ئىنسانىيەتنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىگە خۇدا ئەيىبلىكمۇ؟
مۇقەددەس كىتابتا نېمە ئېيتىلىدۇ؟
مۇقەددەس كىتاب بۇ سوئالغا «ياق» دەپ كەسكىن جاۋاب بېرىدۇ. ئازاب-ئوقۇبەتلەر خۇدانىڭ ئىنسانىيەتكە تېگىشلىك نىيىتىگە كىرمىگەن. لېكىن بىرىنچى ئىنسان جۈپى خۇدانىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ئىسىيان كۆتىرىپ، ياخشى بىلەن يامانغا تېگىشلىك ئۆلچەملەرنى ئۆزلىرى ئورنىتىشقا قارار قىلغان. ئۇلار خۇدادىن ئۈز ئۆرۈپ، بۇنىڭ يامان ئاقىۋېتىنى كۆرگەن.
بۈگۈنكى كۈندە بىز ئۇلارنىڭ ناتوغرا قارارىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرۈۋاتىمىز. بىراق ئىنسانىيەت چېكىۋاتقان ئازاب-ئوقۇبەتلەر خۇدادىن ئەمەس.
مۇقەددەس كىتابتا: «سىناقتا ھېچكىم: «خۇدا مېنى سىناۋاتىدۇ»، دەپ ئېيتمىسۇن، چۈنكى تەڭرىنى يامانلىق بىلەن سىناش مۇمكىن ئەمەس ھەم ئۇ ئۆزى ھېچكىمنى يامانلىق بىلەن سىنىمايدۇ»،— دەپ يېزىلغان (ياقۇپ 1:13). ھەممە ئادەملەر، ھەتتا خۇدانىڭ ماقۇللىشىغا ئىگە بولغان ئادەملەرمۇ، ئازاب چېكىدۇ.