مۇقاۋىدىكى ماۋزۇ | مۇقەددەس كىتاب بىزگە قانداق يېتىپ كەلگەن؟
مۇقەددەس كىتاب قارشىلىقلارغا قارىماي، ساقلىنىپ قالغان
خەۋپ-خەتەر: سىياسىي ۋە دىنىي رەھبەرلەر مۇقەددەس كىتابتىكى خەۋەرنىڭ تارقىتىلىشىغا بار كۈچى بىلەن قارشىلىق قىلغان. ئۇلار ھوقۇقىنى ئىشلىتىپ، كىشىلەرنىڭ مۇقەددەس كىتابقا ئېرىشىشىنى، ئۇنى تەرجىمە قىلىشىنى، ئۇنىڭدىن نۇسخا كۆچۈرۈشنى، كېيىنرەك ئۇنىڭ نەشىر قىلىشىنى مەنئىي قىلغان. كېلىڭ، ئىككى مىسالنى كۆرۈپ چىقايلى.
تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 167 يىل. سالاۋكىدلار پادىشاھى ئانتىكوس ئېپىفانېس ئىبرانىيلارنى بار كۈچى بىلەن گرېك دىنىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلىغان ۋە ئىبرانىي يازمىلارنىڭ بارچە نۇسخىلىرىنى يوق قىلىشنى ئەمىر قىلغان. تارىخچى ھېنرىك گرائېتىس، پادىشاھنىڭ ئەمەلدارلىرى نېمىلەرنى قىلغانلىقى ھەققىدە مۇنداق دەپ يازغان: «ئۇلار تەۋراتنىڭ ئورام قوليازمىلىرىنى تاپقان ھامان يىرتىپ، كۆيدۈرگەن ۋە مۇقەددەس يازمىلارنى ئوقۇپ كۆڭلىگە تەسەللى تاپقانلارنى ئۆلتۈرگەن».
ئوتتۇرا ئەسىرلەر. بەزى كاتولىك دىنى رەھبەرلىرى ئاددىي كىشىلەرنىڭ كاتولىك چىركاۋدىكى تەلىملەرنى ئەمەس، مۇقەددەس كىتاب تەلىملىرىنى ۋەز قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ غەزەپلەنگەن ۋە لاتىن تىلىدىكى مۇقەددەس يازمىلارنىڭ زەبۇر كىتابىدىن باشقا كىتابلىرى قولىدا بارلارنى كاپىر ياكى بىدئەتچى دەپ ئېلان قىلغان. بىر چىركاۋ كېڭىشىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە، ئۇلارنىڭ كىشىلىرى «بىدئەتچىلەرنى ئەستايىدىل، تىنماي ئىزدىشى كېرەك ئىدى، .... بارچە گۇمان قىلىنغان ئۆيلەر ۋە يەر ئاستى ئامبارلار ئاختۇرۇلۇشى ۋە ئەگەر بىدئەتچى تېپىلسا، ئۇنىڭ ئۆيى ۋەيران قىلىناتتى».
ئەگەر دۈشمەنلەر مۇقەددەس كىتابنى يوق قىلغان بولسا، بىز ئۇنىڭدىكى خەۋەرنى ھەرگىزمۇ ئاڭلىيالمايتتۇق.
مەنئىي قىلىنىشقا ۋە كۆيدۈرۈلۈپ يوق قىلىنىشقا دۇچ كەلگەن، ھەتتا 1536-يىلى تىندال ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بولسىمۇ، ۋىليام تىندال ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلغان مۇقەددەس كىتاب ساقلىنىپ قالغان.
مۇقەددەس كىتاب قانداق ئامان قالغان؟ پادىشاھ ئانتىكوس ئۇيۇشتۇرغان شىددەتلىك زىيانكەشلىكى ئىسرائىل زېمىنىدىكى يەھۇدىيلارغا قارشى قارىتىلغان ئىدى. ئەمما، باشقا نۇرغۇنلىغان مەملىكەتلەردىمۇ يەھۇدىي ئىبادەتخانىلىرى بار ئىدى. ئالىملارنىڭ ئېيتىشىچە، مىلادى I ئەسىرگە يېقىن، يەھۇدىيلارنىڭ 60 پىرسەنتىدىن كۆپرەكى ئىسرائىل زېمىنىنىڭ سىرتىدىكى باشقا زېمىنلاردا ياشىغان. ئۇلار ئۆز ئىبادەتخانىلىرىدا، مۇقەددەس يازمىلارنىڭ كۆچۈرمە نۇسخىلىرىنى ساقلىغان ۋە ئۇلاردىن كېيىنكى ئەۋلاد، شۇ جۈملىدىن مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىمۇ شۇ قوليازمىلارنى ئىشلەتكەن (ئەلچىلەر 15:21).
ئوتتۇرا ئەسىرلەردە، مۇقەددەس كىتابنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەر زىيانكەشلىككە قارىماستىن، داۋاملىق ئۇنى تەرجىمە قىلىپ تارقاتقان. VX-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىرىدە، دەسلەپكى باسما تېخنىكىسى ئىجاد قىلىنىشتىن ئىلگىرى، مۇقەددەس كىتابنىڭ بەزى قىسىملىرى 33 تىلغا تەرجىمە قىلىنغان ئىدى. كۆپ ئۆتمەي، مۇقەددەس كىتاب تەرجىمە قىلىنىپ، كەڭ كۆلەمدە بېسىپ چىقىرىلىپ تارقىتىلغان.
نەتىجىسى قانداق بولغان؟ كۈچلۈك ھۆكۈمرانلار ۋە دىنى رەھبەرلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە قارىماستىن، مۇقەددەس كىتاب تارىختىكى ئەڭ كۆپ تەرجىمە قىلىنغان ۋە بېسىلىپ چىقىرىلغان كىتابقا ئايلاندى.