مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

كۆ‌پ ئايال ئېلىشقا خۇ‌دا قانداق قارايدۇ؟‏

كۆ‌پ ئايال ئېلىشقا خۇ‌دا قانداق قارايدۇ؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا نېمە ئېيتىلىدۇ؟‏

قېدىمىي زاماندا خۇ‌دا ئە‌رلە‌رگە بىرنە‌چچە ئايال ئېلىشقا رۇ‌خسە‌ت قىلغان (‏يارىتىلىش 4:‏19؛‏ 16:‏1—‏4؛‏ 29:‏18—‏29‏)‏.‏ بىراق كۆ‌پ ئايال ئېلىش خۇ‌دانىڭ نىيىتى بولمىغان.‏ خۇ‌دا ئادە‌م ئاتىغا پە‌قە‌ت بىرلا ئايال بە‌رگە‌ن.‏

خۇ‌دانىڭ ۋە‌كىلى بولغان ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌ر،‏ ئۇ‌نىڭ نىكاھ‌غا تېگىشلىك دە‌سلە‌پكى نىيىتىنى قايتىدىن ئورناتقان (‏يوھان 8:‏28‏)‏.‏ ئە‌يسا نىكاھ‌غا تېگىشلىك سوئالغا مۇ‌نداق جاۋاب بە‌رگە‌ن:‏ «ياراتقۇ‌چى ئۇ‌لارنى باشتىن ئە‌ر ۋە ئايال قىلىپ ياراتتى ۋە «شۇ‌نىڭ ئۈ‌چۈ‌ن ئە‌ر كىشى ئاتا-‏ئانىسىنى قالدۇ‌رۇ‌پ،‏ ئۆ‌ز ئايالىغا چاپلىشىدۇ ھە‌م ئىككىسى بىر تە‌ن بولىدۇ»» (‏مە‌تتا 19:‏4،‏ 5‏)‏.‏

كېيىنىرە‌ك خۇ‌دانىڭ بىر خىزمە‌تچىسى:‏ «ھە‌ربىر ئە‌ر كىشىنىڭ ئۆ‌ز ئايالى بولسۇ‌ن ھە‌م ھە‌ربىر ئايال كىشىنىڭ ئۆ‌ز ئېرى بولسۇ‌ن»،‏—‏ دە‌پ يازغان (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 7:‏2‏)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئېيتىلغاندە‌ك،‏ مە‌سىھىيلە‌ر جامائىتىدە جاۋاپكار ۋە‌زىپىلە‌رنى ئاتقۇ‌رىدىغان ئە‌ر كىشىلە‌ر «بىر ئاياللىق» بولۇ‌شى كېرە‌ك (‏تىموتىيغا 1-‏خە‌ت 3:‏2،‏ 12‏)‏.‏