مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

ماسورېتلار مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئېھتىياتچانلىق بىلە‌ن كۆچۈرۈپ يازغان

مۇ‌قاۋىدىكى ماۋزۇ | مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىزگە قانداق يېتىپ كە‌لگە‌ن؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنىڭ مە‌زمۇ‌نى ئۆزگە‌رتىشلە‌ردىن ئامان قالغان

مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنىڭ مە‌زمۇ‌نى ئۆزگە‌رتىشلە‌ردىن ئامان قالغان

خە‌ۋپ-‏خە‌تە‌ر:‏ چىرىش ۋە قارشىلىق كە‌بى تاشقى خە‌ۋپ-‏خە‌تە‌رلە‌ر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى يوق قىلالمىغان.‏ بىراق،‏ يە‌نە بىر خە‌ۋپ-‏خە‌تە‌ر بار ئىدى.‏ بە‌زى نۇ‌سخا كۆچۈرگۈچىلە‌ر ۋە تە‌رجىمانلار مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ مە‌زمۇ‌نىنى ئۆزگە‌رتىشكە ئۇ‌رۇ‌نغان.‏ ئۇ‌لار ئۆز تە‌لىماتلىرىنى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ماسلاشتۇ‌رۇ‌شنىڭ ئورنىغا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆز تە‌لىماتلىرىغا ماسلاشتۇ‌رۇ‌شقا تىرىشقان.‏ كېلىڭ،‏ بە‌زى مىساللارنى كۆرۈپ چىقايلى.‏

  • ئىبادە‌ت قىلىدىغان جاي.‏ مىلادىدىن ئىلگىرى VI—‏II-‏ئە‌سىرلە‌ر ئارىسىدا،‏ كىشىلە‌ر سامارىيە تە‌ۋراتىنىڭ چىقىش 20:‏17-‏ئايىتىگە،‏ «گارىزىم تېغىدا.‏ شۇ يە‌ردە قۇ‌ربانگاھ ياسىغىن» دېگە‌ن جۈملىنى قوشۇ‌پ قويغان.‏ شۇ‌نداق قىلىپ،‏ سامارىيە‌لىكلە‌ر مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنىڭ ياردىمىدە گارىزىم تېغىدا ئىبادە‌تخانا سېلىش ئۈچۈن باھانە-‏سە‌ۋە‌ب ئىزدە‌شكە ھە‌رىكە‌ت قىلغان.‏

  • ئۈچبىرلىك تە‌لىماتى.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلار يېزىلىپ تاماملانغاندىن كېيىن،‏ 300 يىلچە ۋاقىت ئۆتۈپ،‏ ئۈچبىرلىك تە‌لىماتى تە‌رە‌پدارى بولغان بىر كىشى يۇ‌ھاننانىڭ 1-‏خېتى 5:‏7-‏ئايىتىگە،‏ «بۇ‌لار ئاتا،‏ كالام ۋە مۇ‌قە‌ددە‌س روھتۇ‌ر.‏ بۇ ئۈچى بىردۇ‌ر» دېگە‌ن سۆزلە‌رنى قوشۇ‌پ قويغان.‏ بۇ سۆزلە‌ر مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنىڭ ئە‌سلى نۇ‌سخىسىدا يوق.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىقاتچىسى برۇ‌س مېتىسگېرنىڭ ئېيتىشىچە،‏ بۇ سۆزلە‌ر «مىلادى IV-‏ئە‌سىردىن باشلاپ،‏ كونا لاتىن قوليازمىلىرىدا،‏ شۇ جۈملىدىن ۋۇ‌لگاتا تە‌رجىمىسىدە بارغانسېرى كۆپ ئۇ‌چرايدىغان بولغان».‏

  • خۇ‌دانىڭ ئىسىمى.‏ نۇ‌رغۇ‌نلىغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ تە‌رجىمانلىرى يە‌ھۇ‌دىيلارنىڭ خۇ‌راپىي ئۆرپ-‏ئادىتىگە ئە‌گىشىپ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردىن خۇ‌دانىڭ ئىسىمىنى چىقىرىپ تاشلاشنى قارار قىلغان.‏ ئۇ‌لار خۇ‌دانىڭ ئىسىمىنىڭ ئورنىغا،‏ «خۇ‌دا»،‏ «پە‌رۋە‌ردىگار» كە‌بى نام-‏ئۇ‌نۋانلارنى ئىشلىتىدىغان بولغانىدى.‏ لېكىن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا بۇ نام-‏ئۇ‌نۋانلار پە‌قە‌ت ياراتقۇ‌چىغىلا ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ئادە‌ملە‌ر،‏ ساختا چوقۇ‌نۇ‌شتا قوللىنىدىغان بۇ‌تلار كە‌بى نە‌رسىلە‌ر ۋە ھە‌تتا ئىبلىسقا قارىتا ئىشلىتىلىدۇ (‏يۇ‌ھاننا 10:‏34،‏ 35؛‏ كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 8:‏5،‏ 6؛‏ كورىنتلىقلارغا 2-‏خە‌ت 4:‏4‏)‏ *‏.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب قانداق ساقلىنىپ قالغان؟‏ بىرىنچى،‏ گە‌رچە بە‌زى مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى كۆچۈرگۈچىلە‌ر سە‌مىمىيە‌تسىز ۋە ئىشە‌نچسىز بولغان بولسىمۇ،‏ يە‌نە نۇ‌رغۇ‌ن ئۆز كە‌سپىگە ماھىر ۋە ئېھتىياتچانلىق بىلە‌ن ئۆز خىزمىتىنى قىلغان كۆچۈرگۈچىلە‌رمۇ بولغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ماسورېتلارنى ئالايلى.‏ ئۇ‌لار مىلادى IV—‏X-‏ئە‌سىرلە‌ردە ئىبرانىي يازمىلارنى كۆچۈرۈپ يازغان.‏ بۈگۈنكى كۈندە ئاشۇ يازمىلار ماسورېت قوليازمىلىرى دە‌پ تونۇ‌لغان.‏ ماسورېتلار مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنىڭ مە‌زمۇ‌نىغا خاتالىقلارنى كىرگۈزۈپ قويماسلىق ئۈچۈن ھە‌ر بىر ھە‌رىپنى ساناپ چىققان ئىدى.‏ ئۇ‌لار ئە‌سلى نۇ‌سخىسىدىكى تېكىست مە‌زمۇ‌نىغا خاتالىقلار كىرگۈزۈلگە‌ن دە‌پ گۇ‌مان قىلغان بولسا،‏ ئۇ‌لار تېكىستنىڭ يان گىرۋىكىگە بە‌لگىلە‌رنى سېلىپ قويغان.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنىڭ تېكىستىنى ئۆزگە‌رتىپ قويۇ‌شتىن بە‌كمۇ قورققان.‏ پروفېسسور موشې گوشېن-‏گوتستىن:‏ «ئۇ‌لار بۇ ئادە‌تكە قە‌ستە‌ن ئە‌مە‌ل قىلماسلىقنى ئە‌ڭ ئېغىر جىنايە‌ت دە‌پ قارىغان»،‏—‏ دېگە‌ن.‏

ئىككىنچى،‏ بۈگۈنكى كۈنگىچە يېتىپ كە‌لگە‌ن ئىنتايىن كۆپ قوليازمىلارنىڭ ساقلىنىپ قالغانلىقى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا كىرگۈزۈلگە‌ن خاتالىقلارنى ئېنىقلاشقا ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ دىنىي رە‌ھبە‌رلە‌ر ئۆز قوللىرىدىكى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابلارنىڭ لاتىنچە تە‌رجىمىلىرىنى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ئە‌سلى نۇ‌سخىسىنىڭ ئۆزى دە‌پ،‏ ئە‌سىرلە‌ر بويى كىشىلە‌رگە يالغان ئېيتىپ كە‌لگە‌ن.‏ بۇ ماقالىدە،‏ يۇ‌قىرىدا تىلغا ئېلىنغاندە‌ك،‏ ئۇ‌لار يۇ‌ھاننانىڭ 1-‏خېتى 5:‏7-‏ئايىتىگە ئارتۇ‌ق سۆزلە‌رنى قوشۇ‌پ قويغان.‏ مە‌زكۇ‌ر خاتالىق ھە‌تتا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ئىنگلىز تىلىدىكى داڭلىق پادىشاھ ياقۇ‌پ تە‌رجىمىسىدە ئۇ‌چرايدۇ!‏ بىراق،‏ باشقا قوليازمىلار تېپىلغاندا،‏ نېمە مە‌لۇ‌م بولدى؟‏ برۇ‌س مېتىسگېر مۇ‌نداق دە‌پ يازغان:‏ «[‏يۇ‌ھاننانىڭ 1-‏خېتى 5:‏7‏]-‏دىكى ئۈزۈندە،‏ لاتىن تە‌رجىمىسىدىن باشقا قە‌دىمقى تە‌رجىمىلە‌رنىڭ ھېچ بىرىدە (‏سۈرىيانچە،‏ كوپتىكچە،‏ ئە‌رمە‌نچە،‏ ئېفىئويىچە،‏ ئە‌رە‌بچە ۋە سىلاۋيانچە)‏ ئۇ‌چرىمىغان».‏ نە‌تىجىدە،‏ بۈگۈنكى كۈندىكى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ بە‌زى پادىشاھ ياقۇ‌پ تە‌رجىمىلىرىدە،‏ بۇ ئۈزۈندە چىقىرىلىپ تاشلانغان.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدىكى بۈگۈنكى كۈندىكى تە‌رجىمىلىرىدىمۇ بۇ سۆزلە‌ر ئۇ‌چرىمايدۇ.‏

تە‌خمىنە‌ن مىلادى 200-‏يىلدىكى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب قوليازمىسى،‏ چېستېر بىتتى پاپىروسى 46P

قە‌دىمىي قوليازمىلار مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ مە‌زمۇ‌نى ئۆزگە‌رتىلمىگە‌نلىكىنى ئىسپاتلامدۇ؟‏ 1947-‏يىلى «ئۆلۈك دېڭىز ئورام يازمىلىرى» تېپىلغاندا،‏ تە‌تقىقاتچىلار ئىبرانىي ماسورېت قوليازمىلىرىنى ئۇ‌لاردىن مىڭ يىل ئىلگىرى كۆچۈرۈپ يېزىلغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئورام قوليازمىلىرى بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رۇ‌ش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغان.‏ ئۆلۈك دېڭىز ئورام يازمىلىرىنىڭ تە‌تقىقات گۇ‌رۇ‌پىسىنىڭ بىر ئە‌زاسىنىڭ ئېيتىشىچە،‏ ھە‌تتا بىر ئورام قوليازما «يە‌ھۇ‌دىي كۆچۈرگۈچىلە‌رنىڭ مىڭ يىلدىن كۆپرە‌ك ۋاقىتتىن بۇ‌يان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ مە‌زمۇ‌نىنى ئىنتايىن توغرا ۋە ئېنىق يە‌تكۈزۈپ بە‌رگە‌نلىكىنى ئىشە‌نچىلىك ئىسپاتلايدۇ».‏

ئىرلاندىيىنىڭ دۇ‌بلىن شە‌ھىرىدىكى چېستېر بىتتى كۇ‌تۇ‌پخانىسىدا گرېك يازمىلارنىڭ (‏يېڭى ئە‌ھدە)‏ پاپىروسلار توپلىمى ساقلىنىدۇ.‏ بۇ توپلامدا گرېك يازمىلاردىكى كىتابلارنىڭ ھە‌ممىسى دېگىدە‌ك بار.‏ يە‌نە بۇ توپلامدا مىلادى ئىككىنچى ئە‌سىردىكى قوليازمىلارمۇ بار.‏ دېمە‌ك،‏ ئۇ‌لار مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلار پۈتۈنلە‌ي يېزىپ تاماملىنىپ،‏ 100 يىلچە ۋاقىت ئۆتكە‌ندىن كېيىنلا مە‌يدانغا كە‌لگە‌ن.‏ گە‌رچە پاپىروسلارنىڭ تېكىستى ھە‌ققىدە كۆپلىگە‌ن يېڭى ئۇ‌چۇ‌رلارنى تە‌مىنلە‌پ بە‌رمىسىمۇ،‏ ئۇ‌لار مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ تېكىستىنىڭ شۇ‌نچە تارىخى جە‌ريانىنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ،‏ ھە‌يران قالارلىق دە‌رىجىدە ئېنىق يېتىپ كە‌لگە‌نلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.‏

‏«شۇ‌نى ئىشە‌نچىلىك ئېيتىشقا بولىدۇ‌كى،‏ قە‌دىمىي ئە‌سە‌رلە‌رنىڭ ھېچبىرى بۈگۈنكى كۈنگە بۇ‌نىڭدە‌ك توغرا يېتىپ كېلە‌لمىگە‌ن»‏

نە‌تىجە نېمە بولدى؟‏:‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب قوليازمىلىرىنىڭ شۇ‌نداق ئۇ‌زۇ‌ن تارىخى ۋە شۇ‌نچە كۆپ قوليازما نۇ‌سخىلىرى ھازىر قولىمىزدا بار تېكىستلە‌رنىڭ ئۆزگە‌رمىگە‌نلىكى،‏ ئە‌كسىچە تېخى ياخشى ساقلانغانلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇ‌رىدۇ.‏ مە‌شھۇ‌ر ئالىم فرېدېرىك كېنيون گرېك يازمىلار توغرىسىدا مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «باشقا ھېچبىر قە‌دىمىي كىتابنىڭ،‏ بۇ‌نىڭدە‌ك ئۇ‌زۇ‌ن تارىخى ۋە مول قوليازما تېكىستلىرى يوق.‏ ھە‌ر بىر بىتە‌رە‌پلىكنى ساقلايدىغان ئالىم قولىمىزدا بار مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ تېكىستىنىڭ ئۆزگە‌رتىلمە‌ي،‏ ساقلىنىپ قالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ».‏ تە‌تقىقاتچى ۋىليام ھېنرى گرىن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌ققىدە مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «شۇ‌نى ئىشە‌نچىلىك ئېيتىشقا بولىدۇ‌كى،‏ قە‌دىمىي ئە‌سە‌رلە‌رنىڭ ھېچبىرى بۈگۈنكى كۈنگە بۇ‌نىڭدە‌ك توغرا يېتىپ كېلە‌لمىگە‌ن».‏

^ كۆپرە‌ك مە‌لۇ‌ماتلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن jw.org.www تور بە‌تتىكى «مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب _ يېڭى دۇ‌نيا تە‌رجىمىسى» قوشۇ‌مچىسىدىكى 1A ۋە 2A ماۋزۇ‌لىرىغا قاراڭ (‏باشقا تىلدا)‏.‏