مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

نېمە ئۈچۈن سىلە‌ر «يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى»،‏ دېگە‌ن ئىسىم بىلە‌ن ئاتالغان؟‏

نېمە ئۈچۈن سىلە‌ر «يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى»،‏ دېگە‌ن ئىسىم بىلە‌ن ئاتالغان؟‏

 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئېيتىلغاندە‌ك،‏ خۇ‌دانىڭ خاس ئىسمى —‏ يە‌ھۋا (‏چىقىش 6:‏3؛‏ زە‌بۇ‌ر 83:‏18‏)‏.‏ گۇ‌ۋاھچى —‏ بۇ ئۆزى كۆز يە‌تكۈزگە‌ن ئوي-‏پىكىرلە‌ر ۋە ھە‌قىقە‌تلە‌رنى جاكارلايدىغان ئادە‌م.‏

 دېمە‌ك،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى دېگە‌ن بۇ ئىسىم —‏ بىزنى پۈتكۈل كائىناتنىڭ ياراتقۇ‌چىسى بولغان يە‌ھۋا خۇ‌دا توغرىسىدا ھە‌قىقە‌تنى جاكارلايدىغان بىر توپ ئە‌يسانىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى سۈپىتىدە تە‌سۋىرلە‌يدۇ (‏ۋە‌ھىي 4:‏11‏)‏.‏ بىز يۈرۈش-‏تۇ‌رۇ‌شىمىز ھە‌م مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن ئۆگە‌نگە‌نلىرىمىزنى باشقىلار بىلە‌ن ئورتاقلىشىش ئارقىلىق گۇ‌ۋاھلىق بېرىمىز (‏يە‌شايا 43:‏10—‏12؛‏ پېترۇ‌سنىڭ 1-‏خېتى 2:‏12‏)‏.‏