يەھۋا گۇۋاھچىلىرىدا قىز-يىگىتلەرنىڭ ئۇچرىشىشىلىرىغا قارىتا قائىدىلەر بارمۇ؟
يەھۋا گۇۋاھچىلىرى مۇقەددەس كىتابتىكى قانۇن ۋە قائىدە-پرىنسىپلار بويىچە ياشاشنىڭ خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغانلىقىغا ۋە ئۆزلىرى ئۈچۈنمۇ پايدىلىق ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ (يەشايا 48:17، 18). بىز بۇ قائىدە-پرىنسىپلار ۋە قانۇنلارنى ئويلاپ تاپمىدۇق، ئەمما ئۇلارغا ماس ھايات كەچۈرۈمىز. ھازىر قىز-يىگىتلەرنىڭ ئۇچرىشىشىلىرىغا مۇناسىۋەتلىك قائىدىلەرگە قاراپ چىقايلى. a
نىكاھ — ئۆمۈرلۈك بىرلىشىش (مەتتا 19:6). يەھۋا گۇۋاھچىلىرى قىز-يىگىتلەر ئۇچرىشىشلىرىنى نىكاھقا ئېلىپ بارىدىغان قەدەم دەپ قارىغاچ، ئۇلارغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدۇ.
قىز-يىگىتلەر ئۇچرىشىشى پەقەت توي قىلىش يېشىغا يەتكەنلەر ئۈچۈندۇر. ئۇلار «ياشلىق باھارىدىن ئۆتۈپ كەتكەن»، يەنى جىنسىي ئارزۇ-ھەۋەسلىرى كۈچلۈك دەۋرى ئۆتۈپ كەتكەنلەردۇر (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 7:36).
ئۇچرىشىشپ يۈرگەنلەر چوقۇم نىكاھتا بىرلىشىشكە ئەركىن، يەنى ھوقۇقى بولغان بولۇشى كېرەك. قانۇن بويىچە رەسمىي تۈردە ئاجرىشىپ كەتكەن بەزىبىر ئادەملەرنىڭ خۇدانىڭ كۆزقارىشى بويىچە نىكاھلىشىش ئەركىنلىكى ياكى ھوقۇقى مۇمكىن، چۈنكى خۇدانىڭ نەزىرىدە نىكاھتىن ئاجرىشىپ كېتىشنىڭ بىرىدىن-بىر سەۋەبى جىنسىي ئەخلاقسىزلىقتۇر (مەتتا 19:19).
خۇدانىڭ تەلىۋى بويىچە، توي قىلىشنى قارار قىلغان مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى ئۆمۈرلۈك ھەمراھىنى پەقەت ئېتىقادداشلارنىڭ ئارىسىدىن ئىزدىشى كېرەك (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 7:39). مۇشۇ بۇيرۇققا نىسبەتەن، بىز پەقەت دىنىي كۆزقارىشىمىزنى ھۆرمەتلەپلا قويماي، بۇ كۆزقاراشقا مۇۋاپىق ياشايدىغان ۋە سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەن يەھۋا گۇۋاھچىسى بىلەن نىكاھ قۇرىمىز (كورىنتلىقلارغا 2-خەت 6:14). خۇدا ھەرقاچان ئۆز خىزمەتچىلىرىگە پەقەت ئېتىقادداشلار بىلەنلا نىكاھتا باش قوشۇشنى بۇيرىغان (يارىتىلىش 24:3؛ مالاكى 2:11). زامانىۋىي تەتقىقلار بۇ بۇيرۇقنىڭ بۈگۈنكى كۈندىمۇ زۆرۈرلىكىنى كۆرسىتپ بېرىۋاتىدۇ b.
بالىلار ئاتا-ئانىلىرىغا بويسۇنۇشى كېرەك (پەندى-نەسىھەت 1:8؛ كولوسىلىقلارغا 3:20). ئاتا-ئانىسى بىلەن ياشاۋاتقان بالىلار قىز-يىگىتلەرنىڭ ئۇچرىشىشىغا نىسبەتەن ئاتا-ئانىلىرى چىقارغان قارارلار بوىيچە ئىش-ھەرىكەت قىلىشى لازىم. مەسىلەن، ئاتا-ئانىسى بالىلىرىغا قانچە ياشتىن باشلاپ ئۇچرىشىششقا چىقالايدىغانلىقى ۋە قەيەرگە بارىدۇ-بارمايدۇ ياكى نېمە قىلسا بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى ئېيتالايدۇ.
مۇقەددەس كىتابتىكى كۆرسەتمىلەرنى نەزەردە تۇتۇپ، گۇۋاھچىلار ئۇچرىشىشىقا چىقىش-چىقامسلىق ياكى كىم بىلەن ئۇچرىشىشىنى ئۆزلىرى قارار قىلىدۇ. بۇ «ھەركىم ئۆز يۈكىنى كۆتىرىدۇ»، يەنى ھەربىر ئادەم ئۆزىنىڭ ئىشىغا ئۆزى مەسئۇل، دېگەن پرىنسىپقا مۇۋاپىقتۇر (گالاتىلىقلارغا 6:5). شۇنداقتىمۇ، قىز-يىگىتلەرنىڭ ئۇچرىشىشى ھەققىدە گەپ بولغاندا، كۆپىنچىسى ئۆزلىرى ئۈچۈن سەمىمىي كۆڭۈل بۆلىدىغان روھىي جەھەتتىن يېتىلگەن گۇۋاھچىلارنىڭ مەسلىھەتلىرىگە قۇلاق سالىدۇ (پەندى-نەسىھەت 1:5).
قىز-يىگىتلار ئۇچرىشىشىپ يۈرگەن ۋاقتىدىكى كۆپىنچە ئىش-ھەرىكەتلەر ئەمەلىيەتتە ئېغىر گۇناھ سانىلىدۇ. مەسىلەن، مۇقەددەس كىتابتا جىنسىي ئەخلاقسىزلىقتىن قېچىش كېرەك، دەپ ئېيتىلغان. بۇ پەقەت جىنسىي ئالاقىنىلا ئەمەس، يەنە نىكاھ قۇرمىغان ئادەملەر ئارىسىدا يۈز بېرىشى مۇمكىن بولغان ناپاك ئىشلارنى، مەسىلەن، باشقا ئادەمنىڭ جىنسىي ئەزالىرىنى سىلاش ياكى ئېغىز بوشلۇقى ياكى مەقئەت يولى ئارقىلىق جىنسىي ئالاقە قىلىشنى بىلدۈرىدۇ (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 6:9—11). ھەتتا، توي قىلىشتىن بۇرۇن، ئۆزئارا جىنسىي ھەۋەسىنى قوزغايدىغان ئىش-ھەرىكەتلەردە بولۇش خۇدانىڭ نەزىرىدە «ناپاكلىققا» ياتىدۇ ۋە ئۇنى رەنجىتىدۇ (گالاتىلىقلارغا 5:19—21). ئۇنىڭدىن باشقا، مۇقەددەس كىتاب ھەرقانداق ئەخلاقسىز مەزمۇندىكى «تېتىقسىز گەپلەرمۇ» ئەيىبلەنگەن (كولوسىلىقلارغا 3:8).
قەلبىمىز، يەنى ئىچكى تەبىئىتىمىز، ئالدامچى (يەرەمىيا 17:9). ئۇ ئادەمنى يامان ھەرىكەتلەرنى بىلىپ تۇرۇپ قىلىشقا ئازدۇرىدۇ. ئۇچرىشىۋاتقان قىز-يىگىتلەر مۇشۇنىڭغا يول بەرمەسلىكى ئۈچۈن، ئەخلاقسىزلىق قىلىپ قويۇشقا يول ئاچىدىغان ۋەزىيەتلەردىن قېچىشقا تىرىشىشى كېرەك. ئۇلار ئەخلاق ئۆلچەملىرى يۇقىرى ئادەملەرنىڭ ئارىسىدا ۋاقىت ئۆتكۈزۈشنى ياكى ئۆزلىرى بىلەن بىللە يۈرۈشكە ئۈچىنچى ئادەمنى چاقىرىۋېلىشنى قارار قىلىپ، ئەقىلانە چارىلارنى كۆرسە بولىدۇ (پەندى-نەسىھەت 28:26). ئۆمۈرلۈك ھەمراھىنى ئىزدەۋاتقان نىكاھ قۇرمىغان مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى ئىنتېرنېت تورى ئارقىلىق تونۇشۇشنىڭ، بولۇپمۇ ياخشى تونۇمايدىغان ئادەم بىلەن دوستلىشىشنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى چۈشىنىدۇ (زەبۇر 26:4).
a قىز-يىگىت ئۇچرىشىشى بەزى خەلقلەر مەدەنىيىتىگە يات نەرسە. مۇقەددەس كىتابتا ئىككى ياش ئۆيلىنىشنىڭ ئالدىدا چوقۇم ئۇچرىشىپ يۈرۈشى كېرەك، دەپ ئېيتىلمىغان.
b مەسىلەن، «نىكاھ ۋە ئائىلە» دەپ ئاتىلىدىغان ژۇرنالدا مۇنداق دېيىلگەن: «ئۇزان داۋام قىلغان نىكاھلار ھەققىدىكى تەتقىق نەتىجىسى كۆرسەتكەندەك، دىنى-ئېتىقادى نشانى، ئېتىقاد كۆزقارىشى ۋە ئىشەنچى بىردەك بولۇش نىكاھنىڭ مۇستەھكەم بولۇپ، ئۇزاققا داۋام قىلىشىنىڭ (25—50+ يىل) مۇھىم ئامىللىرى بولغان» (Marriage & Family Review، 38-توم، 1-نەشىر، 88-بەت، 2005-يىل).