مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

5-‏دەرس

خۇدانىڭ يەرگە تېگىشلىك نىيىتى قانداق؟‏

خۇدانىڭ يەرگە تېگىشلىك نىيىتى قانداق؟‏

1.‏ خۇدا يەرشارىنى نېمە ئۈچۈن ياراتقان؟‏

يەھۋا ئىنسانىيەتكە يەرشارىنى بەرگەن.‏ يەر يۈزى بىز ئىنسانلارنىڭ ماكانى.‏ خۇدا تۇنجى بىر جۈپ،‏ يەنى ئادەم-‏ئاتا بىلەن ھاۋا-‏ئانىنى ئاسماندا ياشاش ئۈچۈن ياراتقان ئەمەس،‏ چۈنكى ئۇ ئاللىقاچان ئاسماندا ياشاشقا پەرىشتىلەرنى ياراتقان (‏ئايۇپ 38:‏ 4،‏7‏)‏.‏ خۇدا تۇنجى ئادەمنى ئېرەم باغ،‏ دەپ ئاتالغان بەكمۇ چىرايلىق جەننەتكە ئورۇنلاشتۇرغانىدى (‏يارىتىلىش 2:‏15–‏17‏)‏.‏ يەھۋا ئادەم-‏ئاتا ۋە ئۇنىڭ كەلگۈسى پەرزەنتلىرىنى يەرشارىدا ئەبەدىي شاد-‏خۇرام ياشاشتەك گۈزەل كېلەچەككە ئىگە قىلغان.‏​‏—‏ زەبۇر 37:‏29؛‏ 115:‏16-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.‏

دەسلەپتە،‏ ئېرەم باغلا جەننەت بولغان.‏ تۇنجى بىر جۈپ ئىنسان پەرزەنتلىك بولۇپ يەر يۈزىنى تولدۇرۇشى ۋە شۇنىڭ بىلـەن بىر ۋاقىتتا،‏ ئۇلار يەرشارىنى بويسۇندۇرۇپ،‏ پۈتكۈل يەر يۈزىنى بىر جەننەت ماكانغا ئايلاندۇرۇشى كېرەك ئىدى (‏يارىتىلىش 1:‏28‏)‏.‏ يەرشارى ھەرگىزمۇ گۇمران قىلىنمايدۇ.‏ ئۇ ئىنسانلارنىڭ مەڭگۈلۈك ماكانىدۇر.‏​‏—‏ زەبۇر 104:‏5-‏​ئايەتنى ئوقۇڭ.‏

‏«‏خۇدا يەرنى نېمە ئۈچۈن ياراتتى؟‏‏» ناملىق فىلىمنى كۆرۈڭ

2.‏ نېمە ئۈچۈن ھازىر يەرشارى بىر جەننەت ماكان ئەمەس؟‏

ئادەم-‏ئاتا بىلەن ھاۋا-‏ئانا ياراتقۇچىغا ئىتائەتسىزلىك قىلغاچ،‏ يەھۋا ئۇلارنى شۇ باغدىن قوغلاپ چىقارغان.‏ جەننەت يوق بولدى،‏ ھېچ بىر ئىنسان ئۇنى ئەسلىگە قايتۇرالىغان ئەمەس.‏ مۇقەددەس كىتاب:‏ «مانا دۇنيا بولسا يامانلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلغان»،‏ دەيدۇ.‏​—‏ ئايۇپ 9:‏24،‏ ب ج.‏ ​‏—‏ يارىتىلىش 3:‏23،‏24-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.‏

يەھۋا ئۆزىنىڭ ئىنسانىيەت ئۈچۈن قىلغان ئەسلى مەقسىتىدىن ۋاز كەچتىمۇ؟‏ ياق،‏ ئۇ ھەممىگە قادىردۇر.‏ ئۇ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ (‏يەشايا 45:‏18‏)‏.‏ كەلگۈسىدە ئۇ ئىنسانىيەت ئۈچۈن قىلغان ئەسلى مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.‏​‏—‏ زەبۇر 37:‏11،‏34-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.‏

3.‏ جەننەت قانداق قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ؟‏

ئەيسا مەسىھ،‏ خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى بولۇپ باشقۇرىدىغان مەزگىلدە،‏ جەننەت يەر يۈزىدە قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ.‏ ئارماگېدون،‏ دەپ ئاتىلىدىغان بىر جەڭدە،‏ ئەيسا خۇدانىڭ پەرىشتىلىرىگە باش بولۇپ،‏ بارلىق خۇدا بىلەن قارشىلاشقۇچىلارنى يوق قىلىدۇ.‏ ئاندىن ئەيسا شەيتاننى 1000 يىللىق كىشەنلەيدۇ.‏ شۇ يوق قىلىشتا خۇدانىڭ خەلقى ئامان قالىدۇ،‏ چۈنكى ئەيسا يولباشچىلىق قىلىپ،‏ ئۇلارنى قوغدايدۇ.‏ شۇندا،‏ ئۇلار يەر يۈزى جەننەتتە مەڭگۈلۈك ھاياتتىن بەھرىمەن بولىدۇ.‏​‏—‏ ۋەھىيلەر 20:‏1–‏3؛‏ 21:‏3،‏4-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.‏

4.‏ ئازاب-‏ئوقۇبەتلەر قاچان يوق بولىدۇ؟‏

خۇدا يەر يۈزىدىكى رەزىللىكنى قاچان ئاخىرلاشتۇرىدۇ؟‏ ئەيسا مەسىھ شۇ ئاخىرلاشتۇرۇش ۋاقتى يېقىنلاشقانلىقىنى كۆرسىتىدىغان بىر ئالامەتنى ئېيتىپ بەرگەن.‏ دۇنيانىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ئىنسانىيەتكە تەھدىت ئېلىپ كەلمەكتە ۋە شۇنى كۆرسەتتىكى،‏ بىز دەل «زامان ئاخىرىنىڭ» كۈنلىرىدە ياشاۋاتىمىز.‏​‏—‏ مەتتا 24:‏3،‏7–‏14،‏21،‏22-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.‏

ئەيسا ئاسماندا يەر يۈزى ئۈستىدىن 1000 يىل ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزىدىغان مەزگىلدە،‏ ئۇ بارچە ئازاب-‏ئوقۇبەتلەرنى يوق قىلىدۇ (‏يەشايا 9:‏6،‏7؛‏ 11:‏9‏)‏.‏ ئەيسا پادىشاھ بولۇپ خىزمەت قىلغاندىن باشقا،‏ ئۇ يەنە باش روھانىيلىق خىزمىتىنى قىلىپ،‏ خۇدانى سۆيگۈچىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرۈمگە ئېرىشتۈرىدۇ.‏ شۇنداق قىلىپ،‏ ئەيسانىڭ ۋاستىسى بىلەن خۇدا ئاغرىق،‏ قېرىلىق ۋە ئۆلۈمنى يوق قىلىدۇ.‏​‏—‏​يەشايا 25:‏8؛‏ 33:‏24-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.‏

5.‏ كىملەر كەلگۈسى جەننەتتە ياشايدۇ؟‏

ئىبادەت ئۆيىدە سىز خۇدانى ياخشى كۆرۈدىغان ھەم ئۇنى مەمنۇن قىلىشنى خالايدىغان ئادەملەرنى ئۇچرىتىسىز

خۇداغا ئىتائەتچان بولغۇچىلار كەلگۈسىدە جەننەتتە ياشايدۇ (‏1-‏يۇھاننا 2:‏17‏)‏.‏ ئەيسا ئۆزىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنى كەمتەر كىشىلەرنى تېپىپ،‏ ئۇلارغا قانداق قىلىپ خۇدانىڭ مەقبۇل قىلىشىغا ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى ئۆگىتىشكە ئەۋەتكەن.‏ بۈگۈنكى كۈندە،‏ يەھۋا مىليونلىغان كىشىلەرنى كەلگۈسىدە يەر يۈزى جەننەتتە ياشاش ئۈچۈن تەييار قىلىۋاتىدۇ (‏سەفنىيا 2:‏3‏)‏.‏ يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ پادىشاھلىق يىغىلىش زاللىرىدا‏،‏ كىشىلەر ياخشى ئەر ۋە ئاتا،‏ ياخشى ئايال ۋە ئانا بولۇشنى ئۆگەنمەكتە.‏ پەرزەنتلەر بىلەن ئاتا-‏ئانىلار بىرلىكتە ئىبادەت قىلىپ،‏ خۇش خەۋەردىن قانداق مەنپەئەتلىنىشنى ئۆگەنمەكتە.‏​‏—‏ مىخا 4:‏1–‏4-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.‏