يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ئاجرىشىشقا قانداق قارايدۇ؟
بىزنىڭ نىكاھقا ھەم ئاجرىشىشقا بولغان كۆزقارىشىمىز مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان. خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە ئەر-ئايالنىڭ نىكاھتا بىرلىشىشى مەڭگۈلۈك بولۇشى كېرەك. مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغاندا، ئاجرىشىشقا بىرلا سەۋەب بار. بۇ — جىنسىي ئەخلاقسىزلىق يەنى زىنادۇر. (مەتتا 19:5، 6، 9).
يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ئەر-ئايالنىڭ نىكاھىدا قىيىنچىلىقلار پەيدا بولغاندا ياردەم بېرەمدۇ؟
ھەئە، بۇنىڭ بىرنەچچە ئۇسۇلى بار:
ماتېرىياللار. دائىم نەشىر قىلىنىۋاتقان مەلۇماتلار ھەتتا بۇزۇلاي-بۇزۇلاي دېگەن نىكاھنى مۇستەھكەملەشكە ياردەم بېرەلەيدۇ. مەسىلەن، «نىكاھتا ۋاپادار بولۇڭ» (باشقا تىل)، «كەچۈرۈشنى قانداق ئۆگىنىشكە بولىدۇ؟» (باشقا تىل) ۋە «بىر-بىرىڭلارغا بۇرۇنقىدەك ئىشىنىشكە نېمە ياردەم بېرىدۇ؟» (باشقا تىل) ناملىق ماقالىلەرگە قاراڭ.
يىغىلىشلار. بىز يىغىلىشلىرىمىزدا ھەم چوڭ يىغىلىشلىرىمىزدا نىكاھقا مۇناسىۋەتلىك مۇقەددەس كىتابتىكى ئەمەلىي مەسلىھەتلەرنى مۇھاكىمە قىلىمىز.
ئاقساقاللار. جامائەت ئاقساقاللىرى ئەر-ئايالنىڭ ھەربىرىگە شەخسەن كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنى ئەفەسلىكلەرگە 5:22—25-ئايەتلەردىكى نەسىھەتلەرگە قۇلاق سېلىشقا دەۋەت قىلىدۇ ۋە ياردەم بېرىدۇ.
ئەگەر يەھۋا گۇۋاھچىسى ئاجراشماقچى بولسا، جامائەتتىكى ئاقساقاللاردىن رۇخسەت ئېلىشى كېرەكمۇ؟
ياق. ھەتتا ئەر-ئايال نىكاھىدىكى قىيىنچىلىقلىرى ئۈچۈن ياردەم سورىسىمۇ، جامائەت ئاقساقاللىرىنىڭ ئۇلارغا نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى ئېيتىشقا ھوقۇقى يوق (گالاتىلىقلارغا 6:5). بىراق، بىرسى مۇقەددەس كىتابتا تىلغا ئېلىنمىغان سەۋەب بىلەن ئاجرىشىشنى قارار قىلسا، ئۇنىڭ باشقا بىرسى بىلەن توي قىلىشىغا مۇقەددەس كىتابتا ھېقچانداق ئاساس يوق (تىموتىيغا 1-خەت 3:1، 5، 12).
يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ئايرىم تۇرۇشقا قانداق قارايدۇ؟
ھەتتا ئەر-ئايال قىيىن ئەھۋالدا بولسىمۇ، مۇقەددەس كىتابتا بىللە ياشاشقا مەسلىھەت بېرىلىدۇ (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 7:10—16). چىن كۆڭۈلدىن دۇئا قىلىش، مۇقەددەس كىتابتىكى پرىنسىپلارنى قوللىنىش ۋە مېھىر-مۇھەببەتنى كۆرسىتىش ئارقىلىق كۆپلىگەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا بولىدۇ (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 13:4—8؛ گالاتىلىقلارغا 5:22).
ئەمما بەزى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى تۆۋەندە كەلتۈرۈلگەن قىيىن ۋەزىيەتلەردە ئايرىم تۇرۇشنى قارار قىلىشى مۇمكىن:
ھەمرايى ئائىلىسىنى تەمىنلەشنى رەت قىلغاندا (تىموتىيغا 1-خەت 5:8).
ھەمرايى ھاياتىغا خەۋپ-خەتەر كەلتۈرگەندە (زەبۇر 11:5).
ھەمرايى ئىبادەت قىلىشقا توسالغۇلۇق قىلغاندا. مەسىلەن، ئېرى ياكى ئايالى خۇدانىڭ قانۇنىنى بۇزۇشقا مەجبۇرلىشى مۇمكىن. ئۇ چاغدا، خەۋپ-خەتەر ئاستىدا بولغان ئەر ياكى ئايال «بىز ئىنسانغا ئەمەس، خۇداغا بويسۇنۇشىمىز كېرەك»، دېگەن سۆزلەرگە قۇلاق سېلىشنى قارار قىلىشى مۇمكىن (ئەلچىلەر 5:29).