مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى يە‌ر يۈزى 24 سائە‌تلىك 6 كۈن ئىچىدە يارىتىلغانلىقىغا ئىشىنە‌مدۇ؟‏

يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى يە‌ر يۈزى 24 سائە‌تلىك 6 كۈن ئىچىدە يارىتىلغانلىقىغا ئىشىنە‌مدۇ؟‏

 ياق.‏ بىز يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى سۈپىتىدە ھە‌ممە نە‌رسىنى خۇ‌دانىڭ ياراتقانلىقىغا ئىشىنىمىز‏.‏ بىراق،‏ بىز خۇ‌دا يە‌رنى 24 سائە‌تنى بىر دە‌ۋر قىلغان 6 كۈن ئىچىدە ياراتقان دېگە‌ن پىكىر بىلە‌ن كېلىشمە‌يمىز‏.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ چۈنكى،‏ شۇ‌نداق يارىتىلىش نە‌زىيىىسى قوللىغۇ‌چىلىرىنىڭ بە‌زى ئوي-‏پىكىرلىرى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ماس كە‌لمە‌يدۇ.‏ كېلىڭ،‏ تۆۋە‌ندىكى ئىككى مىسالنى قاراپ باقايلى.‏

  1.   ئالتە يارىتىش كۈنىنىڭ ئۇ‌زۇ‌نلۇ‌قى.‏ بە‌زى يارىتىلىش نە‌زىيىىسى قوللىغۇ‌چىلىرى 24 سائە‌تنى بىر دە‌ۋر قىلغان 6 كۈن ئىچىدە يارىتىلىش تاماملانغان،‏ دە‌پ ئىشىنىدۇ.‏ ئە‌مما،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى «كۈن» سۆزىنى ئۇ‌زاق ۋاقىت ياكى ئۇ‌زۇ‌ن دە‌ۋر ئۈچۈنمۇ قوللىنىشقا بولىدۇ (‏يارىتىلىش 2:‏4؛‏ زە‌بۇ‌ر 90:‏4‏)‏.‏

  2.   يە‌ر شارىنىڭ يېشى.‏ بە‌زى يارىتىلىش نە‌زىيىىسى قوللىغۇ‌چىلىرى يە‌ر شارىنىڭ يېشى پە‌قە‌ت بىر قانچە مىڭ يىل،‏ دە‌پ ئۆگىتىدۇ.‏ لېكىن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلانغاندا،‏ يە‌ر شارى ۋە ئالە‌م بوشلۇ‌قى ئالتە يارىتىلىش كۈنى باشلىنىشىدىن بۇ‌رۇ‌ن مە‌ۋجۇ‌ت ئىدى (‏يارىتىلىش 1:‏1‏)‏.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ بىز ئالىملارنىڭ يە‌ر شارىنىڭ يېشى مىلياردلىغان يىللار بولۇ‌شى مۇ‌مكىن،‏ دە‌پ كۆرسە‌تكە‌ن ئىشە‌نچىلىك ئىلىمىي تە‌تقىقاتلىرىغا قارشى ئە‌مە‌س.‏

 بىز يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى يارىتىلىشقا ئىشىنىمىز،‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن بىرگە،‏ ئىلىم-‏پە‌ننى رە‌ت قىلمايمىز‏.‏ بىز توغرا ئىلىم-‏پە‌ن بىلىملىرى بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىر-‏بىرىگە ئۇ‌يغۇ‌ن كېلىدۇ،‏ دە‌پ ئىشىنىمىز.‏