مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

4-‏دەرس

ئەيسا مەسىھ دېگەن كىم؟‏

ئەيسا مەسىھ دېگەن كىم؟‏

1.‏ ئەيسا قەيەردىن كەلگەن؟‏

ئەيسانىڭ قايسى خىسلەتلىرى ئادەملەرنى ئۆزىگە تارتتى؟‏ (‏مەتتا 11:‏29؛‏ ماركۇس 10:‏13—‏16‏)‏.‏

ئەيسا باشقا ئىنسانلاردىن پەرقلىق،‏ ئۇ يەر يۈزىدە تۇغۇلۇشتىن ئىلگىرى،‏ ئاسماندا پەرىشتە بولۇپ ياشىغانىدى (‏يۇھاننا 8:‏23‏)‏.‏ يەھۋا تۇنجى بولۇپ ئەيسانى ياراتقان.‏ ھەمدە ئۇ باشقا ھەممە نەرسىلەرنى ئەيسانى ئىشلىتىپ ياراتقانىدى.‏ چۈنكى ئۇنىڭ ھاياتى بىۋاستە خۇدادىن كەلگەچ،‏ ئۇ كۆچمە مەنىدە خۇدانىڭ ئوغلى،‏ دەپ ئاتالغان (‏مەتتا 16:‏16‏)‏.‏ ئۇ «مەسىھ» ياكى مايلانغۇچى،‏ دەپمۇ ئاتالغان.‏ مەسىھ سۆزنىڭ مەنىسى:‏ خۇدا تەرىپىدىن تاللىنىپ ئالاھىدە ۋەزىپە ئورنىغا قويۇلغان كىشى.‏​‏—‏​پەندى-‏نەسىھەت 8:‏22،‏23،‏30؛‏ كولوسىلىقلار 1:‏15،‏16-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.‏

2.‏ نېمە ئۈچۈن ئەيسا يەر يۈزىگە كەلگەن؟‏

خۇدا ئاسماندىن ئەيسانىڭ ھاياتىنى يەر يۈزىدىكى مەريەم ئىسىملىك پاك يەھۇدىي قىزنىڭ قورسىقىغا يۆتكىگەن.‏ شۇڭا،‏ ئەيسانىڭ ئىنسان ئاتىسى بولغان ئەمەس (‏لۇقا 1:‏30–‏35‏)‏.‏ ئەيسا يەر يۈزىگە،‏ (‏1)‏ خۇدا توغرىسىدىكى ھەقىقەتنى ئۆگەتكىلى؛‏ (‏2)‏ ھەتتا بىزنىڭ مۈشكۈل ئەھۋالدا،‏ قانداق قىلىپ خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇندىشىمىز ئۈچۈن ئۈلگە قالدۇرغىلى؛‏ (‏3)‏ ئۆز مۇكەممەل ھاياتىنى قۇربان قىلىپ،‏ بەدەل يەنى تۆلەم بەرگىلى كەلگەن.‏​‏—‏ مەتتا 20:‏28-‏ئايەتنى ئوقۇڭ.‏

3.‏ نېمە ئۈچۈن بىز تۆلەم قۇربانلىقىغا مۇھتاج؟‏

تۆلەم —‏ كىشىنى ئۆلۈمنىڭ تەھدىتىدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن تۆلەشكە تېگىشلىك بەدەل (‏چىقىش 21:‏29،‏30‏)‏.‏ خۇدانىڭ ئىنسانىيەت ئۈچۈن قىلغان ئەسلى مەقسىتى ئۆلۈم ۋە قېرىلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەمەس.‏ بىز شۇنى قانداق بىلىمىز؟‏ خۇدا تۇنجى ئىنسان ئادەم-‏ئاتىغا،‏ ئەگەر ئۇ مۇقەددەس كىتابتا «گۇناھ»،‏ دەپ كۆرسىتىلگەن ئىشنى قىلسا ئۆلىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.‏ شۇڭا،‏ ئەگەر ئادەم گۇناھ قىلمىغان بولسا،‏ ئۇ ھەرگىزمۇ ئۆلمىگەن بولاتتى (‏يارىتىلىش 2:‏16،‏17؛‏ 5:‏5‏)‏.‏ مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغاندا،‏ ئادەم-‏ئاتا ئارقىلىق ئۆلۈم ئىنسانىيەت ئارىسىغا كىرگەن.‏ شۇنداق قىلىپ،‏ ئادەم-‏ئاتا گۇناھ ۋە ئۇنىڭ بەدىلى بولغان ئۆلۈمنى ئۆزىنىڭ ئەۋلادلىرىغا تارقاتقان.‏ بىز ئادەم-‏ئاتىدىن مىراس ئالغان ئۆلۈم جازاسىدىن ئازاد بولۇش ئۈچۈن بىر تۆلەمگە مۇھتاجمىز.‏​‏—‏ رىملىقلار 5:‏12؛‏ 6:‏23-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.‏

كىم شۇ تۆلەمنى تۆلەپ بىزنى ئۆلۈمدىن ئازاد قىلالۇر؟‏ كىشى ئۆلسە،‏ پەقەت ئۆزىنىڭ گۇناھلىرىنىڭ جازاسى ئۈچۈن بەدەل تۆلەيدۇ.‏ ھېچبىر نامۇكەممەل ئادەم باشقىلارنىڭ گۇناھى ئۈچۈن بەدەل تۆلىيەلمەيدۇ.‏​‏—‏ زەبۇر 49:‏7–‏9-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.‏

4.‏ ئەيسا نېمە ئۈچۈن ئۆلگەن؟‏

بىزگە ئوخشىمايدىغان يېرى،‏ ئەيسا مۇكەممەل ئادەم بولغان.‏ شۇڭا،‏ ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئۆلۈپ،‏ ئۆز گۇناھى ئۈچۈن بەدەل تۆلەش شەرت ئەمەس،‏ چۈنكى ئۇ ھېچقانداق گۇناھ سادىر قىلمىغان.‏ ئەمما،‏ ئۇ باشقىلارنىڭ گۇناھى ئۈچۈن ئۆلگەن.‏ خۇدا ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىنى ئەيسانى بىز ئۈچۈن ئۆلۈشكە ئەۋەتىپ،‏ ئىنسانىيەتكە بولغان ئاجايىپ چوڭقۇر سۆيگۈ-‏مۇھەببىتىنى ئىپادىلىگەن.‏ خۇداغا ئىتائەتچان بولۇش ۋە گۇناھىمىز ئۈچۈن ئۆز جېنىنى پىدا قىلىش ئارقىلىق ھەزرىتى ئەيسامۇ بىزگە بولغان سۆيگۈ-‏مۇھەببىتىنى كۆرسەتكەن.‏​‏—‏ يۇھاننا 3:‏16؛‏ رىملىقلار 5:‏18،‏19-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.‏

‏«‏ئەيسا مەسىھ نېمە ئۈچۈن ئۆلدى؟‏‏» ناملىق فىلىمنى كۆرۈڭ

5.‏ ھازىر ئەيسا نېمە ئىش قىلىۋاتىدۇ؟‏

ھەزرىتى ئەيسا يەر يۈزىدە بولغاندا،‏ ئاغرىقلارنى ساقايتىپ،‏ ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈپ،‏ كىشىلەرنىڭ ئازاب-‏ئوقۇبەتلىرىنى يەڭگىللەتكەن.‏ شۇ ئارقىلىق ئۇ كەلگۈسىدە بارلىق ئىتائەتچان كىشىلەرگە نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەنىدى (‏مەتتا 15:‏30،‏31؛‏ يۇھاننا 5:‏28‏)‏.‏ ئەيسا ئۆلگەندىن كېيىن،‏ خۇدا ئۇنى تىرىلدۈرۈپ ئاسماندىكى ھاياتلىققا قايتۇرغان (‏ئەفەسلىكلەر 1:‏19،‏20‏)‏.‏ شۇنىڭ بىلەن،‏ ئۇ يەھۋا ئۇنىڭغا پادىشاھ بولۇپ،‏ يەر يۈزى ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزىدىغان ھوقۇقنى بەرگىچە،‏ خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ساقلاپ تۇرغان (‏ئىبرانىيلار 10:‏12،‏13‏)‏.‏ ھازىر ئەيسا ئاسماندا پادىشاھلىق قىلىۋاتىدۇ،‏ ھەمدە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بولسا دۇنيانىڭ جاي-‏جايلىرىدا شۇ پادىشاھلىق ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى جاكارلىماقتا.‏​‏—‏ دانىيال 7:‏13،‏14؛‏ مەتتا 24:‏14-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.‏

پات-‏ئارىدا،‏ ئەيسا پادىشاھلىق ھوقۇقىنى ئىشلىتىپ بارلىق ئازاب-‏ئوقۇبەتلەر ۋە ئۇلارنى پەيدا قىلغۇچىلارنى يوق قىلىدۇ.‏ ئەيسا مەسىھكە بويسۇنۇپ،‏ ئۇنىڭغا ئىشەنچ قىلغانلىقىنى كۆرسەتكەنلەر يەر يۈزى جەننەتتىكى ھاياتلىقتىن بەھرىمەن بولىدۇ.‏​‏—‏ زەبۇر 37:‏9–‏11-‏ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.‏