مۇقەددەس كىتابتا ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ ھاياتى توغرۇلۇق يېزىلغانلار توغرىمۇ؟
مۇقەددەس كىتابتا نېمە ئېيتىلىدۇ؟
مۇقەددەس كىتابنىڭ يازغۇچىسى لۇقا ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ ھاياتى توغرۇلۇق «ھەممە نەرسىنى ئەڭ بېشىدىن ئېنىق قاراپ چىقىپ» يازغانلىقىنى ئېيتقان (لۇقا 1:3).
بەزى ئادەملەر ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ زامانداشلىرى بولغان مەتتا، مارك، لۇقا ۋە يوھاننىڭ ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ ھاياتى توغرۇلۇق يازغانلىرى ب.م. 4-ئەسىرىدە ئۆزگەرتىلىپ، بۇرمىلانغان دەپ ھېسابلايدۇ.
امما 20-ئەسىرنىڭ بېشىدا مىسىردا يوھان بايان قىلغان خۇش خەۋەرنىڭ ئۈزۈندىسى يېزىلغان قوليازما تېپىلغان. ھازىر بۇ قول يازما رايلاندس پاپىرۇسى دېگەن نام بىلەن تونۇلۇپ، مانچېستېردىكى (ئانگلىيا) دژون رايلاندس نامىدىكى كىتابخانىدا ساقلانماقتا. بۇ ئۈزۈندە زامانىۋىي مۇقەددەس كىتابلاردىكى يوھان 18:31—33، 37، 38 ئايەتلەرگە ماس كېلىدۇ.
بۇ ئۈزۈندە گرېك يازمىلىرىنىڭ ئەڭ كونا قوليازمىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. كۆپلىگەن ئالىملار ئۇنى تەخمىنەن ب.م. 125-يىلى، دېمەك، تۈپ نۇسخىسى يېزىلىپ بولغاندىن 25 يىل ئۆتكەندىن كېيىنلا، يېزىلغان دەپ سانايدۇ. بۇ قوليازما ئۇنىڭدىن كېيىن يېزىلغان كۆچۈرمىلەرگە دېگىدەك ھەممە تەرەپتىن ماس كېلىدۇ.