يەھۋا گۇۋاھچىلىرى نېمە ئۈچۈن ئۇرۇشقا قاتناشمايدۇ؟
يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ ئۇرۇشقا قاتناشماسلىقىنىڭ بىرقانچە سەبلىرى بار:
خۇداغا ئىتائەت قىلىدۇ. مۇقەددەس كىتابتا خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرى ھەققىدە «ئۇلار قىلىچلىرىدىن ساپان سوقىدۇ» ۋە «ئۇرۇش قىلىشنى ئۆگەنمەيدۇ»، دەپ يېزىلغان (يەشايا 2:4).
ئەيساغا ئىتائەت قىلىدۇ. ئەيسا مەسىھ ئەلچى پېترۇسقا مۇنداق دېگەن: «قىلىچىڭنى قىنىغا سال، قىلىچ كۆتەرگەنلەر قىلىچ ئاستىدا ھالاك بولىدۇ» (مەتتا 26:52). شۇنداق قىلىپ، ئەيسا پەيغەمبەر ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ قولىغا قورال ئالمايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
ئەيسا مەسىھ ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىنى «بۇ دۇنياغا مەنسۇپ ئەمەستۇر»، دەپ ئېيتقان. شۇ سەۋەبتىن، ئۇلار سىياسىي مەسىلىلەردە بېتەرەپلىكنى ساقلايدۇ (يۇھاننا 17:16). ئۇلار ئارمىيىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزمەيدۇ ھەم ھەربىي خىزمەتكە بېرىشنى تاللىغانلارنىڭ قارارلىرىغا ئارلاشمايدۇ.
ئادەملەرنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەيسا پەيغەمبەر شاگىرتلىرىغا: «بىر-بىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار»، — دەپ بۇيرۇق بەرگەن (يۇھاننا 13:34، 35). ئۇلار بىر-بىرىگە قارشى جەڭ قىلماي، ئەكسىنچە ئۆزئارا مېھىر-مۇھەببەتنى كۆرسىتىپ، خەلقئارالىق قېرىنداشچىلىقنى تەشكىل قىلغان (يۇھاننانىڭ 1-خېتى 3:10—12).
قەدىمقى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىدىن ئۈلگە ئالىدۇ. بىر ئىنسىكلوپېدىيىدە ئەيسانىڭ شاگىرتلىرىنىڭ ئۇرۇشقا قاتنىشىش ۋە ئەسكەردە خىزمەت قىلىشنى رەت قىلغانلىقى بايان قىلىنغان. ئۇلار ئۇرۇشقا چىقسا، ئەيسانىڭ «دۈشمەنلىرىڭلارنى سۆيۈڭلار»، دېگەن ئەمىرىگە قارشى بولىدىغانلىقىنى چۈشەنگەن. پېتېر مېينخولد ئىسىملىك نېمىس ئىلاھىيەتشۇناس І-ئەسىردىكى شاگىرتلار ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىسى بولۇش بىلەن ئەسكەر بولۇش بىر-بىرىگە قارىمۇ قارشى زىت ئىش، دەپ قارالغان».
جەمئىيەتكە ياردەم كۆرسىتىش
يەھۋا گۇۋاھچىلىرى جەمئىيەتكە پايدا ئەكېلىدۇ ۋە ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھتىد ئېلىپ كەلمەيدۇ. بىز دۆلەتنىڭ ھۆكۈمىتىنى ھۆرمەتلەپ، مۇقەددەس كىتابتا يېزىلغان تۆۋەندىكى بۇيرۇقلارنى ئورۇنلايمىز:
«ھەممە ئادەم ھۆكۈمەتكە بويسۇنۇشى كېرەك» (رىملىقلارغا 13:1).
«قەيسەرنىڭ ھەققىنى قەيسەرگە، خۇدانىڭ ھەققىنى خۇداغا تاپشۇرۇڭلار» (مەتتا 22:21).
مانا شۇ سەۋەبتىن بىز قانۇنغا بويسۇنىمىز، باج-سېلىق تۆلەيمىز ۋە جەمئىيەتنىڭ گۈللىنىپ راۋجلىنىشىغا ئۆز ھەسسىمىزنى قوشىمىز.