مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى بە‌زى تە‌لىملىرىنى ئۆزگە‌رتكە‌ن؟‏

نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى بە‌زى تە‌لىملىرىنى ئۆزگە‌رتكە‌ن؟‏

 بىزنىڭ ئىمان-‏ئېتىقادىمىز پە‌قە‌ت مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلانغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ مە‌لۇ‌م ئايە‌تلە‌رنىڭ مە‌نىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇ‌رراق چۈشە‌نگە‌نسېرى،‏ ئىلگىرىكى كۆزقاراش ۋە تە‌لىملىرىمىزدىمۇ ئۆزگۈرۈش بولىدۇ.‏ a

 شۇ‌نداق ئۆزگۈرۈشلە‌ر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى پرىنسىپقا ماس كېلىدۇ:‏ «ھە‌ققانىيلارنىڭ يولى گويا تاڭ نۇ‌رىدۇ‌ر،‏ كۈن چۈش بولغىچە ئۇ بارغانسېرى يورۇ‌يدۇ» (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 4:‏18‏)‏.‏ قۇ‌ياش چىققاندا ئۆپ-‏چۆرە ئاستا-‏ئاستا ئېنىق كۆرۈنۈشكە باشلايدۇ.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش, خۇ‌دامۇ ئۆز سۆزىدىكى ھە‌قىقە‌تلە‌رنى ئاستا-‏ئاستا،‏ ئۆز ۋاقىت-‏سائىتىدە چۈشە‌ندۈرىدۇ (‏پېترۇ‌سنىڭ 1-‏خېتى 1:‏10—‏12‏)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئالدىن-‏ئالا ئېيتىلغاندە‌ك،‏ خۇ‌دا بۇ‌نى «ئاخىرقى كۈندە» تېخىمۇ تېزلىتىدۇ (‏دانىيال 12:‏4‏)‏.‏

 تە‌لىملىرىمىزدە ئۆزگۈرۈش بولغاندا،‏ نە ھە‌يران قېلىش ياكى غە‌م-‏ئە‌ندىشە قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق.‏ خۇ‌دانىڭ قە‌دىمقى خىزمە‌تچىلىرىمۇ بە‌زىدە خاتا ئوي-‏پىكىردە ۋە ناتوغرا ئۈمىدتە بولغان.‏ ئۇ‌لارمۇ كۆزقارىشىنى ئۆزگە‌رتىشكە توغرا كە‌لگە‌ن ۋاقىتلار بولغان.‏

  •   مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌ر خۇ‌دا بە‌لگۈلىگە‌ن ۋاقىتتىن 40 يىل ئىلگىرى،‏ ئۆزىنى ئىسرائىل خە‌لقىنىڭ قۇ‌تقازغۇ‌چىسى بولۇ‌شقا تە‌ييار،‏ دە‌پ قارىغان (‏ئە‌لچىلە‌ر 7:‏23—‏25،‏ 30،‏ 35‏)‏.‏

  •   ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ شاگىرتلىرى ئۇ‌نىڭ ئۆلۈمى بىلە‌ن تىرىلىشىگە مۇ‌ناسىۋە‌تلىك بېشارە‌تلە‌رنى چۈشە‌نمىگە‌ن (‏يە‌شايا 53:‏8—‏12؛‏ مە‌تتا 16:‏21—‏23‏)‏.‏

  •   دە‌سلە‌پكى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنىڭ بە‌زىلىرى «يە‌ھۋانىڭ كۈنى» قاچان كېلىدىغانلىقى ھە‌ققىدە خاتا ئوي-‏پىكىردە بولغان (‏سالونىكىلىقلارغا 2-‏خە‌ت 2:‏1،‏ 2‏)‏.‏

 خۇ‌دا كېيىن ئۇ‌لارنىڭ ناتوغرا كۆزقاراشلىرىنى تۈزە‌تكە‌ن،‏ بىزمۇ خۇ‌دانىڭ داۋاملىق بىزنى شۇ‌نداق تۈزىتىشىنى ئۈمىد قىلىپ،‏ ئۇ‌نىڭدىن ياردە‌م سوراپ دۇ‌ئا قىلىمىز (‏ياقۇ‌پ 1:‏5‏)‏.‏

a بىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى تە‌لىملە‌رنى ئېنىقراق چۈشە‌نگە‌ندە،‏ ئۇ‌نى ھېچكىمدىن يوشۇ‌رمايمىز.‏ ئە‌كسىچە،‏ بۇ ھە‌ققىدە ماتېرىياللىرىمىزدا ئوچۇ‌ق-‏يورۇ‌ق يازىمىز.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ تور كۇ‌تۇ‌پخانىسغا كىرىپ (‏باشقا تىلدا)‏ «‏ئۆزگە‌رگە‌ن چۈشە‌نچىلە‌ر‏» دېگە‌ن سە‌ھىپىنى تە‌كشۈرۈپ كۆرسىڭىز بولىدۇ.‏