مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى پە‌قە‌ت ئۆزلىرىلا قۇ‌تقۇ‌زۇ‌لۇ‌پ ئامان قالىدۇ،‏ دە‌پ قارامدۇ؟‏

يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى پە‌قە‌ت ئۆزلىرىلا قۇ‌تقۇ‌زۇ‌لۇ‌پ ئامان قالىدۇ،‏ دە‌پ قارامدۇ؟‏

 ياق.‏ ئۆتمۈشتە نۇ‌رغۇ‌ن ئە‌سىرلە‌ردە ياشغان،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى بولمىغان مىليونلىغان ئادە‌ملە‌رنىڭمۇ قوتقۇ‌زۇ‌لۇ‌ش ئۈمىدى بار.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب خۇ‌دا ۋە‌دە قىلغان يېڭى دۇ‌نيادا «ھە‌ققانىيلارنىڭ ھە‌م ھە‌ققانىي ئە‌مە‌سلە‌رنىڭ تىرىلىشى» بولىدۇ،‏ دە‌پ ئۆگىتىدۇ (‏ئە‌لچىلە‌ر 24:‏15‏)‏.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ھازىر تېخى خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىشنى باشلىمىغان ئادە‌ملە‌ر كۆپ ۋە ئۇ‌لارمۇ قۇ‌تقۇ‌زۇ‌لۇ‌شقا ئېرىشىشى مۇ‌مكىن.‏ قانداق بولۇ‌شىدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ كىمنىڭ قۇ‌تقۇ‌زۇ‌لۇ‌پ قېلىش-‏قالماسلىقىنى قارار قىلىش،‏ بىزنىڭ قولىمىزدىن كە‌لمە‌يدۇ.‏ بۇ‌نى ھۆكۈم قىلىش ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌رگە تاپشۇ‌رۇ‌لغان (‏يۇ‌ھاننا 5:‏22،‏ 27‏)‏.‏