مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

بەختلىك ئائىلە قۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى نېمە؟‏

بەختلىك ئائىلە قۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى نېمە؟‏

سىزنىڭچە ئۇ .‏ .‏ .‏

  • سۆيگۈ-‏مۇھەببەتمۇ؟‏

  • پۇل-‏مالمۇ؟‏

  • ياكى باشقىمۇ؟‏

مۇقەددەس كىتاب مۇنداق دەيدۇ

‏«خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ،‏ ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىدىغان كىشى .‏.‏.‏ بەختلىك!‏».‏ —‏ لۇقا 11:‏28‏.‏

بۇنى بىلىش سىز ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك

چىن سۆيگۈ-‏مۇھەببەتتىن بەھرىمەن بولالايسىز.‏ —‏ ئەفەسلىكلەرگە 5:‏28،‏29‏.‏

ھەقىقىي ھۆرمەتكە ئېرىشەلەيسىز.‏ —‏ ئەفەسلىكلەرگە 5:‏33‏.‏

ئىناق-‏ئىجىل،‏ خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرەلەيسىز.‏—‏ ماركۇس 10:‏6–‏9‏.‏

مۇقەددەس كىتابتا ئېيتىلغانلارغا راستتىنلا ئىشىنەلەيمىزمۇ؟‏

شۇنداق،‏ ئىشىنىشنىڭ ئاز دېگەندىمۇ ئىككى سەۋەبى بار:‏

  • خۇدا ئائىلە قۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرغۇچىدۇر.‏ مۇقەددەس كىتاب يەھۋا خۇدا تۇنجى بىر جۈپ ئىنساننى نىكاھ ئارقىلىق بىرلەشتۈرگەن دەيدۇ (‏يارىتىلىش 2:‏18–‏24‏)‏.‏ باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا،‏ ھەربىر ئائىلىنىڭ بارلىققا كېلىشىنى يەھۋا ئورۇنلاشتۇرغان.‏ نېمە ئۈچۈن بۇنى بىلىش بەكمۇ مۇھىم؟‏

    ئويلاپ باقايلى:‏ ئەگەر سىز ئوخشىغان بىر ۋاق تاماق يېگىنىڭىزدە،‏ ئۇنىڭغا ئىشلىتىلگەن خۇرۇچلارنى بىلمەكچى بولسىڭىز،‏ كىمدىن سوراپ باقىسىز؟‏ ئەلۋەتتە،‏ تاماقنى تەييار قىلغان كىشىدىن،‏ شۇنداق ئەمەسمۇ؟‏!‏

    شۇنىڭغا ئوخشاش،‏ بەختلىك ئائىلە قۇرۇشقا كېتىدىغان خۇرۇچلارنى تېپىش ئۈچۈن ناھايىتى ئېنىقكى ئائىلە قۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرغۇچى يەھۋادىن سوراپ كۆرىشىمىز كېرەك.‏

  • خۇدا سىزگە كۆڭۈل بۆلىدۇ.‏ ھەربىر ئائىلىنىڭ يەھۋانىڭ مۇقەددەس كىتابتا ئېيتقان مەسلىھىتى ھەققىدە ئىزدىنىشى دانالىقتۇر.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ «چۈنكى،‏ ئۇ سىلەرگە غەمخورلۇق قىلىدۇ» (‏پېترۇسنىڭ 1-‏خېتى 5:‏6،‏7‏)‏.‏ يەھۋا بىزنىڭ مەنپەئەتىمىزنى كۆزلەيدۇ.‏ ئۇنىڭ مەسلىھەتلىرى بىز ئۈچۈن ھەمىشە پايدىلىق!‏ —‏ پەندى-‏نەسىھەت 3:‏5،‏6؛‏ يەشايا 48:‏17،‏18‏.‏

ئويلاپ كۆرۈڭ

قانداق قىلىپ ياخشى ئەر ۋە ئايال،‏ ئاتا ياكى ئانا بولالايسىز؟‏

مۇقەددەس كىتابتىكى ئايەتلەر بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىدۇ:‏ ئەفەسلىكلەرگە 5:‏1،‏ 2 ۋە كولوسىلىقلارغا 3:‏18–‏21‏.‏