىدۇ. شىددەتلىك يەر تەۋرەشلەر يۈز بېرىدۇ، بىر جايدىن كېيىن يەنە بىر جايدا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر تارقىلىدۇ ۋە ئاچارچىلىقلار بولىدۇ»،— دېگەن (لۇقا 21:10، 11). بارماق ئىزلىرىغا ئاساسەن، بىر كىشى تونۇشقا بولىدۇ. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، بىر قاتار ئىش-ۋەقەلەر بىرلا ۋاقىتتا يۈز بەرگەندە، «خۇدانىڭ پادىشاھلىقى يېقىنلاپ قالغانلىقىنى» كۆرۈپ يېتەلەيمىز. ئۇنداقتا، شۇ بىر قاتار ئىش-ۋەقەلەر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بىرلا ۋاقىتتا يۈز بېرىۋاتامدۇ؟ دەلىل-ئىسپاتلارنى كۆرۈپ باقايلى.
1. ئۇرۇشلار
1914-يىلى 1-دۇنيا ئۇرۇشى پارتىلىدى. ئىنسانىيەت تارىخىدا بۇنداق كەڭ كۆلەمدە ئىنسانلارغا تەسىر قىلدىغان ئۇرۇش بولۇپ باقىمىغان ئىدى. شۇڭا، تارىخشۇناسلار دائىم 1914-يىلىنى دۇنيا تارىخنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى دەيدۇ. ئىنسانلار بۇ ئۇرۇشتا كەڭ كۆلەمدە تانكىلارنى، ھاۋادىن تاشلايدىغان بومبىلارنى، پىلىموتلارنى، زەھەرلىك گاز ۋە باشقا جەڭ قوراللىرىنى ئىشلىتىلگەن. كېيىنرەك، 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا بىرىنچى قېتىم ئاتوم بومبىسى ئىشلىتىلگەن. ئەپسۇسكى، 1914-يىلدىن تا ھازىرغىچە يۈز بېرىۋاتقان دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدىكى ئۇرۇشلار مىليونلىغان ئىنسانلارنىڭ قېنى تۆكمەكتە.
2. يەر تەۋرەشلەر
بىر مەنبەدە كۆرسىتىلىشىچە، ھەر يىلى تەخمىنەن ۋەيران قىلىش كۈچىگە ئىگە 100 كۈچلۈك يەر تەۋرەش يۈز بەرگەن. ئامېرىكا گېئولوگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 1900-يىلدىن بۇيانقى ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، ھەر يىلى تەخمىنەن 16 چوڭ يەر تەۋرەش يۈز بېرىدۇ. بەزىلەرنىڭ قارىشىچە، يەر تەۋرەشلەر ئانچە كۆپ ئەمەس، ئەمما ھازىر ئۆلچەش تېخنىكلىرى ياخشىلانغاچ، يەر تەۋرەشلەرنىڭ سانى كۆپ دەپ ئېلان قىلىنىۋاتىدۇ. بىراق، قانداقلا بولمىسۇن، دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان شىددەتلىك يەر تەۋرەشلەر ئىلگىرىكى ۋاقىتلارغا قارىغاندا، تېخىمۇ كۆپ ئازاب-ئوقۇبەتلەر ۋە ئۆلۈمگە سەۋەب بولىۋاتىدۇ.
3. ئاچارچىلىقلار
ئۇرۇش، چىرىكلىك، ئىقتىسادىي كرىزىس، دېھقانچىلىق ئىشلىرى ياخشى باشقۇرۇلماسلىق ياكى ناچار ھاۋا-رايى ئۆزگۈرۈشىگە قارشى تەييارلىقى بولماسلىقتەك سەۋەبلەر تۈپەيلى دۇنيادا ئوزۇق-تۈلۈك يېتىشمەسلىك يۈز بېرىۋاتىدۇ. دۇنيا ئاشلىق تەمىنلەشنى پىلانلاش مەركىزى 2018-يىللىق دوكلاتىدا مۇنداق دېگەن: «دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 821 مىليون ئادەم ئاچ قالماقتا، 124 مىليون ئادەم قاتتىق ئاچارچىلىقنى باشتىن كەچۈرمەكتە». ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن ھەر يىلى تەخمىنەن 000 000 3 بالا ئۆلۈپ كېتىۋاتىدۇ. 2011-يىلىدا ئۆلگەن بالىلارنىڭ 45 پىرسەنتى ئوزۇق-تۈلۈك يېتىشمەسلىك تۈپەيلى ئۆلۈپ كەتكەن.
4. كېسەللەر ۋە ۋابالار
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى نەشىر قىلغان بىر ماتېرىيالدا مۇنداق دېيىلگەن: «21-ئەسىر باشلىنىپ، ھازىرغىچە ھەر خىل ئاپەت خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر قايتا پەيدا بولدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا خولېرا، چۇما ۋە سېرىق قىزىتما، سارس، تارقىلىشچان زۇكام ۋە ئوتتۇرا شەرق نەپەس يولى يىغىندى كېسىلى (MERS). ئېبولا ۋە زىكا قاتارلىق يېڭى كېسەللەرمۇ پەيدا بولدى». ئەڭ يېڭىسى — 19-COVID تارقىلىشچان تاجسىمان ۋىرۇسى. گەرچە ئالىملار ۋە دوختۇرلار كېسەللەر توغرىسىدا كۆپ ئۆگەنگەن بولسىمۇ، بارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشنىڭ ئامالىنى تاپالمىدى.
5. دۇنيا جاي-جايلىرىدا ۋەز قىلىش
ئەيسا پەيغەمبەر ئالامەتنىڭ يەنە بىر قىسىمىنى بېشارەت قىلىپ: «بۇ پادىشاھلىق خۇش خەۋىرى بارچە خەلقلەرگە يەتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن پۈتۈن دۇنيادا ۋەز قىلىنىدۇ ۋە ئاندىن كېيىن ئاخىرى كېلىدۇ»،— دېگەن (مەتتا 24:14). بۇ دۇنيادا قورقۇنچلۇق ئىش-ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىۋاتقىنىغا قارىماستىن، ھەر مىللەتتىن چىققان 8 مىليوندىن كۆپرەك كىشى 240 دۆلەتتە، 1000دىن ئارتۇق تىلدا خۇدا پادىشاھلىقى ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈۋاتىدۇ. ئىنسانىيەت تارىخىدا ئەزەلدىن بۇنداق ئىش-پائالىيەت بولۇپ باقمىغان.
نېمىشقا بۇ ئالامەتنىڭ بىز ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيىتى بار؟
ھەزرىتى ئەيسا بېشارەت قىلغان ئالامەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇۋاتقان ئىش-ۋەقەلەر بۈگۈنكى كۈندە يۈز بېرىۋاتىدۇ. بۇ بىز ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. سەۋەبى، ئەيسا مەسىھ مۇنداق دېگەن: «بۇ ئىش-ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىڭلاردا، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى يېقىنلاپ قالغانلىقىنى بىلىڭلار».—لۇقا 21:31.
ھەزرىتى ئەيسا تىلغا ئالغان ئالامەت ۋە مۇقەددەس كىتابقا ئاساسەن ھېسابلانغان ۋاقىت بويىچە، 1914-يىلى خۇدا ئۆز پادىشاھلىقىنى ئاسماندا تىكلىدى a. شۇ ۋاقتىدا، خۇدا ئەيسا مەسىھنى پادىشاھ سۈپىتىدە تەختتە ئولتۇرغۇزدى (زەبۇر 2:2، 4، 6–9). پات-يېقىندا، خۇدا پادىشاھلىقى يەر ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى باشلايدۇ ۋە باشقا بارلىق ھۆكۈمەتلەرنى يوق قىلىدۇ؛ ئىنسانلارنىڭ مەڭگۈ شاد-خۇرام ياشىشى ئۈچۈن يەر يۈزىنى جەننەتكە ئايلاندۇرىدۇ.
يېقىن كېلەچەكتە، ئەيسا مەسىھ ئۆگەتكەن دۇئادىكى مۇنۇ سۆزلەر ئەمەلگە ئاشىدۇ: «پادىشاھلىقىڭ كەلسۇن. سېنىڭ ئىرادەڭ ئاسماندا ئەمەلگە ئاشقاندەك، يەر يۈزىدىمۇ ئەمەلگە ئاشسۇن» (مەتتا 6:10). ئۇنداقتا، 1914-يىلى، پادىشاھلىق ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى باشلىغاندىن بۇيان نېمە ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ؟ كېلەچەكتە، بۇ پادىشاھلىق يەر يۈزى ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈشنى باشلىغاندا، بىز قانداق بەرىكەتلەردىن بەھرىمەن بولىمىز؟
a 1914-يىلغا مۇناسىۋەتلىك تەپسىلاتلارنى بىلىۋېلىش ئۈچۈن، يەھۋا گۇۋاھچىلىرى نەشىر قىلغان «مەڭگۈ شاد-خۇرام ياشاڭ!» ناملىق كىتابنىڭ 32-دەرسىگە قاراڭ.