مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى ئارىسىدا خىزمىتى ئۈچۈن ھە‌ق ئالىدىغان رە‌ھبە‌رلە‌ر بارمۇ؟‏

يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى ئارىسىدا خىزمىتى ئۈچۈن ھە‌ق ئالىدىغان رە‌ھبە‌رلە‌ر بارمۇ؟‏

 بىرىنچى ئە‌سىردىكى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى قالدۇ‌رغان ئۈلگىگە ئە‌گىشىپ،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى دىنىي رە‌ھبە‌رلە‌ر ۋە ئاددىي ئېتىقادچىلار،‏ دە‌پ ئايرىلمايدۇ.‏ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكە‌ن گۇ‌ۋاھچىلارنىڭ ھە‌ممىسى روھىي خىزمە‌تچىلە‌ر بولۇ‌پ،‏ ھە‌ممىسى ۋە‌ز قىلىش ۋە تە‌لىم بېرىش پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ.‏ تە‌خمىنە‌ن 100 گۇ‌ۋاھچى بىر جامائە‌ت بولۇ‌پ تە‌شكىللە‌نگە‌ن.‏ ھە‌ر بىر جامائە‌تتە روھىي جە‌ھە‌تتىن يېتىلگە‌ن ئە‌ر كىشىلە‌ر «ئاقساقال» بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىدۇ (‏تىتقا 1:‏5‏)‏.‏ ئۇ‌لار خىزمىتى ئۈچۈن ھە‌ق ئالمايدۇ.‏