مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

ھە‌ممە ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تنىڭ سە‌ۋە‌بچىسى شە‌يتانمۇ؟‏

ھە‌ممە ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تنىڭ سە‌ۋە‌بچىسى شە‌يتانمۇ؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا نېمە ئېيتىلىدۇ؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن شە‌يتاننىڭ مە‌ۋجۇ‌ت شە‌خس ئىكە‌نلىكى ۋە جىنايە‌تچىلە‌ر توپىنىڭ يېتە‌كچىسىگە ئوخشاش «ساختا مۆ‌جۈ‌زىلە‌ر» بىلە‌ن «ئالدامچىلىقنى» قوللىنىپ،‏ ئۆ‌ز مە‌قسىتىگە يېتىشكە تىرىشىۋاتقانلىقى ئېنىق كۆ‌رۈ‌نىدۇ.‏ ھە‌قىقە‌تە‌ن،‏ «شە‌يتان ئۆ‌زى يورۇ‌قلۇ‌ق پە‌رىشتىسىنىڭ قىياپىتىگە كىرىدۇ» (‏سالونىكىلىقلارغا 2-‏خە‌ت 2:‏9،‏ 10؛‏ كورىنتلىقلارغا 2-‏خە‌ت 11:‏14‏)‏.‏ شە‌يتاننىڭ مە‌ۋجۇ‌ت شە‌خس ئىكە‌نلىكىنى ئۇ كە‌لتۈ‌رگە‌ن زىياندىن كۆ‌رۈ‌شكە بولىدۇ.‏

شۇ‌نداق بولسىمۇ،‏ شە‌يتان ھە‌ممە ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تنىڭ سە‌ۋە‌بچىسى ئە‌مە‌س.‏ نېمىشقا شۇ‌نداق دە‌پ ئېيتساق بولىدۇ؟‏ خۇ‌دا ئادە‌ملە‌رنى تاللاش ئە‌ركىنلىگى،‏ يە‌نى ياخشىلىق ياكى يامانلىق قىلىشنى قارار قىلىش قابىلىيىتى،‏ بىلە‌ن ياراتقان (‏يە‌شۇ‌ئا 24:‏15‏)‏.‏ بىز ناتوغرا قارار چىقارساق،‏ ئۇ‌نىڭ يامان ئاقىۋېتىنى كۆ‌رۈ‌مىز (‏گالاتىلىقلارغا 6:‏7،‏ 8‏)‏.‏