مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

دۇ‌ئالارنى ئاڭلىغۇ‌چى ئاللا بىزنى خۇ‌شاللىق بىلە‌ن تىڭشايدۇ—‏زە‌بۇ‌ر 65:‏2.‏

ئاللانى خۇ‌رسە‌ن قىلىدىغان دۇ‌ئا

ئاللانى خۇ‌رسە‌ن قىلىدىغان دۇ‌ئا

دۇ‌ئا —‏ ياراتقۇ‌چىمىز ئىنسانلارغا ئۆزگىچە سوۋغات.‏ دۇ‌ئا ئارقىلىق ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن سۆزلىشىپ،‏ ئۇ‌نىڭغا ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىمىزنى ئېيتالايمىز.‏ داۋۇ‌ت پە‌يغە‌مبە‌ر دۇ‌ئا قىلىپ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ئە‌ي سە‌ن دۇ‌ئانى ئاڭلىغۇ‌چى،‏ ھە‌ر تۈرلۈك ئىنسانلار ھۇ‌زۇ‌رۇ‌ڭغا كېلە‌ر» (‏زە‌بۇ‌ر 65:‏2‏)‏.‏ لېكىن،‏ ئاللانى خۇ‌رسە‌ن قىلىش ئۈچۈن قانداق دۇ‌ئا قىلساق بولىدۇ؟‏

چىن يۈرە‌كتىن،‏ كە‌متە‌رلىك بىلە‌ن دۇ‌ئا قىلىڭ

دۇ‌ئادا ئۆز سۆزلىرىڭىز بىلە‌ن خۇ‌داغا ئىچ-‏باغرىڭىزنى تۆكۈڭ (‏زە‌بۇ‌ر 62:‏8‏)‏.‏ ئالە‌منىڭ ئېگىسى چىن يۈرە‌كتىن ئېيتىلغان سە‌مىمىي دۇ‌ئالاردىن خۇ‌رسە‌ن بولىدۇ.‏

ئاللانىڭ خاس ئىسمىنى چاقىرىپ دۇ‌ئا قىلىڭ

ئاللانىڭ ياراتقۇ‌چى،‏ ھە‌ممىگە قادىر،‏ پە‌رۋە‌ردىگار قاتارلىق نام-‏ئۇ‌نۋانلىرى كۆپ بولسىمۇ،‏ ئۆزىگە خاس بىرلا ئىسمى بار.‏ ئۇ ئۆزى:‏ «مە‌ن يە‌ھۋامە‌ن،‏ بۇ مېنىڭ ئىسىمىمدۇ‌ر»،‏ دېگە‌ن (‏يە‌شايا 42:‏8‏)‏.‏ خۇ‌دانىڭ ياھۋە‌ھ ياكى يە‌ھۋا دېگە‌ن ئىسمى مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردا تە‌خمىنە‌ن 7000 قېتىم ئۇ‌چرايدۇ.‏ كۆپ پە‌يغە‌مبە‌رلە‌ر دۇ‌ئا قىلغاندا،‏ ئىززە‌ت-‏ھۆرمە‌ت بىلە‌ن خۇ‌دانىڭ خاس ئىسمىنى قوللانغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئىبراھىم پە‌يغە‌مبە‌ر دۇ‌ئا قىلىپ:‏ «ئۆتۈنە‌ي،‏ يە‌ھۋا!‏ خاپا بولمىساڭ،‏ يە‌نە سوراپ باقسام»،‏—‏ دە‌پ ئېيتقان (‏يارىتىلىش 18:‏30‏)‏.‏ بىزمۇ دۇ‌ئا قىلغاندا،‏ ئاللانىڭ «يە‌ھۋا» دېگە‌ن ئىسمىنى ئىشلىتە‌يلى.‏

ئانا تىلىڭىزدا دۇ‌ئا قىلىڭ

مە‌يلى بىز قايسى تىلدا سۆزلە‌يلى،‏ ياراتقۇ‌چى ئوي-‏پىكىرلىرىمىز ۋە ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىمىزنى ياخشى چۈشىنىدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردا مۇ‌نداق يېزىلغان:‏ «خۇ‌دا ھە‌ممىنى تە‌ڭ كۆرىدىكە‌ن.‏ قايسى مىللە‌تتىن بولۇ‌شىدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ ئۇ‌نىڭدىن قورقۇ‌پ،‏ توغرا ئىشلارنى قىلىدىغان ھە‌رقانداق كىشىنى قوبۇ‌ل قىلىدىكە‌ن».‏—‏ئە‌لچىلە‌ر 10:‏34،‏ 35‏.‏

بىراق،‏ ئاللانى خۇ‌رسە‌ن قىلىش ئۈچۈن دۇ‌ئا قىلىشتىن تاشقىرى يە‌نە باشقا ئىشلارنى قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏ بۇ توغرۇ‌لۇ‌ق كېلە‌ركى ماقالىدە كۆرۈپ چىقىمىز.‏