مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

ئېستونىيىدە «زور ئۇتۇق» دەپ تونۇلغان تەرجىمە

ئېستونىيىدە «زور ئۇتۇق» دەپ تونۇلغان تەرجىمە

مۇقەددەس يازمىلارنىڭ ئېستون تىلىدىكى «يېڭى دۇنيا تەرجىمىسى» 2014-‏يىلى ئېستونىيە تىل-‏ئەدەبىيات ساھەسىدىكى مۇكاپاتقا ئېرىشى نامزاتى قاتارىغا كىرگەن.‏ ئاخىرقى ئاۋاز بېرىش نەتىجىسىدە 18 نامزات ئارىسىدا،‏ بۇ تەرجىمە 3-‏ئورۇنغا ئىگە بولدى.‏

2014-‏يىلى 8-‏ئاۋغۇستتا يورۇق كۆرگەن مۇقەددەس كىتابنىڭ مۇشۇ يېڭى تەرجىمىسى ئۈچۈن مۇكاپاتنى ئېستون تىل ئىنستىتۇتىنىڭ تىلشۇناسى كرىستىنا روسس تەقدىم قىلىنغان ئىدى.‏ ئۇ «يېڭى دۇنيا تەرجىمىسىنى» «ئوقۇش ئاسان ۋە كىشىنى سۆيۈندۈرىدۇ»،‏—‏ دېگەن.‏ «مۇشۇ تەرجىمە ئۈچۈن تۆكۈلگەن تەرلەر ئېستون تىلى تەرجىمە ساھەسىنى بېيىتىپ،‏ يۇقىرى سەۋىيىگە كۆتۈردى»،‏—‏ دېگەن.‏ ئېستون مەدەنىيىتى بىلەن تىل-‏ئەدەبىياتى پروفېسسورى رېين ۋېيدېمان بۇ يېڭى تەرجىمىنى «زور ئۇتۇق»،‏—‏ دەپ ئاتىغان.‏

مۇقەددەس كىتابنىڭ ئېستون تىلىدىكى دەسلەپكى تولۇق تەرجىمىسى 1739-‏يىلى يورۇق كۆرگەن ئىدى ۋە شۇنىڭدىن بېرى باشقىمۇ بىر قاتار تەرجىمىلەر چىققان.‏ مۇشۇ تەرجىمىلەرنىڭ ئىچىدە «يېڭى دۇنيا تەرجىمىسى» نېمە سەۋەبتىن «زور ئۇتۇق» دەپ تونۇلغان؟‏

توغرا.‏ 1988-‏يىلى يورۇق كۆرگەن ئېستون مۇقەددەس كىتاب تەرجىمىسىنىڭ ئالاھىدە يېرى،‏ خۇدانىڭ ئىسمى ئىبرانىي يازمىلاردا (‏تەۋرات،‏ زەبۇر ۋە پەيغەمبەرلەر يازمىلىرى)‏ 6800دىن كۆپرەك يەردە «يېخووۋا» (‏ئۇيغۇرچە «يەھۋا»)‏ دەپ تەرجىمە قىلىنغان *‏.‏ «يېڭى دۇنيا تەرجىمىسى» ھەم ئوخشاش ئىشنى قىلغاندىن باشقىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلدى.‏ ئەسلى يازمىلارنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق،‏ بۇ تەرجىمىدە خۇدانىڭ ئىسمى گرېك يازمىلىرىدىمۇ (‏ئىنجىل)‏ بولۇشقا ئاساسىي بار بولغان يەرلەرنىڭ ھەممىسىگە قويۇلدى.‏

ئېنىق.‏ ‏«يېڭى دۇنيا تەرجىمىسى» توغرا ۋە ئوقۇشقا ئاسان،‏ بولۇپ چىقتىمۇ؟‏ توماس پاۋلۇس ئىسىملىك مەشھۇر مۇقەددەس كىتاب تەرجىمانى «ئېستى كىرىك» (‏«ئېستونىيە چىركاۋسى»)‏ دېگەن گېزىتتا ئۆز ئوي-‏پىكىرىنى يازدى.‏ ئۇنىڭ ئېيتىشىچە،‏ تەرجىمانلار «راۋان ئىستون تىلىدا تەرجىمە قىلىش مەقستىگە قول يەتكۈزدى»،‏ يەنە «يېڭى دۇنيا تەرجىمىسى» ئېستونىيە تارىخىدا تۇنجى قېتىم بۇ مەقسەتكە يىتىپ زور ئۇتۇق قازاندى.‏

ئېستون تەرجىمىسىدىن پايدا ئېلىش

ئېستون تىلىدىكى «يېڭى دۇنيا تەرجىمىسى» كۆپ كىشىلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.‏ مەسىلەن،‏ بىر خەلق رادىئوسى يېڭى مۇقەددەس كىتاب ئۈچۈن 40 مىنۇتلۇق پروگرامما ئورۇنلاشتۇردى.‏ چىركاۋغا بارىدىغانلارنۇ،‏ ئۇنىڭدىكى دىنىي خىزمەتچىلىرىمۇ يەھۋا گۇۋاھچىلىرىغا يولۇقۇپ،‏ يېڭى تەرجىمىگە ئىگە بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.‏ شۇنداقلا تاللىندىكى ئاتاقلىق مەكتەپلەرنىڭ بىرى دەرستە قوللىنىش ئۈچۈن 20 دانە «يېڭى دۇنيا تەرجىمىسى» لازىم بولغانلىقىنى ئېيتتى.‏ كىتابنى ياخشى كۆرۈپ ئوقۇيدىغان ئېستونىيە خەلقىگە يەھۋا گۇۋاھچىلىرى دۇنيادىكى ئەڭ ئاجايىپ كىتابنىڭ توغرا ۋە ئېنىق تەرجىمىسىنى يەتكۈزۈپ بېرىپ خۇرسەنلىك تاپتى

^ ‏ 5-‏ئابزاس تارتۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يېڭى ئەھدە (‏ئىنجىل)‏ تەتقىقاتى بۆلۈمىنىڭ خادىمى ئائىن رىستان ئېستون خەلقى ئارىسىدا خۇدانىڭ ئىسمىنىڭ تەلەپپۈزى قانداق قېلىپلاشقانلىقى ھەققىدە يېزىپ،‏ ئاخىرىدا مۇنداق خۇلاسە چىقاردى:‏ «مېنىڭچە،‏ بۈگۈن «يېخووۋا» دەپ ئېيتىش ناھايىتى ئورۇنلۇق بولىدۇ.‏ ئۇنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخىغا قارىماستىن،‏ بۇ ئىسىم .‏.‏.‏ ئەسىرلەر بويى ناھايىتى مۇھىم،‏ چوڭقۇر مەناغا ئىگە بولۇپ كەلدى.‏ «يېخووۋا» —‏ ئۆزىنىڭ ئوغلىنى ئىنسانىيەت ئۈچۈن قۇربانلىق سۈپىتىدە بەرگەن خۇدانىڭ ئىسمىدۇر».‏