مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

سىز بىلە‌مسىز؟‏

سىز بىلە‌مسىز؟‏

قە‌دىمكى بابىلون خارابىلىكىدىن تېپىلغان خىش كېسە‌ك ۋە ئۇ‌نىڭ ياسىلىش ئۇ‌سۇ‌لى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا يېزىلغانلارنىڭ توغرىلىقىنى قانداق ئىسپاتلايدۇ؟‏

قە‌دىمكى بابىلون خارابىلىكىدە،‏ ئارخېئولوگلار شە‌ھە‌رنى ياساشقا ئىشلىتىلگە‌ن نۇ‌رغۇ‌نلىغان پىششىق خىشلارنى كولاپ چىقارغان.‏ ئارخېئولوگ روبېرت كولدېۋېينىڭ سۆزىگە قارىغاندا،‏ بۇ خىل خىشلار «شە‌ھە‌ر سىرىتىدىكى خۇ‌مدانلاردا پىشۇ‌رۇ‌لغان.‏ ئۇ يە‌ردە سېغىز توپا ياخشى ۋە .‏ .‏ .‏ يېقىلغۇ قىلىشقا ئىشلىتىلىدىغان ئوتۇ‌ن مول بولغان».‏

قە‌دىمكى خاتىرە يازمىلاردىن ئايان بولۇ‌شىچە،‏ بابىلونلۇ‌ق ئە‌مە‌لدارلارمۇ ئاشۇ ئوچاقلارنى تېخىمۇ قە‌بىھ مە‌قسە‌تتە ئىشلە‌تكە‌ن.‏ تورونتو ئۇ‌نىۋېرسىتېتى ئاسسۇ‌رولوگىيە پروفېسسورى پائۇ‌ل-‏ئالايىن بېۇ‌لىۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «بىرقانچە بابىلون خاتىرە يازمىلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە،‏ پادىشاھ بە‌زى ئىسيانچى ۋە كۇ‌پۇ‌رلۇ‌ق قىلغۇ‌چى جىنايە‌تچىلە‌رنى تىرىك كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرگە‌ن».‏

پادىشاھ نېبۇ‌قادنىسار زامانىدىن قالغان خاتىرە يازمىدا مۇ‌نداق سۆزلە‌ر يېزىلغان:‏ «ئۇ‌لارنى ئاشپە‌زنىڭ تونۇ‌رىغا تاشلاڭلار،‏ .‏ .‏ .‏ كۆيدۈرۈڭلار،‏ كاۋاپ قىلىڭلار،‏ پۈتۈنلە‌ي يوق قىلىڭلار .‏ .‏ .‏ قويۇ‌ق ئىس-‏تۈتە‌ك كۆتۈرۈلسۇ‌ن،‏ ئۇ‌لارنى يالقۇ‌نلاپ تۇ‌رغان ئوتتا كۆيدۈرۈپ،‏ كۈلگە ئايلاندۇ‌رۇ‌ڭلار.‏ بۇ تە‌سۋىرلە‌ر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ئوقۇ‌رمە‌نلىرىگە دانىيال كىتابى 3-‏بابتا بايان قىلىنغان ۋە‌قە‌لە‌رنى ئە‌سلىتىدۇ.‏ بۇ تارىخى خاتىرىگە قارىغاندا،‏ پادىشاھ نېبۇ‌قادنىسار بابىلون شە‌ھىرىنىڭ سىرتىدىكى دۇ‌را تۈزلە‌ڭلىكىگە ئالتۇ‌ندىن ياسالغان غايە‌ت زور ھە‌يكە‌لنى تىكلىگە‌ن.‏ شادراك،‏ مىشاك ۋە ئە‌بە‌دنېگو ئىسىملىك ئۈچ ئىبرانىي ياش بۇ ھە‌يكە‌لگە سە‌جدە قىلىشنى قىلغاندا،‏ نېبۇ‌قادنىسار قاتتىق غە‌زە‌پلىنىپ،‏ بىر ئوچاقنى «ئادە‌تتىكى چاغلاردىن يە‌تتە ھە‌سسە ئىسسىق» قىزىتىپ،‏ ئاشۇ ئۈچ يىگىتنى «لاۋۇ‌لداپ ئوت كۆيۈپ تۇ‌رغان ئوچاققا تاشلاشقا» بۇ‌يرۇ‌ق قىلغان.‏ كۈچلۈك بىر پە‌رىشتە ئۇ‌لارنى ئۆلۈمدىن قۇ‌تۇ‌لدۇ‌رۈپ قالغان.‏—‏دانىيال 3:‏1–‏6،‏ 19–‏28‏.‏

CC BY-NC-SA 4.0 Source© The Trustees of the British Museum. Licensed under

خۇ‌مداندا پىشۇ‌رۇ‌لغان خىش ئۈستىدە نېبۇ‌قادنىسارنىڭ ئىسىمى بېسىلغان

بابىلوندىن قېزىلغان خىشلارمۇ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنىڭ توغرىلىقىنى كۆرسىتىدۇ.‏ شۇ خىشلارنىڭ كۆپىنچىسىدە پادىشاھ مە‌دھىيلە‌نگە‌ن سۆزلە‌ر بېسىلغان.‏ شۇ‌لارنىڭ بىرىدە مۇ‌نداق يېزىلغان:‏ «بابىلون پادىشاھى نېبۇ‌قادنىسار .‏ .‏ .‏ مە‌ن ئۇ‌لۇ‌غ پادىشاھ سالغان خان سارىيىدا .‏ .‏ .‏ مېنىڭ ئە‌ۋلادلىرىم ئۇ‌نىڭدا مە‌ڭگۈ ھۆكۈمرانلىق قىلسۇ‌ن».‏ بۇ خىشلار ئۈستىدە يېزىلغان تە‌سۋىرلە‌ر دانىيال 4:‏30-‏ئايە‌تتىكى سۆزلە‌ر بىلە‌ن ئوخشىشىپ كېتىدۇ.‏ بۇ ئايە‌تتە نېبۇ‌قادنىسار ماختىنىپ مۇ‌نداق دېگە‌نىدى:‏ «بۇ بۈيۈك بابىلون شە‌ھىرىگە قاراڭلار!‏ بۇ‌نى مە‌ن ئۆز ئۇ‌لۇ‌غلۇ‌قۇ‌م ۋە شان-‏شۆھرىتىم ئۈچۈن پادىشاھلىقىنىڭ خانلىق سارىيى بولسۇ‌ن دە‌پ ئۆز كۈچ-‏قۇ‌درىتىم بىلە‌ن سالدۇ‌رغان ئە‌مە‌سمۇ؟‏»‏