مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

03-‏دە‌رىس

مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارغا ئىشىنىشكە بولامدۇ؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارغا ئىشىنىشكە بولامدۇ؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلار نۇ‌رغۇ‌ن ۋە‌دىلە‌رنى ۋە مە‌سلىھە‌تلە‌رنى بېرىدۇ.‏ بە‌لكىم،‏ سىز ئۇ‌لارنىڭ نېمىنى ئۆگىتىدىغانلىقىغا قىزىقىدىغانسىز.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن بىر ۋاقىتتا،‏ شۇ‌نداق كونا يازمىلاردىكى ۋە‌دىلە‌ر ۋە مە‌سلىھە‌تلە‌رگە ئىشىنىش كېرە‌كمۇ؟‏ دە‌پ ئىككىلىنىپ قالىدىغانسىز.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ھازىر ۋە كېلە‌چە‌كتە شاد-‏خۇ‌رام ھايات كە‌چۈرۈش ھە‌ققىدە ئېيتقانلىرىغا ھە‌قىقە‌تە‌ن ئىشىنە‌لە‌مسىز؟‏ مىليونلىغان ئىنسانلار بۇ‌نىڭغا ئىشىنىدۇ.‏ بە‌زى سە‌ۋە‌بلە‌رنى كۆرۈپ باقايلى.‏

1.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ئىش-‏ۋە‌قە‌لە‌ر ھە‌قىقە‌تمۇ ياكى ئە‌پسانە-‏رىۋايە‌تمۇ؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا توغرا ھە‌قىقە‌ت سۆزلىرى يېزىلغان (‏ۋە‌ز 12:‏10‏)‏.‏ ئۇ‌نىڭدا ياشاپ ئۆتكە‌ن ھە‌قىقىي شە‌خسلە‌ر ۋە يۈز بە‌رگە‌ن ئىش-‏ۋە‌قە‌لە‌ر بايان قىلىنغان (‏لۇ‌قا 1:‏3؛‏ 3:‏1،‏ 2-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ نۇ‌رغۇ‌نلىغان تارىخشۇ‌ناسلار ۋە ئارخېئولوگلار مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن مۇ‌ھىم كۈنلە‌ر،‏ ئادە‌ملە‌ر،‏ جايلار ۋە ئىش-‏ۋە‌قە‌لە‌رنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاپ كە‌لگە‌ن.‏

2.‏ نېمە ئۈچۈن مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارغا بۈگۈنكى كۈندە ئىشىنىشكە بولىدۇ؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئۆز زامانىدا تېخى بولمىغان ئىشلار ئالدىن-‏ئالا ئېيتىلغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ‌نىڭدا ئىلىم-‏پە‌نگە مۇ‌ناسىۋە‌تلىك مە‌زمۇ‌نلارمۇ تىلغا ئېلىنغان.‏ شۇ يېزىلغانلارنىڭ كۆپىنچىلىرىگە ئاشۇ زاماندا ئادە‌ملە‌ر ئىشە‌نمىگە‌ن.‏ بىراق،‏ بۈگۈنكى كۈندە ئىلىم-‏پە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا يېزىلغانلارنىڭ توغرا ئىكە‌نلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلار ھازىر ۋە مە‌ڭگۈ،‏ ھە‌مىشە ئىشە‌نچىلىكتۇ‌ر.‏‏—‏زە‌بۇ‌ر 111:‏8‏.‏

3.‏ نېمە ئۈچۈن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ كېلە‌چە‌ك ھە‌ققىدە ئېيتقانلىرىغا ئىشىنە‌لە‌يمىز؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا نۇ‌رغۇ‌ن بېشارە‌تلە‌ر a بار.‏ ئۇ‌لار تېخى يۈز بە‌رمىگە‌ن ئىشلارنى ئالدىن ئېيتىپ بېرىدۇ (‏يە‌شايا 46:‏10‏)‏.‏ نۇ‌رغۇ‌ن تارىخىي ئىش-‏ۋە‌قە‌لە‌ر يۈز بېرىشتىن ئۇ‌زۇ‌ن يىللار ئىلگىرى توغرا بېشارە‌ت قىلىنغان.‏ ئۇ‌نىڭدا يە‌نە بۈگۈن كۈندىكى دۇ‌نيانىڭ ۋە‌زىيە‌تلىرى ھە‌ققىدە نۇ‌رغۇ‌نلىغان تە‌پسىلاتلار كۆرسىتىلگە‌ن.‏ بۇ دە‌رستە،‏ بىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى بە‌زى بېشارە‌تلە‌رنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏ ئۇ‌لارنىڭ توغرىلىقى كىشىنى ھە‌يران قالدۇ‌رىدۇ!‏

چوڭقۇ‌رراق قېزىڭ

زامانىۋىي ئىلىم-‏پە‌ننىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارغا ماس كېلىدىغانلىقى ۋە ئۇ‌نىڭدىكى كىشىنى ھە‌يران قالدۇ‌رىدىغان بە‌زى بېشارە‌تلە‌ر ھە‌ققىدە ئىزدىنىپ كۆرۈڭ.‏

4.‏ ئىلىم-‏پە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئۇ‌يغۇ‌ن

قە‌دىمقى زامانلاردا،‏ كۆپلىگە‌ن ئادە‌ملە‌ر يە‌ر شارى بىر نە‌رسىنىڭ ئۈستىدە تۇ‌رىدۇ،‏ دە‌پ ئويلىغان.‏ فىلىمنى كۆرۈڭ‏.‏

تە‌خمىنە‌ن 3500 يىل ئىلگىرى ئايۇ‌پ كىتابىدا يېزىلغانلارغا دىققە‌ت ئاغدۇ‌رۇ‌ڭ.‏ ئايۇ‌پ 26:‏7-‏نى ئوقۇ‌ڭ ۋە كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • يە‌ر شارى بوشلۇ‌قتا ھېچنېمىگە ئېسىلمىغان،‏ دېگە‌ن بايانلار نېمە ئۈچۈن ھە‌يران قالارلىق؟‏

پە‌قە‌ت 200 يىل ئىلگىرى ئىنسانلار يە‌ر شارىدىكى سۇ‌نىڭ ئايلىنىشى ھە‌ققىدە ئېنىق چۈشە‌نچىگە ئىگە بولغان.‏ بىراق،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا 3500 يىل ئىلگىرى نېمە ئېيتىلغانلىقىغا دىققە‌ت قىلىڭ.‏ ئايۇ‌پ 36:‏27،‏ 28-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • نېمە ئۈچۈن سۇ ئايلىنىشى ھە‌ققىدىكى بۇ ئاددىي چۈشە‌ندۈرۈش سىزنى ھە‌يران قالدۇ‌رىدۇ؟‏

  • ئوقۇ‌غان مۇ‌شۇ ئايە‌تلە‌ر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا بولغان ئىشە‌نچىڭىزنى كۈچە‌يتتىمۇ؟‏

5.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب مۇ‌ھىم ئىش-‏ۋە‌قە‌لە‌رنى ئالدىن-‏ئالا ئېيتىپ بېرىدۇ

يە‌شايا 44:‏27–‏45:‏2-‏نى ئوقۇ‌ڭ ۋە كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • بابىلوننىڭ ۋە‌يران قىلىنىشى ھە‌ققىدە،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا 200 يىل بۇ‌رۇ‌ن قانداق تە‌پسىلاتلار ئېيتىلغان؟‏

تارىخ مىلادىدىن ئىلگىرىكى 539-‏يىلى پارس پادىشاھى كورە‌ش ۋە ئۇ‌نىڭ قوشۇ‌نلىرى بابىل شە‌ھىرىنى ئىگە‌للىگە‌نلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.‏ ئۇ‌لار شە‌ھە‌رنى قوغدايدىغان دە‌ريانىڭ سۈيىنى باشقا يۆنىلىشكە باشلىۋە‌تكە‌ن.‏ كېيىن،‏ ئوچۇ‌ق قالغان شە‌ھە‌ر دە‌رۋازىسىدىن كىرىپ،‏ جە‌ڭ قىلمايلا شە‌ھە‌رنى بېسىۋالغان.‏ شۇ‌نىڭدىن 2500 يىل ئۆتۈپ بۈگۈنكى كۈنگە كە‌لگە‌ندە،‏ بابىل خارابلىق ئىچىدە ياتىدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردا ئېيتىلغان بېشارە‌تلە‌رگە دىققە‌ت ئاغدۇ‌رۇ‌ڭ.‏

يە‌شايا 13:‏19،‏ 20-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • بابىلنىڭ ۋە‌يران بولۇ‌شى بۇ بېشارە‌ت ئە‌مە‌لگە ئاشقانلىقىنى قانداق ئىسپاتلايدۇ؟‏

بۈگۈنكى كۈندىكى بابىلنىڭ خارابىلىرى،‏ ئىراق

6.‏ بۈگۈن بىز كۆرۈۋاتقان ئىشلار ھە‌ققىدە مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلار ئالدىن-‏ئالا ئېيتىدۇ

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىز ياشاۋاتقان ۋاقىتنى ئاخىر زامان دە‌پ ئاتايدۇ (‏2-‏تىموتىي 3:‏1‏)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئاخىر زاماننىڭ كۈنلىرى ھە‌ققىدە نېمە ئېيتقانلىقىغا دىققە‌ت قىلىڭ.‏

مە‌تتا 24:‏6،‏ 7-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلار ئاخىر زاماننىڭ ۋە‌زىيىتى ھە‌ققىدە نېمىلە‌رنى ئېيتىدۇ؟‏

2-‏تىموتىي 3:‏1–‏5-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى ئىككى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب،‏ ئاخىر زامان كۈنلىرىدە ياشايدىغان ئادە‌ملە‌رنىڭ ئە‌خلاق-‏پە‌زىلە‌تلىرىنى قانداق تە‌سۋىرلە‌يدۇ؟‏

  • سىز قانداق ئادە‌ملە‌رنى كۆرۈۋاتىسىز؟‏

بە‌زىلە‌ر مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلار —‏ چۆچە‌ك ياكى ئە‌پسانە-‏رىۋايە‌ت كىتابى».‏

  • سىزنىڭچە،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ئىشە‌نچىلىك ئىكە‌نلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ئە‌ڭ كۈچلۈك دە‌لىل-‏ئىسپات نېمە؟‏

خۇ‌لاسە

تارىخ،‏ ئىلىم-‏پە‌ن ۋە بېشارە‌تلە‌رنىڭ ھە‌ممىسى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئىشە‌نچ قىلالايدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىدۇ.‏

تە‌كرارلاش

  • مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلار ھە‌قىقە‌تمۇ ياكى ئە‌پسانە-‏رىۋايە‌تمۇ؟‏

  • قايسى جە‌ھە‌تتىن ئىلىم-‏پە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئۇ‌يغۇ‌ن كېلىدۇ؟‏

  • سىزنىڭچە،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب كېلە‌چە‌ك ھە‌ققىدە ئالدىن-‏ئالا ئېيتىپ بېرە‌مدۇ؟‏ نېمە ئۈچۈن شۇ‌نداق ئويلايسىز؟‏

مە‌قسە‌ت

ئىزدىنىپ كۆرۈڭ

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئىلىم-‏پە‌نگە ماس كە‌لمە‌يدىغان خاتالىقلار بارمۇ؟‏

‏«ئىلىم-‏پە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئۇ‌يغۇ‌ن كېلە‌مدۇ؟‏»‏ (‏تور بېكە‌تتىكى ماقالە)‏

گرېك ئىمپېرىيىسى ھە‌ققىدە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى بېشارە‌تلە‌رنىڭ قانداق ئە‌مە‌لگە ئاشقانلىقىنى كۆرۈڭ.‏

‏«مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى بېشارە‌ت ئىشە‌نچىڭىزنى كۈچە‌يتىدۇ»‏ (‏22:‏5)‏

بېشارە‌تلە‌رنىڭ بىر كىشىنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا بولغان كۆزقارىشىنى قانداق ئۆزگە‌رتكە‌نلىكىنى كۆرۈڭ.‏

‏«مە‌ن ئۈچۈن خۇ‌دا يوق ئىدى»‏ (‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى»،‏ 2017-‏يىل،‏ 5-‏سان)‏

a شۇ بېشارە‌تلە‌ر كېلە‌چە‌كتە بولىدىغان ئىشلار توغرىسىدا خۇ‌دادىن كە‌لگە‌ن خە‌ۋە‌رلە‌رنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.‏