مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

بىر-‏بىرى بىلەن ھەمكارلىشىدىغان ئەر-‏ئايال خۇددى ئۇچىۋاتقان ئايروپىلاندىكى كاپىتان ۋە ياردەمچى ئۇچقۇچىغا ئوخشاش

ئە‌ر-‏ئاياللار ئۈچۈن

2.‏ ئۆزئارا ھە‌مكارلىشىش

2.‏ ئۆزئارا ھە‌مكارلىشىش

دېگە‌ن نېمە؟‏

نىكاھىدا ئۆزئارا ھە‌مكارلىشىدىغان ئە‌ر-‏ئايالنى ئۇ‌چىۋاتقان ئايروپىلاندىكى كاپىتان ۋە ياردە‌مچى ئۇ‌چقۇ‌چىغا ئوخشىتىشقا بولىدۇ.‏ ئە‌گە‌ر ئۇ‌لار بىرە‌ر قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لسە،‏ ھە‌ر بىرى «مە‌ن» ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى «بىز» دە‌پ ئويلايدۇ.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى پرىنسىپ:‏ «ئاندىن كېيىن ئۇ‌لار ئىككى ئە‌مە‌س،‏ بىر بە‌دە‌ندۇ‌ر».‏—‏ مە‌تتا 19:‏6‏.‏

‏«توي قىلغانلار بە‌ختلىك تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرۈش ئۈچۈن چوقۇ‌م ئۆزئارا ھە‌مكارلىشىشى كېرە‌ك» (‏كرىستوفېر)‏.‏

نېمە ئۈچۈن بۇ مۇ‌ھىم؟‏

‏«ئۆزئارا ھە‌مكارلاشمايدىغان ئە‌ر-‏ئايال ئوتتۇ‌رىسىدىكى توقۇ‌نۇ‌شلار پە‌يدا بولغاندا،‏ ئۇ‌لار شۇ قىيىنچىلىقلارغا قارشى ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ئۆزئارا بىر-‏بىرىگە قارشى كۈرە‌ش قىلىشقا مايىل بولىدۇ.‏ ئاخىرىدا ئە‌رزىمە‌س تۈگمىدە‌ك كىچىككىنە ئىش تۆگىدە‌ك چوڭ ئىش كە‌بى بىر قىيىنچىلىققا ئايلىنىدۇ»‏

‏«ئە‌ر-‏ئايال ئارىسىدا ھە‌مكارلىق روھى بولۇ‌شى كېرە‌ك.‏ ئە‌گە‌ر ھە‌مراھىم ئىككىمىز ھە‌مكارلاشمىساق،‏ بىر-‏بىرىمىز بىلە‌ن ئە‌ر-‏ئايال ئە‌مە‌س،‏ ياتاقداش بولۇ‌پ قالاتتۇ‌ق.‏ باشقىچە سۆز بىلە‌ن ئېيتقاندا،‏ ئىككى كىشى بىللە ياشىسىمۇ،‏ مۇ‌ھىم قارارنى چىقىرىشتا بىر ياقىدىن باش چىقىرالمايدۇ» (‏ئالېكساندىرا)‏.‏

نېمە قىلسىڭىز بولىدۇ؟‏

ئۆزىڭىزنى سىناپ كۆرۈڭ

  • ئىشلە‌پ تاپقان پۇ‌لنى پە‌قە‌ت «مېنىڭكى» دە‌پ قارامسىز؟‏

  • مە‌ن ياخشى ئارام ياكى دە‌م ئېلىش ئۈچۈن جۈپتۈم بىلە‌ن ۋاقىت ئۆتكۈزۈش كېرە‌كمۇ؟‏

  • ئۆمۈرلۈك جۈپتۈمنىڭ ئۇ‌رۇ‌ق-‏تۇ‌غقانلىرى بىلە‌ن يېقىن مۇ‌ناسىۋە‌تتە بولۇ‌شىغا قارىماي،‏ ئۇ‌لاردىن قېچىپ يۈرىمە‌نمۇ؟‏

جۈپتىڭىز بىللە مۇ‌ھاكىمە قىلىڭ

  • قايسى ساھە‌لە‌ردە بىز ئۆزئارا ياخشى ھە‌مكارلىشىپ كېلىۋاتىمىز؟‏

  • قايسى ساھە‌لە‌ردە تېخىمۇ ياخشىراق ھە‌مكارلىشىشقا تىرىشساق بولىدۇ؟‏

  • ھە‌مكارلىقىمىزنى كۈچە‌يتىش ئۈچۈن قانداق قە‌دە‌م-‏باسقۇ‌چلارنى بېسىشىمىز كېرە‌ك؟‏

مە‌سلىھە‌تلە‌ر

  • ئۆمۈرلۈك جۈپتىڭىزنى تېننىس ئوينايدىغان رىقابە‌تچىڭىز دە‌پ قارىماڭ.‏ بۇ‌نىڭ ئورنىغا،‏ جورىڭىز بىلە‌ن بىر تە‌رە‌پتە تۇ‌رۇ‌پ،‏ بىرلىكتە قىيىنچىلىقلارغا قارشى كۈرە‌ش قىلىڭ.‏

  • «قانداق يېڭىۋالسام بولىدۇ؟‏» دېمە‌ي،‏ «قانداق قىلىپ بىز يېڭىپ چىقالايمىز؟‏» دە‌پ ئويلاڭ.‏

‏«كىم توغرا،‏ كىم خاتا دېگە‌ننى ئۇ‌نتۇ‌پ كېتىڭ.‏ ئە‌ڭ مۇ‌ھىمى،‏ ئە‌ر-‏ئايال ئارىسىدا تىنچ-‏خاتىرجە‌ملىك ۋە ئىناقلىق ھۆكۈم سۈرۈشى كېرە‌ك» (‏ئىسان)‏.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى پرىنسىپ:‏ «پە‌قە‌ت ئۆز مە‌نپە‌ئە‌تىڭلارنىلا ئە‌مە‌س،‏ باشقىلارنىڭمۇ مە‌نپە‌ئە‌تلىرىنى ئويلاڭلار».‏—‏فىلىپىلىكلە‌ر 2:‏3،‏ 4‏؛‏ ي.‏د.‏