مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

خۇ‌لدا ئۆز مە‌قسىتىگە قول يە‌تكۈزدى

خۇ‌لدا ئۆز مە‌قسىتىگە قول يە‌تكۈزدى

ئە‌گە‌ر سىز ھىندۇ‌نېزىيە‌دىكى سانگىر بېسار دېگە‌ن ئارالنى زىيارە‌ت قىلغان بولسىڭىز،‏ دېڭىز بويىدا ئۈچ قېرىنداشنى كۆرە‌تتىڭىز.‏ ئۇ‌لار بۇ ئارالدا كىشىلە‌رگە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىشكە ياردە‌م بېرىش ئىشى بىلە‌ن ھە‌ممىگە مە‌لۇ‌م.‏ ئە‌مما،‏ شۇ ۋاقىتتا ئۇ‌لار تامامە‌ن باشقا ئىش بىلە‌ن ئالدىراش ئىدى.‏

سانگىر بېساردىكى ئارال ھىندۇ‌نېزىيە‌نىڭ شىمالىي تە‌رىپىدە ئورۇ‌نلاشقان

ئۇ‌لار دېڭىزغا كىرىپ،‏ يوغان تاشلارنى قۇ‌رۇ‌قلۇ‌ققا چىقارغان ئىدى.‏ شۇ تاشلارنىڭ بە‌زىلىرى خۇ‌ددى پۇ‌تبول توپىدە‌ك چوڭ ئىدى.‏ كېيىن ئۇ‌لار كىچىك ياغاچ ئورۇ‌ندۇ‌قلارغا ئولتۇ‌رۇ‌پ،‏ بولقا بىلە‌ن تاشلارنى ئۇ‌رۇ‌پ،‏ پارچىلاشقا باشلايدۇ.‏ نە‌تىجىدە،‏ بۇ تاشلارنىڭ كۆلىمى توخۇ تۇ‌خۇ‌مىدىن كىچىك بولىدۇ.‏ قېرىنداشلار بۇ پارچىلانغان تاشلارنى پلاستىك چېلە‌كلە‌رگە سېلىپ،‏ پە‌لە‌مپە‌ي بىلە‌ن ئۆز ئۆيلىرى تە‌رە‌پكە ئېلىپ كۆتىرىدۇ.‏ ئۇ‌لار بۇ تاشلارنى يوغان خالتىلارغا سالىدۇ.‏ كېيىن بۇ تاشلار قۇ‌رۇ‌لۇ‌شتا ئىشلىتىلىدۇ.‏

خۇ‌لدا دېڭىزنىڭ ئارىلىدا تاشلارنى يىغىۋاتىدۇ

بۇ ئۈچ قېرىنداشنىڭ بىرى خۇ‌لدا ئىدى.‏ ئۇ باشقىلارغا قارىغاندا بۇ ئىشقا كۆپرە‌ك ۋاقىت سە‌رپ قىلالاتتى.‏ ئادە‌تتە خۇ‌لدا بۇ پۇ‌لنى ئائىلىسىنى بېقىش ئۈچۈن ئىشلىتە‌تتى.‏ لېكىن بۇ قېتىم ئۇ‌نىڭدا يە‌نە بىر مە‌قسە‌ت بار ئىدى.‏ ئۇ «‏®JW Library» پروگراممىسىنى چۈشۈرۈۋېلىش ئۈچۈن،‏ ئۆزىگە بىر قول كومپۇ‌تېر سېتىۋالماقچى بولغان.‏ خۇ‌لدا بۇ پروگراممىدىكى فىلىملە‌ر ۋە نە‌شىرلە‌ر ئۇ‌نىڭ خىزمە‌ت قىلىش ساپاسىنى كۆتىرىپ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى چوڭقۇ‌رراق چۈشىنىشىگە ياردە‌م بېرىدىغانلىقىنى چۈشىنە‌تتى.‏

كېيىنكى بىر يېرىم ئاي داۋامىدا،‏ خۇ‌لدا ئە‌تىگە‌ندە ئىككى سائە‌ت كۆپرە‌ك ئىشلىگە‌ن ئىدى.‏ ئۇ ئىنتايىن كۆپ تاشلارنى پارچىلاپ،‏ ئۇ‌لار بىلە‌ن بىر كىچىك يۈك ماشىنىسىنى تولدۇ‌رۇ‌شقا بولاتتى.‏ ئاخىرىدا خۇ‌لدا قول كومپۇ‌تېرغا يېتە‌رلىك پۇ‌ل يىغىۋالدى.‏

خۇ‌لدا قول كومپۇ‌تېرى بىلە‌ن

ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «تاشلارنى پارچىلاش ئىنتايىن قىيىن بىر ئىش.‏ مە‌ن بە‌ك چارچاپ كېتە‌تتىم ۋە بېلىمنى كۆتۈرە‌لمە‌ي كېتە‌تتىم.‏ بىراق يېڭى قول كومپۇ‌تېرنى قولۇ‌مغا ئالغاندا،‏ ھېرىپ-‏چارچاشنىڭ ھە‌ممىسىنى ئۇ‌نتۇ‌پ قالدىم.‏ قول كومپۇ‌تېرنىڭ ياردىمىدە ماڭا ۋە‌ز قىلىش ۋە جامائە‌ت يىغىلىشلىرىغا تە‌ييارلىق قىلىش ئاسانراق بولدى».‏ خۇ‌لدىنىڭ ئېيتىشىچە،‏ بولۇ‌پمۇ تارقىلىشچان ۋىرۇ‌س باشلانغاندا،‏ بۇ قول كومپۇ‌تېرنىڭ ياردىمى ئىنتايىن زور بولدى.‏ چۈنكى،‏ كېيىن ھە‌ممە يىغىلىشلار ۋە ۋە‌ز خىزمىتى تور ئارقىلىق بولغان ئىدى.‏ بىزمۇ خۇ‌لدا بىلە‌ن بىرگە ئۆز مە‌قسىتىگە قول يە‌تكۈزگە‌نلىكى ئۈچۈن ئىنتايىن خۇ‌شال.‏