نېمىشقا ئادەملەر ئۆلىدۇ؟
مۇقەددەس كىتابتا نېمە ئېيتىلىدۇ؟
بۇ سوئال كۆپ ئادەملەرنى قىزىقتۇرىدۇ. بولۇپمۇ يېقىنلىرىمىزدىن ئايرىلغاندا، نېمىشقا ئادەملەر ئۆلىدۇ دېگەن سوئال ھەققىدە ئويلايمىز. مۇقەددەس كىتابتا: «ئۆلۈمنى تۇغدۇرىدىغان نەشتەر — گۇنا»،— دەپ يېزىلغان (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 15:56).
نېمىشقا ئادەملەرنىڭ ھەممىسى گۇناھ قىلىدۇ ۋە ئۆلىدۇ؟
بىرىنچى ئادەملەر، ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانا خۇداغا قارشى گۇناھ قىلغانلىقى ئۈچۈن ھاياتىدىن ئايرىلدى (يارىتىلىش 3:17—19). خۇدا «ھاياتنىڭ مەنبەسى» بولغاچقا، ئۇنىڭغا قارشى چىقىش — ئۆلۈمنىڭ يالغۇز سەۋەبىدۇر (زەبۇر 36:9؛ يارىتىلىش 2:17).
ادەم ئاتا گۇنانى ھەممە ئەۋلاتلىرىغا مىراس قالدۇردى. مۇقەددەس كىتابتا: «شۇڭلاشقا گۇناھ بىر ئادەم ئارقىلىق ھەم گۇناھ ئارقىلىق ئۆلۈم دۇنياغا كىردى ھەم شۇنداقلارچە، ئۆلۈم بارلىق ئادەملەرگە ئۆتتى، چۈنكى ھەممىسى گۇناھ قىلغان بولدى»،— دەپ ئېيتىلغان (رىملىقلارغا 5:12). بارلىق ئادەملەر گۇناكار بولغانلىقتىن، ھەممىسى ئۆلىدۇ (رىملىقلارغا 3:23).
ئۆلۈم قانداقلارچە يوق قىلىنىدۇ؟
خۇدا ئۆلۈمنى مەڭگۈ يوق قىلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان (يەشايا 25:8). ئۆلۈمنى يوق قىلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ دەسلەپكى سەۋەبى، گۇنانى، يوق قىلىش كېرەك. خۇدا بۇ ۋەدىسىنى ئىنسانلارنىڭ گۇناسىنى ئۆزىگە ئالغان ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ (يوھان 1:29؛ يوھاننىڭ 1-خېتى 1:7).