خۇدا ھەممىلا يەردىمۇ؟
مۇقەددەس كىتابتىكى جاۋاب
ھەممىگە قادىر خۇدا ھەممە نەرسىنى كۆرۈپ تۇرىدۇ ۋە ئۆز ئىرادىسىنى ھەر جايدا ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ (پەندى-نەسىھەت 15:3؛ ئىبرانىيلارغا 4:13). بىراق، مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدا ھەممىلا يەردە ۋە ھەر نەرسىدە مەۋجۇت دېيىلمىگەن. ئەكسىنچە، ئۇ بىر شەخس ۋە ئۇنىڭ ئۆز ماكانى بارلىقى تىلغا ئېلىنغان.
خۇدانىڭ قىياپەت شەكلى. ئۇ روھىي شەخستۇر (يۇھاننا 4:24). ئىنسان بالىسى ئۇنى كۆزى بىلەن كۆرەلمەيدۇ (يۇھاننا 1:18). مۇقەددەس يازمىلاردىكى ۋەھىيلەردە، خۇدانىڭ ئۆزىگە خاس مۇقىم ماكانى بار شەخس سۈپىتىدە تەسۋىرلەنگەن (يەشايا 6:1، 2؛ ۋەھىي 4:2، 3، 8).
خۇدانىڭ ماكانى. ئۇنىڭ ماكانى جىسمانىي مەۋجۇتلۇقلاردىن يىراق بولغان روھىي دۇنيا. شۇ روھلار دۇنياسى، يەنى ئاسمانلاردا خۇدانىڭ ياشايدىغان ماكانى بار (پادىشاھلار 1-يازما 8:30). قىزىقارلىق يېرى شۇكى، مۇقەددەس كىتابتا بىر كۈنى روھىي مەۋجۇداتلار «[يەھۋا] * پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا يىغىلدى» دېيىلگەن. بۇ مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، خۇدانىڭ مۇقىم بىر ماكانى بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ (ئايۇپ 1:6).
ئەگەر خۇدا ھەممىلا يەردە ئەمەس بولسا، ئۇنداقتا ئۇ ماڭا شەخسەن غەمخورلۇق قىلالامدۇ؟
ھەئە. ئاللا ھەربىرىمىزگە سەمىمىي غەمخورلۇق قىلىدۇ. ياراتقۇچى خۇدا ئاسماندا ياشىسىمۇ، يەر يۈزىدىكى چىن قەلبىدىن ئۇنى خۇرسەن قىلىشنى خالايدىغانلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ياردەم قىلىدۇ (پادىشاھلار 1-يازما 8:39؛ تارىخنامە 2-يازما 16:9). يەھۋا سەمىمىي ئىبادەت قىلغۇچىلارغا قانداق غەمخورلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ چىقايلى:
دۇئا قىلغىنىڭىزدا. يەھۋا دۇئالىرىڭىزنى تىڭشايدۇ (تارىخنامە 2-يازما 18:31).
روھىڭىز چۈشكەندە. «پەرۋەردىگار كۆڭلى سۇنۇقلارغا يېقىندۇر، روھى ئېزىلگەنلەرنى قۇتقۇزىدۇ» (زەبۇر 34:18).
يول-يورۇققا مۇھتاج بولغىنىڭىزدا. يەھۋا ئۆز سۆزى مۇقەددەس كىتاب ئارقىلىق «ئەقىل-ئىدراك بېرىپ ساڭا كۆرسىتىمەن يولۇڭنى» دەيدۇ (زەبۇر 32:8).
خۇدانىڭ ھەممىلا يەردە مەۋجۇتلىقى توغرىسىدىكى ناتوغرا پىكىرلەر
ناتوغرا پىكىر: خۇدا ھەممىلا يەردە مەۋجۇت.
ھەقىقەت: خۇدا يەر شارىدا ياكى جىسمانىي ئالەم ياكى كائىناتتا ياشىمايدۇ (پادىشاھلار 1-يازما 8:27). راست، يۇلتۇزلار ۋە باشقا ياراتمىلار «تەڭرىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى جاكارلايدۇ» (زەبۇر 19:1 [18:1]). خۇددى رەسسام ئۆزى سىزغان رەسىمنىڭ ئىچىدە ياشىمىغاندەك، ياراتقۇچى خۇدامۇ ئۆزى ياراتقان نەرسىدە ياشىمايدۇ. قانداقلا بولمىسۇن، رەسىمنى كۆرگەندە، ئۇ بىزگە سەنئەتكار ھەققىدە بەزى نەرسىنى ئېتىپ بېرىدۇ. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، بىز كۆرۈپ تۇرغان دۇنيا ياراتقۇچىنىڭ كۈچ-قۇدرىتى، دانالىقى ۋە مېھىر-مۇھەببىتى قاتارلىق «كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان خىسلەتلىرىنى» ئەكس ئەتتۈرىدۇ (رىملىقلارغا 1:20).
ناتوغرا پىكىر: خۇدا ھەممىلا يەردە مەۋجۇت بولغاچقا، ھەممە نەرسىدىن خەۋەردار ۋە قۇدرەتلىك.
ھەقىقەت: خۇدا مۇقەددەس روھقا ياكى ھەرىكەت كۈچىگە ئىگە. خۇدا ئۆزى شەخسەن بارماي تۇرۇپ، مۇقەددەس روھى ئارقىلىق خالىغان ۋاقىتتا ۋە جايدا بارچە نەرسىدىن خەۋەردار بولالايدۇ ۋە ھېچ نەرسە ئۇنىڭ نەزەرىدىن چەتتە قالمايدۇ (زەبۇر 139:7).
ناتوغرا پىكىر: زەبۇر 139:8-ئايەتتە، خۇدانىڭ ھەممىلا يەردە بارلىقى توغرىسىدا مۇنداق دەپ يېزىلغان: «ئاسمانغا چىقساممۇ، بارسەن ئۇ يەردە، لەھەتكە [قەبرىگە] كىرسەممۇ بارسەن ئۇ يەردە».
ھەقىقەت: مەزكۇر ئايەتتە، خۇدانىڭ ھەممىلا يەردە ياشايدىغانلىقى ئېيتىلمىغان. شېئىر شەكىلدە يېزىلغان بۇ سۆزلەر بىزگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن ھەرقانداق جاينىڭ ياراتقۇچىنىڭ نەزىرىدىن يىراق ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
^ مۇقەددەس يازمىلاردا، خۇدانىڭ ئىسىمىنى يەھۋا دەپ تىلغان ئېلىنغان