مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

7-‏دەرس

خۇدا پادىشالىقى دېگەن نېمە؟‏

خۇدا پادىشالىقى دېگەن نېمە؟‏

1.‏ خۇدا پادىشاھلىقى دېگەن نېمە؟‏

نېمىشقا ئەيسا ئەڭ ياخشى پادىشا؟‏ (‏ماركۇس 1:‏40—‏42‏)‏

خۇدا پادىشاھلىقى ئاسماندىكى بىر ھۆكۈمەت.‏ ئۇ كەلگۈسىدە باشقا بارلىق ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئورنىغا دەسسەپ،‏ ئاسماندا ۋە يەر يۈزىدە خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇندايدۇ.‏ خۇدا كەلگۈسىدە ئۆز پادىشاھلىقىنى مۇشۇ مەقسەت ئۈچۈن ئىشلىتىدىغانلىقى بىز ئۈچۈن ئاجايىپ خۇش خەۋەر!‏ يېقىن كەلگۈسىدە،‏ خۇدا پادىشاھلىقى ئىنسانلار مۇھتاج بولۇۋاتقان مۇكەممەل ھۆكۈمەت سۈپىتىدە،‏ بارچە كىشىلەرنى يەر يۈزىدە تىنچ ياشاش ئۈچۈن جەم قىلىدۇ.‏​‏—‏ دانىيال 2:‏44؛‏ مەتتا 6:‏9،‏10؛‏ 24:‏14-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.‏

پادىشاھلىقنىڭ چوقۇم بىر پادىشاھى بولۇشى كېرەك.‏ يەھۋا ئەڭ يېقىن سىردىشى بولغان ئەيسا مەسىھنى ئۆز پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى قىلىپ تەيىنلىگەن.‏​‏—‏ ۋەھىيلەر 11:‏15-‏ئايەتنى ئوقۇڭ.‏

‏«‏خۇدا پادىشاھلىقى دېگەن نېمە؟‏‏» ناملىق فىلىمنى كۆرۈڭ

2.‏ نېمە ئۈچۈن ئەيسا پادىشاھ بولۇشقا ئەڭ مۇۋاپىق؟‏

خۇدانىڭ ئەڭ يېقىن سىردىشى بولغان ئەيسا مەسىھ پادىشاھ بولۇشقا ئەڭ مۇۋاپىق.‏ چۈنكى ئۇ مېھىر-‏شەپقەتلىك ۋە ھەققانىيلىقنى سۆيىدۇ (‏ئىبرانىيلار 1:‏9‏)‏.‏ ھەمدە ئۇنىڭ ئىنسانىيەتكە ياردەم بېرىشكە قۇربىتى تامامەن يېتىدۇ،‏ سەۋەبى ئۇ ئاسماندا پۈتكۈل يەر يۈزى ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزىدۇ.‏ ئەيسا ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلگەندىن كېيىن،‏ ئاسمانغا چىقىپ كېتىپ،‏ يەھۋانىڭ ئوڭ يېنىدا پادىشاھلىق تەختىگە ئېرىشىش ئۈچۈن كۈتكەنىدى (‏ئىبرانىيلار 10:‏12،‏13‏)‏.‏ ئاخىرى،‏ خۇدا ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈشنى باشلاش ھوقۇقىنى ئەيساغا بەردى.‏​‏—‏ دانىيال 7:‏13،‏14-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.‏

3.‏كىملەر ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدۇ؟‏

بىر گۇرۇپپا مۇقەددەسلەر،‏ دەپ ئاتالغانلار ئەيسا بىلەن ئاسماندا ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدۇ (‏دانىيال 7:‏27‏)‏ ئاشۇ مۇقەددەسلەر قاتارىغا ئەيسانىڭ ساداقەتمەن ئەلچىلىرى تۇنجى بولۇپ تاللانغان.‏ يەھۋا ساداقەتمەن ئەرلەر ۋە ئاياللارنى مۇقەددەسلەر قاتارىغا تاللاشنى ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرماقتا.‏ ئەيساغا ئوخشاش،‏ ئۇلار روھى شەخس سۈپىتىدە تىرىلدۈرۈلىدۇ.‏​‏—‏ يۇھاننا 14:‏1–‏3؛‏ 1-‏كورىنتلىقلار 15:‏42–‏44-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.‏

قانچىلىك كىشى ئاسمانغا چىقىدۇ؟‏ ئەيسا ئۇلارنى كىچىك پادا،‏ دەپ ئاتىغان (‏لۇقا 12:‏32‏)‏.‏ ئەڭ ئاخىرىدا،‏ ئۇلارنىڭ سانى 144000 غا يېتىدۇ.‏ ئۇلار ئەيسا بىلەن بىللە يەر يۈزى ئۈستىدىن ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدۇ.‏​‏—‏ ۋەھىيلەر 14:‏1-‏ئايەتنى ئوقۇڭ.‏

4.‏ ئەيسا ھاكىميەت يۈرگۈزۈشنى باشلىغاندا،‏ نېمە ئىش يۈز بەرگەن؟‏

خۇدانىڭ پادىشاھلىقى 1914-‏يىلى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنى باشلىغان.‏ * پادىشاھ بولۇپ،‏ ئەيسانىڭ تۇنجى قىلغان ئىشى شەيتان ۋە ئۇنىڭ جىنلىرىنى ئاسماندىن يەر يۈزىگە تاشلاش بولغان.‏ شەيتان دەرغەزەپكە كېلىپ،‏ پۈتكۈل يەرشارىدا قىيىنچىلىقلارنى پەيدا قىلىشقا باشلىغان (‏ۋەھىيلەر 12:‏7–‏10،‏12‏)‏.‏ شۇنىڭدىن باشلاپ،‏ ئىنسانىيەتنىڭ ۋاي-‏داد،‏ پەريادلىرى كۆپىيىپ كەتتى.‏ مەسىلەن،‏ ئۇرۇشلار،‏ ئاچارچىلىقلار،‏ يۇقۇملۇق كېسەللەر ۋە يەر تەۋرەشلەر كۆپەيمەكتە.‏ شۇلارنىڭ ھەممىسى خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ پات-‏ئارىدا يەر شارىدىكى ئىشلارنى تەلتۆكۈس بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلىدىغان بىر ئالامەتتۇر.‏​‏—‏ لۇقا 21:‏7،‏10،‏11،‏31-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.‏

5.‏ خۇدانىڭ پادىشاھلىقى نېمىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ؟‏

يەر شارىنى قاپلىغان ۋەز ئېيتىش خىزمىتى ئارقىلىق،‏ خۇدا پادىشاھلىقى ئاللىقاچان ھەر مىللەت كىشىلىرىدىن ئىناق-‏ئىتتىپاق زور بىر توپ خالايىقنى ئۇيۇشتۇردى.‏ مىليونلىغان كەمتەر كىشىلەر ئەيسا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پادىشاھلىقنىڭ پۇقراسى بولۇشماقتا.‏ خۇدا پادىشاھلىقى بۇ رەزىل دۇنيانى ۋەيران قىلغاندا،‏ ئۆز پۇقرالىرىنى قوغدايدۇ.‏ شۇڭا،‏ بارلىق خۇدا پادىشاھلىقىدىن پاناھلىق ئىزدىگۈچىلەر،‏ ئەيسانىڭ ئىتائەتچان پۇقراسى بولۇشنى ئۆگىنىشى كېرەك.‏​‏—‏​ۋەھىيلەر 7:‏9،‏14،‏16،‏17-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.‏

بىر مەزگىل،‏ يەنى 1000 يىل داۋامىدا،‏ شۇ پادىشاھلىق خۇدانىڭ ئىنسانىيەت ئۈچۈن قىلغان ئەڭ دەسلەپتىكى ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.‏ پۈتكۈل يەر يۈزى جەننەت ماكانغا ئايلىنىدۇ.‏ ئەڭ ئاخىرىدا،‏ ئەيسا پادىشاھلىقنى خۇداغا قايتۇرۇپ بېرىدۇ (‏1-‏كورىنتلىقلار 15:‏24–‏26‏)‏.‏ سىز كىمگە خۇدا پادىشاھلىقى ھەققىدە ئېيتىپ بەرمەكچىسىز؟‏​‏—‏ زەبۇر 37:‏10،‏11،‏29-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.‏

 

^ ‏ 6-‏ئابزاس مۇقەددەس كىتابنىڭ 1914-‏يىلى ھەققىدىكى بېشارىتى توغرىسىدا تەپسىلاتلارنى،‏ مۇقەددەس كىتابتا زادى نېمە ھەقىقەت بار؟‏ دېگەن كىتابنىڭ 216–‏218 گىچە بەتلىرىدىن كۆرۈڭ.‏