مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

سوزۇ‌لما كېسە‌ل بىلە‌ن قىينىلىۋاتقانلارغا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ياردە‌م بېرە‌لە‌مدۇ؟‏

سوزۇ‌لما كېسە‌ل بىلە‌ن قىينىلىۋاتقانلارغا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ياردە‌م بېرە‌لە‌مدۇ؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى جاۋاب

 ھە‌ئە،‏ خۇ‌دا كېسە‌لگە گىرىپتار بولغان خىزمە‌تچىلىرىگە غە‌مخورلۇ‌ق قىلىدۇ.‏ خۇ‌دانىڭ ساداقە‌تمە‌ن خىزمە‌تچىسى توغرىسىدا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا مۇ‌نداق دېيىلگە‌ن:‏ «ساقسىز بولۇ‌پ،‏ ئورۇ‌ن تۇ‌تۇ‌پ يېتىپ قالغىنىدا،‏ پە‌رۋە‌ردىگار يۆلە‌ك بولۇ‌پ،‏ قۇ‌ۋۋە‌ت بېرە‌ر ئۇ‌نىڭغا،‏ شىپا بېرە‌ر كېسە‌ل بولغان چاغلىرىدا» (‏زە‌بۇ‌ر 41:‏3‏)‏.‏ سوزۇ‌لما خاراكتېرلىك كېسە‌لگە گىرىپتار بولغان بولسىڭىز،‏ تۆۋە‌ندىكى ئۈچ مە‌سلىھە‌تكە ئە‌مە‌ل قىلىپ،‏ تە‌سە‌للى تاپالايسىز:‏

  1.   بە‌رداشلىق بېرىش ئۈچۈن كۈچ سوراپ،‏ دۇ‌ئا قىلىڭ.‏ «خۇ‌دانىڭ كىشىلە‌رنىڭ ئويلىغىنىدىنمۇ ئېشىپ چۈشىدىغان تىنچلىقى» قە‌لبىڭىزدە ئورۇ‌ن ئالىدۇ.‏ بۇ تىنچلىق غە‌م-‏تە‌شۋىشلىرىڭىزنى ئازايتىپ،‏ سىزنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌يدۇ (‏فىلىپپىلىقلارغا 4:‏6،‏ 7‏)‏.‏

  2.   ئىجابىي كۆزقاراشنى ساقلاڭ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا:‏ «بە‌خش ئېتە‌ر شاد كۆڭۈل شىپالىقنى،‏ قۇ‌رۇ‌تار روھى سۇ‌نۇ‌قلۇ‌ق يىلىكنى» (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 17:‏22‏)‏.‏ كۈلكە چاقچاقنى ئۇ‌نتۇ‌ماڭ.‏ بۇ پە‌قە‌ت كۆڭلىڭىزنى كۆتۈرۈپلا قالماي،‏ بە‌لكى تە‌ن-‏سالامە‌تلىكىڭىزگىمۇ ياخشى تە‌سىر قىلىدۇ.‏

  3.   كېلە‌چە‌ككە ئۈمىد باغلاڭ.‏ كۈچلۈك ئۈمىد سىزگە سوزۇ‌لما كېسە‌لگە قارىماستىن خۇ‌شاللىقنى ساقلاشقا ياردە‌م بېرىدۇ (‏رىملىقلارغا 12:‏12‏)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا:‏ «ھېچكىم ئە‌مدى ئۆزىنى «مە‌ن كېسە‌ل» دېمە‌يدۇ»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان (‏يە‌شايا 33:‏24‏)‏.‏ شۇ ۋاقىتتا،‏ زامانىۋىي ئىلىم-‏پە‌ن داۋالاشنى تاپالمايۋاتقان سوزۇ‌لما كېسە‌للە‌رنى خۇ‌دا ساقايتىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ياشانغانلار يە‌نە ياش ۋە ساغلام بولىدىغانلىقى ھە‌ققىدە مۇ‌نداق يېزىلغان:‏ «ئۇ چاغدا،‏ ئۇ‌نىڭ ئە‌ت-‏تېرىلىرى خۇ‌ددى بالىلارنىڭكىدە‌ك يۇ‌مرانلىشىپ،‏ ياشلىق ھاياتىي كۈچى ئە‌سلىگە كېلىدۇ» (‏ئايۇ‌پ 33:‏25‏)‏.‏

 ئىزاھات:‏ گە‌رچە يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى خۇ‌دانىڭ ياردىمىگە تايانسىمۇ،‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن بىر ۋاقىتتا،‏ سوزۇ‌لما كېسە‌لنى داۋالىتىش ئۈچۈن شۇ ساھە‌دە ئىشلە‌يدىغان مۇ‌تە‌خە‌سسىسلە‌ردىن ياردە‌م سورايدۇ (‏مارك 2:‏17‏)‏.‏ بىراق،‏ بىز قانداقتۇ بىر داۋالاش ئۇ‌سۇ‌لىنى قوللىنىشتا چىڭ تۇ‌رۇ‌ۋالمايمىز.‏ ئە‌كسىنچە تە‌ن-‏سالامە‌تلىكى ھە‌ققىدە ھە‌ر بىر ئادە‌م ئۆزى شە‌خسە‌ن قارار چىقىرىشى كېرە‌ك دە‌پ قارايمىز.‏