01-دەرس
مۇقەددەس كىتاب بىزگە ياردەم بېرەلەمدۇ؟
ھەممىمىزنىڭ دېگۈدەك ھايات، ئازاب-ئوقۇبەت، ئۆلۈم ۋە كېلەچەك توغرىسىدا سوئاللىرىمىز بولغان. بەلكىم، بىز پۇل تېپىپ ئائىلىنى بېقىش ياكى تۇرمۇشىمىزدىكى باشقا ئىشلار توغرىسىدا غەم-تەشۋىشلەرنى قىلىدىغاندىمىز. نۇرغۇن ئادەملەر مۇقەددەس يازمىلارنىڭ ھاياتتىكى مۇھىم سوئاللارغا جاۋاب تېپىشىغا ياردەم بەرگەنلىكىنى كۆرۈپلا قالماي، يەنە كۈندىلىك تۇرمۇشتا كۆپ ئەمەلىي مەسلىھەتلەرنى بېرەلەيدىغانلىقىنى چۈشەنگەن. سىزنىڭچە، مۇقەددەس يازمىلار بىزگە ياردەم بېرەلەمدۇ؟
1. مۇقەددەس يازمىلار قايسى بەزى سوئاللارغا جاۋاب بېرىدۇ؟
مۇقەددەس يازمىلار تۆۋەندىكى مۇھىم سوئاللارغا جاۋاب بېرىدۇ: ھايات قانداق پەيدا بولغان؟ ھاياتنىڭ مەقسىتى نېمە؟ نېمە ئۈچۈن ئادەملەر ئازاب-ئوقۇبەت چېكىدۇ؟ ئادەملەر ئۆلگەندە نېمە بولىدۇ؟ ئىنسانلار تىنچ-خاتىرجەملىكنى خالىسا، نېمە ئۈچۈن شۇنچە كۆپ ئۇرۇشلار بولۇۋاتىدۇ؟ كەلگۈسىدە يەر يۈزىدە نېمە بولىدۇ؟ مۇقەددەس يازمىلار بىزنى مۇشۇنداق سوئاللارنىڭ جاۋابلىرىنى تېپىشقا دەۋەت قىلىدۇ ۋە مىليونلىغان ئىنسانلار شۇ سوئاللارغا قانائەتلىنەرلىك جاۋابلارنى تاپتى.
2. كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا خۇشاللىق تېپىشىمىزغا مۇقەددەس يازمىلار قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
مۇقەددەس يازمىلار بىزگە ناھايىتى ياخشى مەسلىھەتلەرنى بېرىدۇ. مەسىلەن، ئائىلىنى ھەقىقىي بەختكە ئېرىشتۈرۈشنى ئۆگىتىدۇ. ئۇ يەنە بىزگە بېسىملارغا قارشى تۇرۇش ۋە ئىش ئورنىمىزدا خۇشال كەيپىياتنى ساقلاش ئۈچۈن مەسلىھەتلەرنى بېرەلەيدۇ. مۇشۇ مەلۇماتلارنى مۇھاكىمە قىلغىنىمىزدا، بۇ ماۋزۇلار ۋە يەنە باشقا كۆپلىگەن ماۋزۇلار ھەققىدە مۇقەددەس يازمىلارنىڭ نېمە ئۆگىتىدىغانلىقىنى بىلەلەيسىز. مونۇ سۆزلەرنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يېتىسىز: «مۇقەددەس يازمىلارنىڭ ھەممىسى . . . پايدىلىقتۇر».—2-تىموتىي 3:16.
بۇ ئۆگىنىش ماتېرىيالى مۇقەددەس كىتابنىڭ ئۆزى ئەمەس. بەلكى بۇ ماتېرىيال سىزنى مۇقەددەس كىتابنى ئۆزىڭىز تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا ئۈندەيدۇ. شۇڭا، بىز سىزنى ھەر بىر دەرستە كۆرسىتىلگەن ئايەتلەرنى ئوقۇپ، ئاشۇ ئايەتلەرنى ئۆگەنگەنلىرىڭىز بىلەن سېلىشتۇرۇشقا ئۈندەيمىز.
چوڭقۇرراق قېزىڭ
مۇقەددەس كىتاب ئادەملەرگە قانداق ياردەم بەرگەن، ئۇنى ئوقۇشتىن قانداق خۇشاللىق تاپالايسىز ۋە ئوقۇغانلىرىڭىزنى چۈشىنىش ئۈچۈن باشقىلاردىن ياردەم سوراش نېمە ئۈچۈن مۇھىم، دېگەنلەر ھەققىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.
3. مۇقەددەس كىتاب بىزگە يول كۆرسىتەلەيدۇ
مۇقەددەس كىتاب خۇددى بىر كۈچلۈك قول چىرىقىغا ئوخشاش. بىز مۇقەددەس كىتابنى ئىشلەتسەك، ئۇ بىزگە توغرا قارارلارنى چىقىرىش ئۈچۈن يول كۆرسىتىدۇ ۋە يولىمىزدا نېمە ياتقانلىقىنى كۆرۈشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ.
زەبۇر 119:105-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى ئىككى سوئاللار ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ:
-
زەبۇر يازغۇچىسى مۇقەددەس كىتاب توغرۇلۇق نېمە ئويلىغان؟
-
سىز مۇقەددەس كىتاب توغرىسىدا نېمە ئويلايسىز؟
4. مۇقەددەس كىتاب سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرەلەيدۇ
بىر ئايال ئۇزۇن يىللار ئويلاپ يۈرگەن مۇھىم سوئالىغا مۇقەددەس كىتابتىن جاۋاب تاپقان. فىلىمنى كۆرۈڭ، كېيىن تۆۋەندىكى ئىككى سوئال ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.
-
بۇ فىلىمدا، بىر ئايالنىڭ قانداق سوئالى بولغان؟
-
مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىش ئۇنىڭغا قانداق ياردەم بەرگەن؟
مۇقەددەس كىتاب بىزنى سوئاللارنى سوراشقا ئۈندەيدۇ. مەتتا 7:7-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
-
مۇقەددەس كىتاب قايسى سوئاللىرىڭىزغا جاۋاب بېرەلىشى مۇمكىن؟
5. مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇشتىن خۇشاللىق تاپالايسىز
كۆپلىگەن ئادەملەر مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇپ خۇشاللىق تاپىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىق نەرسىلەرنى ئۆگىنىدۇ. فىلىمنى كۆرۈڭ، كېيىن تۆۋەندىكى ئىككى سوئال ئۈسىتىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ:
-
بۇ فىلىمدا، ياشلار مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇپ، قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولغانلىقى ھەققىدە نېمە دەيدۇ؟
-
ئۇلار ئىلگىرى كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرمىگەن، ئەمما ھازىر نېمە ئۈچۈن مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدۇ؟
مۇقەددەس كىتابتا بىزگە تەسەللى ۋە ئۈمىد بېرىدىغان كۆرسەتمىلەر بار. رىملىقلار 15:4-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
-
مۇقەددەس كىتابتىكى تەسەللى ۋە ئۈمىد بېرىدىغان ۋەدە سىزنى قىزىقتۇرامدۇ؟
6. مۇقەددەس كىتابنى چۈشىنىشىمىزگە باشقىلار ياردەم بېرەلەيدۇ
كۆپلىگەن كىشىلەر مۇقەددەس كىتابنى ئۆزى ئوقۇپلا قويماي، يەنە باشقىلار بىلەن مۇھاكىمە قىلىشنىڭ كۆپ ياردەم بېرىدىغانلىقىنى چۈشەنگەن. ئەلچىلەر 8:26–31-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
-
مۇقەددەس كىتابنى قانداق چۈشىنەلەيمىز؟—30، 31-ئايەتلەرنى كۆرۈڭ.
بەزىلەر مۇنداق دەيدۇ: «مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىش — ۋاقىت ئىسراپ قىلغانلىق».
-
سىز قانداق ئويلايسىز؟ نېمە ئۈچۈن؟
خۇلاسە
مۇقەددەس كىتاب تۇرمۇشىمىزغا كېرەكلىك مەسلىھەتلەرنى، مۇھىم سوئاللىرىمىزغا جاۋابلارنى ۋە بىزگە تەسەللى ھەم ئۈمىد بېرىدۇ.
تەكرارلاش
-
مۇقەددەس كىتابتىن قانداق مەسلىھەتلەرنى تاپالايمىز؟
-
مۇقەددەس كىتاب قايسى بەزى سوئاللارغا جاۋاب بېرىدۇ؟
-
مۇقەددەس كىتابتىن نېمىلەرنى ئۆگىنىشنى خالايسىز؟
ئىزدىنىپ كۆرۈڭ
مۇقەددەس كىتابتىكى مەسلىھەتلەرنى بۈگۈنكى كۈندە قانداق قوللىنىشقا بولىدىغانلىقىنى ئويلىنىپ كۆرۈڭ.
«مۇقەددەس كىتابنىڭ تەلىملىرى — چەكسىز دانالىق» («كۈزىتىش مۇنارى»، 2018-يىل، 1-سان)
بالىلىق چېغىدىن ھېس-تۇيغۇلىرىدا قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن بىر كىشىگە مۇقەددەس كىتابنىڭ قانداق ياردەم بەرگەنلىكىنى كۆرۈڭ.
ئائىلىۋى تۇرمۇش ئۈچۈن مۇقەددەس كىتابتا بېرىلگەن ئەمەلىي مەسلىھەتلەرنى كۆرۈپ چىقىڭ.
«ئائىلىۋى بەختنىڭ 12 سىرى» («ئويغىنىش!»، 2018-يىل، 2-سان)
«بۇ دۇنيانى كىمنىڭ باشقۇرۇۋاتقانلىقى» توغرىسىدا كەڭ تارقالغان خاتا بىر چۈشەنچىنى مۇقەددەس كىتاب قانداق ئايدىڭلاشتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ چىقىڭ.
«نېمە ئۈچۈن مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىش كېرەك؟»—تولۇق مەزمۇن (14:3)