مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى بولۇ‌ش ئۈچۈن نېمە قىلىشىم كېرە‌ك؟‏

يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى بولۇ‌ش ئۈچۈن نېمە قىلىشىم كېرە‌ك؟‏

 مە‌تتا 28:‏19،‏ 20-‏ئايە‌تلە‌ردە‏،‏ ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌ر يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى بولۇ‌ش ئۈچۈن قانداق قە‌دە‌ملە‌ر قويۇ‌ش كېرە‌كلىكى ھە‌ققىدە ئېيتقان.‏ مۇ‌شۇ ئايە‌تلە‌ردە بىر كىشى مە‌سىھنىڭ شاگىرتى بولۇ‌ش ئۈچۈن نېمە قىلىشى زۆرۈرلىكى،‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بىرىدىن-‏بىر خۇ‌دا يە‌ھۋا توغرۇ‌لۇ‌ق باشقىلارغا ۋە‌ز قىلىشى ياكى گۇ‌ۋاھلىق بېرىشى كېرە‌كلىكى يېزىلغان.‏

 1-‏قە‌دە‌م:‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىش.‏ ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌ر ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە «شاگىرتلىم قىلىپ يېتىشتۈرۈڭلار.‏ .‏.‏.‏ ،‏ ئۇ‌لارغا .‏.‏.‏ ئۆگىتىڭلار»،‏ دە‌پ تاپشۇ‌رغان (‏مە‌تتا 28:‏19،‏ 20‏)‏.‏ «شاگىرت»،‏ دە‌پ تە‌رجىمە قىلىنغان سۆز ئۇ‌دۇ‌ل مە‌نىدە «ئۆگە‌نگۈچى» دېگە‌ننى بىلدۈرىدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا،‏ بولۇ‌پمۇ ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ تە‌لىملىرىدە،‏ بە‌ختلىك ۋە مە‌نلىك ھايات كە‌چۈرۈشىڭىزگە ياردە‌م بېرىدىغان مە‌سلىھە‌تلە‌ر بار (‏تىموتىيغا 2-‏خە‌ت 3:‏16،‏ 17‏)‏.‏ بىز سىزنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ھە‌قسىز تە‌تقىق قىلىش پروگراممىسى ئارقىلىق مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن بىلىم ئېلىشىڭىزغا خۇ‌شاللىق بىلە‌ن ياردە‌م بېرىمىز (‏مە‌تتا 10:‏7،‏ 8؛‏ سالونىكىلىقلارغا 1-‏خە‌ت 2:‏13‏)‏.‏

 2-‏قە‌دە‌م:‏ ئۆگە‌نگە‌نلىرىڭىزنى ئە‌مە‌لىيە‌تتە پايدىلىنىڭ.‏ ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ سۆزلىرى بويىچە،‏ ئۆگە‌نگۈچىلە‌ر،‏ ئۇ «بۇ‌يرۇ‌غان بارلىق ئە‌مرلە‌رگە ئە‌مە‌ل قىلىشنى» ئۆگۈنۈشى زۆرۈر (‏مە‌تتا 28:‏20‏)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىش پە‌قە‌تلا ئە‌قلىمىزنى يېتىلدۈرۈشنى مە‌شىق قىلىش ئۇ‌سۇ‌لى ئە‌مە‌س،‏ ئۇ بىزنى كۆزقارىشىمىزنى ۋە يۈرۈش-‏تۇ‌رۇ‌شىمىزنى كە‌سكىن ئۆزگە‌رتىشكە دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ (‏ئە‌لچىلە‌ر 10:‏42؛‏ ئە‌فە‌سلىكلە‌رگە 4:‏22—‏29؛‏ ئىبرانىيلارغا 10:‏24،‏ 25‏)‏.‏ ئە‌يسانىڭ سۆزلىرىگە ئە‌مە‌ل قىلىدىغانلار ئۇ‌نى ئۈلگە قىلىپ،‏ ھاياتىنى يە‌ھۋا خۇ‌داغا بېغىشلاشنى شە‌خسە‌ن ئۆزى قارار قىلىدۇ (‏مە‌تتا 16:‏24‏)‏.‏

 3-‏قە‌دە‌م:‏ سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈش (‏مە‌تتا 28:‏19‏)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا چۆمۈلدۈرۈلۈش دە‌پنە قىلىش (‏يە‌رلە‌پ كۆمۈش)‏ بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رىلىدۇ (‏رىملىقلارغا 6:‏2—‏4 سېلىشتۇ‌رۇ‌ڭ)‏.‏ بۇ ئادە‌منىڭ بۇ‌رۇ‌نقى ھايات تە‌رزىنى تاشلاپ،‏ ھاياتىنى يېڭىدىن باشلىشىنى بىلدۈرىدۇ.‏ سىز چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكە‌ندە،‏ ئە‌يسا مە‌سىھ ئېيتقان يۇ‌قىرىقى ئىككى قە‌دە‌منى باسقانلىقىڭىزنى ۋە خۇ‌دادىن پاك ۋىجدان سورىغانلىقىڭىزنى ئادە‌ملە‌رنىڭ كۆز ئالدىدا ئېنىق كۆرسىتىسىز (‏ئىبرانىيلارغا 9:‏14؛‏ پېترۇ‌سنىڭ 1-‏خېتى 3:‏21‏)‏.‏

چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشكە تە‌ييار ئىكە‌نلىكىمنى قانداق بىلە‌لە‌يمە‌ن؟‏

 جامائە‌ت ئاقساقاللىرى بىلە‌ن پاراڭلىشىڭ.‏ ئۇ‌لار سىزنىڭ ئالغان بىلىملىرىڭىزنى توغرا چۈشىنىپ،‏ ئۇ‌لارنى ھاياتىڭىزدا ئە‌مە‌لىي قوللىنىۋاتقانلىقىڭىزنى ھە‌م ئۆز ئىختىيارىڭىز بىلە‌ن خۇ‌داغا ئۆزىڭىزنى بېغىشلىغانلىقىڭىزغا كۆز يە‌تكۈزۈش ئۈچۈن،‏ سىز بىلە‌ن سۆھبە‌تلىشىدۇ (‏ئە‌لچىلە‌ر 20:‏28؛‏ پېترۇ‌سنىڭ 1-‏خېتى 5:‏1—‏3‏)‏.‏

يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ بالىلىرى بۇ قە‌دە‌ملە‌رنى بېسىشى كېرە‌كمۇ؟‏

 ھە‌ئە.‏ بىز بالىلىرىمىزنى تە‌ربىيىلە‌شتە،‏ يە‌ھۋانىڭ كۆرسە‌تمىلىرى بويىچە تە‌ربىيىلە‌ڭلار ھە‌م نە‌سىھە‌ت بېرىڭلار،‏ دېگە‌ن مۇ‌دددە‌س كىتابنىڭ مە‌سلىھە‌تكە قۇ‌لاق سالىمىز (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌رگە 6:‏4‏)‏.‏ بىراق،‏ بالىلار چوڭ بولغانسېرى،‏ ئۇ‌لار چوقۇ‌م ئاۋۋال مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىش،‏ ئۆگە‌نگە‌ن بىلىمنى قوبۇ‌ل قىلىش ۋە ئە‌مە‌لىي قوللىنىشنى ئۆزى شە‌خسە‌ن قارار چىقىرىشى كېرە‌ك.‏ شۇ‌ندىلا ئۇ‌لار سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلۈشكە لاياقە‌تلىك بولىدۇ (‏رىملىقلارغا 12:‏2‏)‏.‏ چۈنكى،‏ خۇ‌داغا ئىبادە‌ت قىلىشنى چوقۇ‌م ھە‌ر كىم شە‌خسە‌ن ئۆزى تاللىشى لازىم (‏رىملىقلارغا 14:‏12؛‏ گالاتىلىقلارغا 6:‏5‏)‏.‏