مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

ئۆمۈرلۈك جۈپتىڭىز شە‌ھۋانىي مە‌زمۇ‌ندىكى نە‌رسىلە‌رنى كۆرگە‌ندە

ئۆمۈرلۈك جۈپتىڭىز شە‌ھۋانىي مە‌زمۇ‌ندىكى نە‌رسىلە‌رنى كۆرگە‌ندە
  • ‏«ئېرىم قايتا-‏قايتا زىنا قىلىۋاتقاندە‌ك ھېس قىلدىم».‏

  • ‏«ئۆزۈمنى خورلانغاندە‌ك،‏ جە‌لپ قىلارلىق ئە‌مە‌س ۋە يارامسىز ھېس قىلدىم».‏

  • ‏«ھېچكىم بىلە‌ن بۇ توغرىسىدا پاراڭلىشالمىدىم.‏ دە‌ردىمنى ئىچىمگە يۇ‌تۇ‌پ يۈردۈم».‏

  • ‏«يە‌ھۋا ماڭا كۆڭۈل بۆلمە‌يۋاتقاندە‌ك ھېس قىلدىم».‏

بۇ سۆزلە‌ر،‏ ئە‌گە‌ر ئېرى شە‌ھۋانىي مە‌زمۇ‌ندىكى نە‌رسىلە‌رنى كۆرسە،‏ ئايالىنىڭ قانچىلىك ئازابلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.‏ ئە‌ر بۇ‌نى مە‌خپىي قىلسا،‏ بە‌لكىم نە‌چچە ئاي،‏ ھە‌تتا نە‌چچە يىل داۋام قىلىۋاتقان بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ مۇ‌نداق ئە‌ھۋالدا،‏ ئايالىنىڭ ئېرىگە يە‌نە ئىشىنىشى تە‌س بولىدۇ.‏ بىر ئايال مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئېرىمنى ناتونۇ‌ش كىشىدە‌ك ھېس قىلىشقا باشلىدىم.‏ ئۇ كىم؟‏ ئۇ يە‌نە مە‌ندىن قانداق باشقا نە‌رسىلە‌رنى يوشۇ‌رۇ‌پ يۈرگە‌ندۇ؟‏»‏

بۇ ماقالە،‏ ئېرى شە‌ھۋانىي مە‌زمۇ‌ندىكى نە‌رسىلە‌رنى a كۆرۈشكە ئادە‌تلە‌نگە‌ن بىر ئايالغا ياردە‌م بېرىش مە‌قسىتىدە يېزىلغان.‏ مۇ‌ھاكىمە قىلىنىدىغان نۇ‌رغۇ‌ن پرىنسىپلار كۆڭلى ئازار يېگە‌ن ئايالغا تە‌سە‌للى بېرىپ،‏ يە‌ھۋانىڭ ئۇ‌نى سۆيىدىغانلىقى ۋە ئۇ‌نىڭغا كۆڭلى خاتىرجە‌ملىكى بېرىپ،‏ ياراتقۇ‌چىسىغا يېقىن ياشاشقا ياردە‌م بېرىدىغانلىقىغا ئىشە‌ندۈرىدۇ b‏.‏

كۆڭلى ئاغرىغان جۈپتى نېمە قىلسا بولىدۇ؟‏

گە‌رچە ئېرىڭىزنىڭ قىلىۋاتقان بارچە ئىشلىرىنى كونترول قىلالمىسىڭىزمۇ،‏ ئە‌مما ئۆز ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلىرىڭىزنى يە‌ڭگىلىتىش ۋە كۆڭۈل خاتىرجە‌ملىكىگە ئېرىشىش ئۈچۈن بە‌زى قە‌دە‌ملە‌رنى تاشلىيالايسىز.‏ تۆۋە‌ندە شۇ‌لارنى كۆرۈپ باقايلى.‏

ئۆز-‏ئۆزىڭىزنى ئە‌يىبلە‌شتىن ساقلىنىڭ.‏ ئايال ئېرىنىڭ شە‌ھۋانىي مە‌زمۇ‌ندىكى نە‌رسىلە‌رنى كۆرگىنىنى،‏ ئۆزىنىڭ خاتالىقى دە‌پ قارىشى مۇ‌مكىن.‏ دانىللى c مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن ئۆزۈمنى غە‌زە‌پلىنىش بىلە‌ن ئۆز نىكاھىمنى ۋە‌يران قىلىدىغان بە‌ختسىز ئايالدە‌ك ھېس قىلدىم».‏ ئالىس ئۆزىنى مە‌لۇ‌م بىر تە‌رە‌پتىن كە‌مچىلىكى باردە‌ك ھېس قىلغان.‏ ئۇ شۇ‌نداق ئويلىغان:‏ «نېمە ئۈچۈن ئېرىم ماڭا ئە‌مە‌س،‏ باشقا ئاياللارغا قاراشنى ياخشى كۆرىدۇ؟‏»‏

ئە‌گە‌ر سىزمۇ شۇ‌نداق ھېس قىلسىڭىز،‏ ئېرىڭىزنىڭ ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرى ئۈچۈن يە‌ھۋا سىزنى جاۋابكار دە‌پ قارىمايدىغانلىقىنى ئە‌ستىن چىقارماڭ.‏ ياقۇ‌پ 1:‏14-‏ئايە‌ت مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «كىمكى ئۆز ھە‌ۋە‌سلىرىنىڭ كە‌ينىگە كىرسە،‏ ئۇ ئازدۇ‌رۇ‌لۇ‌پ،‏ سىناققا دۇ‌چ كېلىدۇ» (‏رىملىقلار 14:‏12؛‏ فىلىپى.‏ 2:‏12‏)‏.‏ يە‌ھۋا سىزنى ئە‌يىبلە‌شنىڭ ئورنىغا،‏ ئۇ‌نىڭغا بولغان ساداقە‌تمە‌نلىكىڭىزنى قە‌دىرلە‌يدۇ.‏—‏2-‏تارىخ.‏ 16:‏9‏.‏

ئاياللار يە‌نە شۇ‌نىمۇ چۈشىنىشى كېرە‌ككى،‏ ئېرىنىڭ شە‌ھۋانىي مە‌زمۇ‌ندىكى نە‌رسىلە‌رنى كۆرۈشى ھە‌رگىزمۇ ئايالنىڭ مە‌لۇ‌م كە‌مچىلىكى بارلىقىنى بىلدۈرمە‌يدۇ.‏ بۇ جە‌ھە‌تتىن تە‌تقىقات ئېلىپ بارىدىغان مۇ‌تە‌خە‌سسىسلە‌ر شە‌ھۋانىي مە‌زمۇ‌ندىكى نە‌رسىلە‌ر ھە‌قىقىي بولمىغان جىنسىي ئوي-‏خىياللارنى پە‌يدا قىلىدىغانلىقى ۋە بۇ‌نداق بىنورمال شە‌ھۋانىي ھە‌ۋە‌سلە‌رنى ھېچقانداق ئايال قاندۇ‌رالمايدىغانلىقىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏

ھە‌ددىدىن زىيادە ئە‌نسىرە‌شتىن ساقلىنىڭ.‏ كاترىننىڭ دېيىشىچە،‏ ئېرىنىڭ شە‌ھۋانىي مە‌زمۇ‌ندىكى نە‌رسىلە‌رنى كۆرۈشى ئۆزىنىڭ پۈتكۈل ھاياتىنى نابۇ‌ت قىلغان.‏ فرانسىس مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئېرىمنىڭ قە‌يە‌ردىلىكىنى بىلمىسە‌م،‏ ھە‌ر ۋاقىت ئە‌نسىرە‌يمە‌ن.‏ كۈن بويى غە‌م-‏تە‌شۋىشتە،‏ جىددىيلىشىپ يۈرىمە‌ن».‏ بە‌زى ئاياللار ئۆز ئېرىنىڭ شۇ‌نداق يامان ئادىتىنى بىلگە‌ن باشقا قېرىنداشلارنىڭ يېنىدا بولغاندا،‏ ئۆزىنى خىجالە‌تتە قالغاندە‌ك ھېس قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.‏ يە‌نە بە‌زىلىرى ئۆزىنىڭ ئە‌ھۋالىنى ھېچكىم چۈشە‌نمە‌يدۇ دە‌پ ئويلىغاچقا،‏ ئۆزىنى ئىنتايىن يالغۇ‌ز ۋە بىچارە ھېس قىلىدۇ.‏

بۇ‌نداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولۇ‌ش نورمال ئە‌ھۋال.‏ بۇ سە‌لبىي ئىشلار توغرۇ‌لۇ‌ق ھە‌ر ۋاقىت ئويلاش سىزنى تېخىمۇ بىئارام قىلىدۇ.‏ ئۇ‌نىڭ ئورنىغا،‏ دىققىتىڭىزنى يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىڭىزگە قارىتىڭ.‏ شۇ‌نداق قىلسىڭىز،‏ كۆڭلىڭىز خاتىرجە‌م بولىدۇ.‏—‏زە‌بۇ‌ر 62:‏2؛‏ ئە‌فە‌س.‏ 6:‏10‏.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى بە‌زى قايغۇ-‏ھە‌سرە‌ت چە‌ككە‌ن ئاياللارنىڭ يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلغاندىن كېيىن،‏ كۆڭلىنىڭ تە‌سە‌للى تاپقانلىقى خاتىرىلە‌نگە‌ن.‏ بۇ ئۈزۈندىلە‌رنى ئوقۇ‌ش ۋە ئۇ‌لار توغرىسىدا چوڭقۇ‌ر ئويلىنىش سىزگە كۆپ ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏ گە‌رچە خۇ‌دا ھە‌ر قېتىم ئۇ‌لارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھە‌ل قىلىشىغا ياردە‌م بە‌رمىگە‌ن بولسىمۇ،‏ ئە‌مما ھە‌ر قېتىم ئۇ‌لارنىڭ كۆڭۈل خاتىرجە‌ملىكىگە ئېرىشىشىگە ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئاننا ئۆز قىيىنچىلىقى تۈپە‌يلى كۆڭلى يېرىم بولغان چاغدا،‏ يە‌ھۋانىڭ ئالدىدا ئۇ‌زۇ‌ندىن-‏ئۇ‌زۇ‌ن دۇ‌ئا قىلغان ۋە كۆڭلى خاتىرجە‌ملىككە ئېرىشكە‌ن.‏ ئۇ كېلە‌چە‌كتە نېمە ئىش بولىدىغانلىقىنى بىلمىگە‌ن،‏ شۇ‌نداقتىمۇ كۆڭلى خاتىرجە‌م بولغان.‏—‏1-‏سام.‏ 1:‏10،‏ 12،‏ 18؛‏ 2-‏كورىنت.‏ 1:‏3،‏ 4‏.‏

ئە‌ر-‏ئايال ئىككىلىسى ئاقساقاللاردىن ياردە‌م سورىشى زۆرۈر

جامائە‌ت ئاقساقاللىرىدىن ياردە‌م سورىسىڭىز بولىدۇ.‏ ئۇ‌لار «شامالدىن دالدىلىنىدىغان جايغا ئوخشاش،‏ بوران-‏چاپقۇ‌نلۇ‌ق يامغۇ‌ردىن ساقلىنىدىغان پاناھگاھقا ئوخشاش» (‏يە‌شايا 32:‏2‏)‏.‏ بە‌لكىم،‏ ئۇ‌لار سىزگە مە‌سلىھە‌ت بېرىپ،‏ كۆڭلىڭىزنى چۈشىنىدىغان ۋە سىزگە تە‌سە‌للى بېرە‌لە‌يدىغان باشقا ئايال قېرىنداش بىلە‌ن مۇ‌ڭدىشىپ كۆرۈشنى ئېيتىدۇ.‏—‏پە‌ند.‏ نە 17:‏17‏.‏

ئېرىڭىزگە ياردە‌م بېرە‌لە‌مسىز؟‏

ئېرىڭىزنىڭ شە‌ھۋانىي نە‌رسىلە‌رنى كۆرۈش ئادىتىنى تاشلىشىغا ياردە‌م بېرە‌لە‌مسىز؟‏ بە‌لكىم،‏ ياردە‌م بېرە‌لە‌يسىز.‏ قىيىن مە‌سىلىنى ھە‌ل قىلغاندا ياكى كۈچلۈك دۈشمە‌ن بىلە‌ن كۈرە‌ش قىلغاندا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب:‏ «بىردىن ئىككىسى ياخشىدۇ‌ر»،‏—‏ دە‌يدۇ (‏ۋە‌ز 4:‏9–‏12‏)‏.‏ تە‌تقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە،‏ شە‌ھۋانىي مە‌زمۇ‌ندىكى نە‌رسىلە‌رنى كۆرۈش خۇ‌مارىدىن قۇ‌تۇ‌لۇ‌ش ئۈچۈن،‏ ئە‌ر-‏ئايال بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسە‌تسە،‏ دائىم نە‌تىجىسى ياخشى بولغان ۋە ئۇ‌لار نىكاھىدا بىر-‏بىرىگە بولغان ئىشە‌نچىسىنى قايتا تۇ‌رغۇ‌زغان.‏

ئە‌لۋە‌تتە،‏ شۇ‌نداق يامان ئادە‌تنى تاشلاشتا غە‌لىبە قازىنىش-‏قازىنالماسلىق،‏ كۆپىنچە جۈپتىڭىزنىڭ ئىرادىسى ۋە تىرىشچانلىقىغا باغلىق.‏ ئۇ يە‌ھۋادىن كۈچ-‏مە‌دە‌ت سوراپ،‏ ئاقساقاللاردىن ياردە‌م سورىدىمۇ؟‏ (‏2-‏كورىنت.‏ 4:‏7؛‏ ياقۇ‌پ 5:‏14،‏ 15‏)‏ ئۇ ئېزىقتۇ‌رۇ‌لۇ‌شتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئېھتىيات قىلامدۇ؟‏ مە‌سىلە‌ن،‏ تېلېفون ياكى كومپيۇ‌تېرنى ئىشلە‌تكە‌ندە،‏ ئۆزىگە چە‌ك قويۇ‌پ،‏ ئېزىقتۇ‌رۇ‌لۇ‌شى مۇ‌مكىن ۋە‌زىيە‌تلە‌ردىن ساقلىنىشقا تىرىشامدۇ؟‏ (‏پە‌ند.‏ نە 27:‏12‏)‏ ئۇ ياردىمىڭىزنى قوبۇ‌ل قىلىشنى ۋە سىزگە پۈتۈنلە‌ي سە‌مىمىي بولۇ‌شنى خالامدۇ؟‏ ئە‌گە‌ر شۇ‌نداق بولسا،‏ ئېرىڭىزگە ياردە‌م بېرە‌لىشىڭىز مۇ‌مكىن.‏

قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يسىز؟‏ مە‌سىلە‌ن،‏ فېلىسىيانىڭ ئېرى ئىتان بالىلىق چېغىدىن باشلاپلا شە‌ھۋانىي نە‌رسىلە‌رنى كۆرۈشكە خۇ‌مار بولۇ‌پ قالغان.‏ ئىتان يە‌نىلا شە‌ھۋانىي مە‌زمۇ‌ندىكى نە‌رسىلە‌رنى كۆرۈشكە مايىل بولغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ.‏ فېلىسىيا ئۇ‌نىڭغا ئۆز ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىنى ئېيتىش ئۈچۈن ئاسانلىق يارىتىپ بېرىدۇ.‏ ئىتان مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئايالىم بىلە‌ن ئۆز قىيىنچىلىقىم ھە‌ققىدە ئوچۇ‌ق-‏ئاشكارا پاراڭلىشىمە‌ن.‏ ئۇ دائىم مېنىڭ چە‌ك-‏چېگرا سىزىپ،‏ ئۇ‌نى كونترول قىلىپ تۇ‌رۇ‌شىمغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ يە‌نە ئىنتېرنېت قوللانغاندا چە‌كلىمە بە‌لگىلە‌ش ئۈچۈن ماڭا ياردە‌م بېرىدۇ».‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ئىتاننىڭ شە‌ھۋانىي نە‌رسىلە‌رنى كۆرۈشكە قىزىقىشى فېلىسىيانى ئازابلايدۇ.‏ بىراق،‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئاچچىقلىنىش ۋە ئازابلىنىش ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىم ئۇ‌نىڭ بۇ يامان ئادە‌تتىن قۇ‌تۇ‌لۇ‌شىغا ياردە‌م بېرە‌لمە‌يدۇ.‏ بىز بىرلىكتە ئۇ‌نىڭ ۋە‌زىيىتىنى ئانالىز قىلغاندىن كېيىن،‏ ئىتان ئازابلىرىمنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە تە‌ييار بولدى».‏

شۇ‌نداق سە‌مىمىي سۆھبە‌تلە‌ردە بولۇ‌ش پە‌قە‌تلا ئە‌ر كىشىنىڭ شە‌ھۋانىي نە‌رسىلە‌رنى كۆرۈش ئادىتىدىن قۇ‌تۇ‌لۇ‌شقا ياردە‌م بېرىپلا قالماي،‏ ھە‌م ئايال كىشىنىڭ ئېرىگە قايتا ئىشىنىشىگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ خۇ‌لاسە قىلساق،‏ ئە‌ر ئۆزىنىڭ خاھىشلىرى،‏ كۈندىلىك ئىش-‏پائالىيە‌تلىرى ۋە قە‌يە‌ردە يۈرگە‌نلىكى ھە‌ققىدە ئوچۇ‌ق-‏ئاشكارا بولغاندىلا،‏ ئۇ‌نىڭغا ئىشىنىش ئاسانراق بولىدۇ.‏

سىزمۇ مۇ‌شۇ ئۇ‌سۇ‌لدا ئېرىڭىزگە ياردە‌م بېرە‌لە‌يمە‌ن دە‌پ ئويلامسىز؟‏ ئە‌گە‌ر شۇ‌نداق بولسا،‏ بۇ ماقالىنى ئېرىڭىز بىلە‌ن بىرلىكتە ئوقۇ‌پ،‏ چوڭقۇ‌ر مۇ‌لاھىزە قىلىپ كۆرۈڭلار.‏ ئۇ‌نىڭ مە‌قسىتى —‏ شە‌ھۋانىي مە‌زمۇ‌ندىكى نە‌رسىلە‌رنى كۆرۈشتىن قۇ‌تۇ‌لۇ‌ش ۋە سىزنىڭ ئىشە‌نچىڭىزگە لايىق ئىكە‌نلىكىنى كۆرسىتىش بولۇ‌شى كېرە‌ك.‏ ئۇ غە‌م-‏ئە‌ندىشىڭىزگە نارازى بولۇ‌شنىڭ ئورنىغا،‏ ئۆزىنىڭ قىلغانلىرى ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىڭىزغا قانداق تە‌سىر قىلغانلىقىنى چۈشىنىشكە تىرىشىشى كېرە‌ك.‏ مە‌قسىتىڭىز،‏ ئۇ‌نىڭ شە‌ھۋانىي مە‌زمۇ‌ندىكى نە‌رسىلە‌رگە قارشى تۇ‌رۇ‌ش ئىرادىسىنى كۈچە‌يتىشىگە ياردە‌م بېرىش ۋە ئىشە‌نچىڭىزگە قايتا ئېرىشىشىگە پۇ‌رسە‌ت بېرىش.‏ نېمە ئۈچۈن ئادە‌ملە‌ر شە‌ھۋانىي مە‌زمۇ‌ندىكى نە‌رسىلە‌رنى كۆرۈشكە قىزىقىدىغانلىقىنى ۋە شۇ‌نداق خاھىشنى تاشلاش ئۈچۈن نېمە قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىشىڭلار كېرە‌ك d‏.‏

ئە‌گە‌ر سۆھبە‌ت ئۆتكۈزگە‌ندە،‏ ئاراڭلاردا زىددىيە‌ت پە‌يدا بولۇ‌پ قېلىشتىن ئە‌نسىرىسىڭىز،‏ ھە‌ر ئىككىڭلار ئىشىنىدىغان ئاقساقالنى سۆھبىتىڭلاردا بىللە بولۇ‌شقا تە‌كلىپ قىلىڭلار.‏ شۇ‌نى ئە‌ستىن چىقارماڭكى،‏ ئېرىڭىز شە‌ھۋانىي مە‌زمۇ‌ندىكى نە‌رسىلە‌رنى كۆرۈشنى تاشلىغان تە‌غدىردىمۇ،‏ ئۇ‌نىڭغا قايتا ئىشىنىشىڭىز ئۈچۈن ۋاقىت كېتىشى مۇ‌مكىن.‏ ئە‌مما،‏ ھە‌رگىز ۋاز كە‌چمە‌ڭ.‏ مۇ‌ناسىۋىتىڭىز ئاستا-‏ئاستا ياخشىلىنىپ كېتىۋاتقانلىقىغا دىققە‌ت قىلىڭ.‏ سە‌ۋرچان بولۇ‌ڭ ۋە ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئە‌گىشىپ،‏ نىكاھىڭىز قايتىدىن مۇ‌ستە‌ھكە‌م بولىدىغانلىقىغا ئىشە‌نچ قىلىڭ.‏—‏ۋە‌ز 7:‏8؛‏ 1-‏كورىنت.‏ 13:‏4‏.‏

ئېرىڭىز يامان ئادىتىنى قايتىلىسا

ئە‌گە‌ر ئېرىڭىز مە‌لۇ‌م بىر ۋاقىتتىن كېيىن يامان ئادىتىنى تە‌كرارلىسا،‏ بۇ ئۈمىد يوقلىقىنى بىلدۈرە‌مدۇ؟‏ كېسىپ شۇ‌نداق ئېيتىشقا بولمايدۇ.‏ ئېسىڭىزدە بولسۇ‌نكى،‏ ئېرىڭىز شۇ يامان ئارزۇ-‏ھە‌ۋە‌سكە خۇ‌مار بولغان بولسا،‏ ئۆمۈر بويى ئۇ‌نىڭغا قارشى كۈرە‌ش قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.‏ ئۇ يامان ئادىتىنى تاشلاپ،‏ ئۇ‌زۇ‌ن يىللار ئۆتكە‌ندىن كېيىنمۇ قايتا تە‌كرارلىنىشى مۇ‌مكىن.‏ كېلە‌چە‌كتە قايتا تە‌كرارلىنىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۇ ئۆزىنى قوغداش توغرۇ‌لۇ‌ق ئۈنۈملۈك قارشى تۇ‌رۇ‌ش پىلانىنى تۈزۈشى كېرە‌ك.‏ ھە‌تتا ئۆزىنى غە‌لىبە قىلغاندە‌ك ھېس قىلغاندىن كېيىنمۇ،‏ قە‌تئىي ھوشىيار تۇ‌رۇ‌شى لازىم (‏پە‌ند.‏ نە 28:‏14؛‏ مە‌تتا 5:‏29؛‏ 1-‏كورىنت.‏ 10:‏12‏)‏.‏ ئۇ چوقۇ‌م ئە‌قىل يۈرگۈزۈپ،‏ داۋاملىق كۆز قارىشىنى يېڭىلىشى لازىم.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن بىرگە،‏ شە‌ھۋانىي مە‌زمۇ‌ندىكى نە‌رسىلە‌رنى ۋە شۇ‌نىڭ بىلە‌ن باغلىنىشلىق ھە‌رقانداق ئىش-‏ھە‌رىكە‌تنى،‏ مە‌سىلە‌ن قولدا زىنا قىلىشنى (‏ئانانىزىم)‏ ئۆچ كۆرۈشنى ئۆگىنىشى كېرە‌ك (‏ئە‌فە‌س.‏ 4:‏23؛‏ زە‌بۇ‌ر 97:‏10؛‏ رىملىقلار 12:‏9‏)‏.‏ ئۇ مۇ‌شۇ تىرىشچانلىقنى كۆرسىتىشنى خالامدۇ؟‏ ئە‌گە‌ر خالىسا،‏ بە‌لكىم ئاخىرى بۇ ئادىتىنى پۈتۈنلە‌ي تاشلىيالايدۇ e‏.‏

دىققىتىڭىزنى يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىڭىزگە قارىتىڭ

ئە‌گە‌ر جۈپتىڭىز شۇ يامان ئادىتىنى تاشلاش ئۈچۈن تىرىشىشنى خالىمىسىچۇ؟‏ چۈشىنىشكە بولىدۇ‌كى،‏ ئىنتايىن ئۈمىدسىزلىنىشىڭىز،‏ ئاچچىقلىنىپ،‏ ئۆزىڭىزگە خىيانە‌ت قىلغاندە‌ك ھېس قىلىشىڭىز مۇ‌مكىن.‏ شۇ‌نداق چاغلاردا،‏ غە‌م-‏ئە‌ندىشىڭىزنى يە‌ھۋاغا تاشلاڭ (‏1-‏پېتر.‏ 5:‏7‏)‏.‏ تە‌تقىق قىلىش،‏ دۇ‌ئا قىلىش ۋە چوڭقۇ‌ر ئويلىنىش ئارقىلىق،‏ داۋاملىق يە‌ھۋاغا يېقىنلىشىڭ.‏ شۇ‌نداق قىلغىنىڭىزدا،‏ ئۇ‌نىڭمۇ سىزگە يېقىنلىشىۋاتقانلىقىغا ئىشە‌نچ قىلالايسىز.‏ يە‌شايا 57:‏15-‏ئايە‌تتىكى سۆزلە‌رنى،‏ ئۆزىڭىز ھاياتىڭىزدا ھېس قىلىپ يېتىسىز.‏ ئۇ ئېزىلگە‌ن ۋە روھىي چۈشكۈنلە‌ر بىلە‌ن بىللە تۇ‌رۇ‌پ،‏ ئۇ‌لارنىڭ روھىنى كۆتۈرىدۇ.‏ كۈچىڭىزنىڭ يېتىشىچە،‏ ئە‌ڭ ياخشى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىسى بولۇ‌شقا تىرىشىڭ.‏ ئاقساقاللاردىن ياردە‌م سوراڭ.‏ ئېرىڭىزنىڭ ھامان بىر كۈنى ناچار ئادىتىنى تاشلاپ،‏ ھە‌قىقىي توۋا قىلىشىدىن ئۈمىد ئۈزمە‌ڭ.‏—‏رىملىقلار 2:‏4؛‏ 2-‏پېتر.‏ 3:‏9‏.‏

a چۈشىنىشكە ئاسان بولۇ‌شى ئۈچۈن،‏ بۇ ماقالىدە ئە‌ر كىشىنى شە‌ھۋانىي مە‌زمۇ‌ندىكى نە‌رسىلە‌رنى كۆرىدىغان كىشى دە‌پ تىلغا ئالىمىز.‏ ئە‌مما،‏ ماقالىدە مۇ‌ھاكىمە قىلىنىدىغان نۇ‌رغۇ‌نلىغان پرىنسىپلار ئايالى شە‌ھۋانىي مە‌زمۇ‌ندىكى نە‌رسىلە‌رنى كۆرىدىغان ئە‌ر ئۈچۈنمۇ پايدىلىق.‏

b شە‌ھۋانىي مە‌زمۇ‌ندىكى نە‌رسىلە‌رنى كۆرۈش مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بويىچە ئاجرىشىشقا سە‌ۋە‌ب بولالمايدۇ.‏—‏مە‌تتا 19:‏9‏.‏

c بە‌زى ئىسىملار ئۆزگە‌رتىلگە‌ن.‏

d jw.org تور بېكىتىمىزدىكى ماتېرىياللار ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ jw.org تور بېكىتىدە «‏شە‌ھۋانىي مە‌زمۇ‌ندىكى نە‌رسىلە‌ر نىكاھقا زىيانلىق‏»،‏ «كۈزىتىش مۇ‌نارى» 2014-‏يىل،‏ 1-‏ئاپرېل سانى «‏ئېزىقتۇ‌رۇ‌لۇ‌شقا قارشى تۇ‌رالايسىز!‏‏» ناملىق ماقالىنىڭ 10–‏12-‏بە‌تلىرىگە قاراڭ ۋە 2013-‏يىل،‏ 1-‏ئاۋغۇ‌ست سانى،‏ «‏شە‌ھۋانىي مە‌زمۇ‌ندىكى نە‌رسىلە‌ر زىيانلىق ياكى زىيانسىز؟‏‏» ناملىق ماقالىنىڭ 3–‏7-‏بە‌تلىرىگە قاراڭ.‏

e شە‌ھۋانىي نە‌رسىلە‌رنى كۆرۈش خۇ‌مارى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغاچ،‏ بە‌زى ئە‌ر-‏ئاياللار ئاقساقاللارنىڭ ياردىمىدىن باشقا،‏ يە‌نە دوختۇ‌ردىن ياردە‌م سوراشنى قارار قىلىدۇ.‏