مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌رگە ئىشىنە‌مدۇ؟‏

يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌رگە ئىشىنە‌مدۇ؟‏

 ئىشىنىمىز.‏ ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌ر:‏ «يول،‏ ھە‌قىقە‌ت ۋە ھاياتلىق ئۆزۈمدۇ‌رمە‌ن.‏ مېنىڭسىز ھېچكىم ئاتىنىڭ يېنىغا بارالمايدۇ»،‏ دېگە‌ن (‏يۇ‌ھاننا 14:‏6‏)‏.‏ بىز ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌ر ئاسماندىن يە‌رگە كېلىپ،‏ ئۆزىنىڭ مۇ‌كە‌ممە‌ل ئىنسانىي ھاياتىنى تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقى سۈپىتىدە بە‌رگە‌نلىكىگە ئىشىنىمىز (‏مە‌تتا 20:‏28‏)‏.‏ ئە‌يسانىڭ ئۆلۈمى ۋە تىرىلىشى ئۇ‌نىڭغا ئىشە‌نگە‌نلە‌ر ئۈچۈن مە‌ڭگۈلۈك ھاياتقا يول ئاچقان (‏يۇ‌ھاننا 3:‏16‏)‏.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ بىز پات-‏ئارىدا پۈتكۈل يە‌ر يۈزىدە تىنچلىقنى ئورنىتىدىغان خۇ‌دانىڭ ئاسماندىكى پادىشاھلىقىدا ئە‌يسانىڭ پادىشاھ سۈپىتىدە ھازىرنىڭ ئۆزىدە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقانلىقىغا ئىشىنىمىز (‏ۋە‌ھىي 11:‏15‏)‏.‏ ئە‌مما،‏ بىز ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ «ئاتا مە‌ندىن ئولۇ‌غدۇ‌ر»،‏ دېگە‌ن سۆزلىرىگە ئە‌ستايىدىللىق بىلە‌ن قولاق سالىمىز (‏يۇ‌ھاننا 14:‏28‏)‏.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ بىز ئە‌يساغا ئىبادە‌ت قىلمايمىز ۋە ئۇ‌نى ھە‌ممىگە قادىر خۇ‌دا،‏ دە‌پ قارىمايمىز.‏