مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

سىز بىلە‌مسىز؟‏

سىز بىلە‌مسىز؟‏

فىلىپ ئېفىئوپىيىلىك ئە‌مە‌لدارنى ئۇ‌چراتقاندا،‏ ئۇ قانداق ھارۋىدا ئولتۇ‌رغانىدى؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ يېڭى دۇ‌نيا تە‌رجىمىسىدە،‏ «ھارۋا» دە‌پ تە‌رجىمە قىلىنغان گرېكچە سۆز ھە‌رخىل پە‌رقلىق ھارۋىلارغا قارىتا قوللىنىلىدۇ (‏ئە‌لچى.‏ 8:‏28،‏ 29،‏ 38‏)‏.‏ بىراق،‏ ئېفىئوپىيىلىك ئە‌مە‌لدار قارىماققا جە‌ڭدە ياكى مۇ‌سابىقىدە قوللىنىدىغان ھارۋىلاردىن يوغانراق ھارۋىدا سە‌پە‌ر قىلغان.‏ بۇ‌نداق خۇ‌لاسە قىلىشنىڭ بىرنە‌چچە سە‌ۋە‌بىنى كۆرۈپ باقايلى.‏

ئۇ يۇ‌قىرى دە‌رىجىلىك ئە‌مە‌لدار بولغان ۋە يىراق جايغا سە‌پە‌ر قىلغان.‏ «بۇ كىشى كانداس ئىسىملىك ئېفىئوپىيە ئايال پادىشاھىنىڭ قول ئاستىدىكى ھوقۇ‌قلۇ‌ق كىشى بولۇ‌پ،‏ ئايال پادىشاھنىڭ بارلىق خە‌زىنىسىنى باشقۇ‌راتتى» (‏ئە‌لچى.‏ 8:‏27‏)‏.‏ قە‌دىمقى ئېفىئوپىيە دۆلىتى بۈگۈنكى كۈندىكى سۇ‌دان ۋە مىسىرنىڭ جە‌نۇ‌بىدىكى كۆپ قىسىم يە‌رلە‌رنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.‏ بۇ ئۇ‌زۇ‌ن سە‌پە‌ر بولغاچ،‏ ئېفىئوپىيىلىك ئە‌مە‌لدار بە‌لكىم باشتىن-‏ئاخىرى بىر ھارۋىدا سە‌پە‌ر قىلمىغان،‏ ھە‌تتا ئۇ سە‌پە‌ردە ئۆزى بىلە‌ن ئاز بولمىغان يۈك-‏تاقنى ھە‌م ئېلىۋالغان.‏ بىرىنچى ئە‌سىردە ئادە‌ملە‌ر سە‌پە‌ر قىلغاندا،‏ قاتناش قوراللىرىدىن بىرى سۈپىتىدە ئۈستى يېپىق،‏ تۆت چاقلىق ھارۋىنى ئىشلە‌تكە‌ن.‏ ئە‌لچىلە‌ر كىتابىنى چۈشە‌ندۈرىدىغان بىر كىتابتا شۇ‌نداق دېيىلگە‌ن:‏ «بۇ‌نداق ئات ھارۋىسىغا كۆپرە‌ك يۈك بېسىشقا بولغاندىن سىرت،‏ ئۇ‌نىڭدا سە‌پە‌ر قىلىش راھە‌ت ۋە ئۇ‌زاق جايلارغا بېرىشقا بولاتتى».‏

فىلىپ ئېفىئوپىيىلىك ئە‌مە‌لدارنى ئۇ‌چراتقاندا،‏ ئۇ يازمىلارنى ئوقۇ‌ۋاتقان ئىدى.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا:‏ «فىلىپ ھارۋىنىڭ يېنىدا يۈگۈرۈپ كېتىۋاتقاندا،‏ ھارۋىدا ئولتۇ‌رغان كىشىنىڭ يە‌شايا پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ كىتابىنى ئۈنلۈك ئوقۇ‌ۋاتقانلىقىنى» ئاڭلىغانىدى (‏ئە‌لچى.‏ 8:‏30‏)‏.‏ ئۇ‌زۇ‌ن سە‌پە‌ردە ئىشلىتىدىغان ئات ھارۋىلىرى ئادە‌تتە بە‌ك تېز ماڭمايتتى.‏ ھاۋا ئاستا ماڭغاچ،‏ بۇ ئە‌مە‌لدار يازمىلارنى ئوقۇ‌يالىغان ۋە فىلىپ ھە‌م پىيادە ھارۋىنى قوغلاپ يېتىشە‌لىگە‌ن.‏

ئېفىئوپىيىلىك «ئە‌مە‌لدار فىلىپنى ھارۋىغا چىقىپ،‏ يېنىدا ئولتۇ‌رۇ‌شقا تە‌كلىپ قىلدى»‏ (‏ئە‌لچى.‏ 8:‏31‏)‏.‏ ئە‌گە‌ر مۇ‌سابىقە ھارۋىسى بولغان بولسا،‏ ھارۋىدىكى كىشىلە‌ر ئۆرە تۇ‌رغان بولاتتى.‏ ئە‌مما،‏ سە‌پە‌ردە ئىشلىتىدىغان ھارۋا بولسا،‏ ئە‌مە‌لدار ۋە فىلىپ،‏ ھە‌ر ئىككىلىسى ئۈچۈن ئولتۇ‌رۇ‌شقا ئورۇ‌ن بولاتتى.‏

ئە‌لچىلە‌رنىڭ پائالىيە‌تلىرى كىتابىنىڭ 8-‏بابىدا يېزىلغانلارغا ۋە تارىخىي دە‌لىل-‏ئىسپاتلارغا ئاساسلىنىپ،‏ ئە‌مدى نە‌شىرى قىلىنىدىغان ماتېرىياللىرىمىزدا،‏ ئېفىئوپىيىلىك ئە‌مە‌لدار ئولتۇ‌رغان ھارۋىنىڭ كۆرۈنۈشى بولسا كىچىك جە‌ڭ ھارۋىسى ياكى مۇ‌سابىقە ھارۋىسى ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى چوڭراق ئات ھارۋىسى سۈپىتىدە تە‌سۋىرلىنىدۇ.‏