مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

12-‏باب

خۇدانى خۇرسەن قىلىپ ياشاش

خۇدانى خۇرسەن قىلىپ ياشاش

سىز قانداق قىلىپ خۇدانىڭ دوستى بولالايسىز؟

شەيتاننىڭ ئەيىبلىشىنىڭ سىز بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بار؟

قايسى ئىش-‏ھەرىكەتلەر يەھۋا خۇدانى خۇرسەن قىلمايدۇ؟

قانداق قىلىش ئارقىلىق سىز خۇدانى خۇرسەن قىلىپ ياشايسىز؟

سـىـز قانداق ئادەم بىلەن دوست بولۇشنى خالايسىز؟ ناھايىتى ئېنىقكى، سىز بىلەن ئورتاق كۆز قاراشقا، قىزىقىشقا، ئەخلاق-‏پەزىلەتكە ئىگە كىشىنىڭ سىزنىڭ ھەمراھىڭىز بولۇشىنى خالايسىز ھەمدە گۈزەل ئەخلاق-‏پەزىلەتلىك يەنى سەمىمىي ۋە مېھرىبان كىشى بىلەن دوست بولۇپ ئالاقە قىلىپ ئۆتۈشنى ياخشى كۆرىسىز.

2 ئۆتمۈشتە، يەھۋا بەزى ئادەملەرنى ئۆزىنىڭ ياخشى دوستى بولۇشقا تاللىغان ئىدى. مەسىلەن، پەرۋەردىگار يەھۋا ئىبراھىم پەيغەمبەرنى ئۆزىنىڭ دوستى دەپ ئاتىغان (يەشايا 41:‏8؛ ياقۇپ 2:‏23). خۇدا داۋۇت پەيغەمبەرنى:‏ «كۆڭلۈمگە مۇۋاپىق بىر ئادەم» دەپ تىلغا ئالغان. چۈنكى، تەڭرى يەھۋا داۋۇتقا ئوخشاش ئادەملەرنى ياخشى كۆرىدۇ (ئەلچىلەر 13:‏22). يەنە يەھۋا دانىيال پەيغەمبەرنى «تولا ئەزىز» كۆرگەن (دانىيال 9:‏23).

3 نېمە ئۈچۈن پەرۋەردىگار يەھۋا ئىبراھىم، داۋۇت ۋە دانىيال پەيغەمبەرلەرنى ئۆز دوستى قاتارىدا كۆرگەن؟ خۇدا ئىبراھىمغا:‏ «سەن مېنىڭ ئاۋازىمغا قۇلاق سالغىنىڭ ئۈچۈن» دېگەن (يارىتىلىش 22:‏18). بۇنىڭدىن كۆرۈۋالالايمىزكى، يەھۋا خۇدا ئۆزىنىڭ سۆزىگە كەمتەرلىك بىلەن قۇلاق سالغان كىشىلەرگە يېقىنلىشىدۇ. ئۇ قەدىمدە ئىسرائىل خەلقىگە:‏ «مېنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلىسىڭىز مەن سىزنىڭ تەڭرىڭىز بولۇپ سىز بولسىڭىز مېنىڭ قەۋمىم بولۇر سىزلەر» دېگەن (يەرەمىيا 7:‏23). ئەگەر سىز يەھۋاغا ئىتائەتچان بولسىڭىز، سىزمۇ ئۇنىڭ دوستى بولالايسىز!

ئاللا يەھۋا ئۆز دوستلىرىغا ياردەم بېرىدۇ

4 ئاللا بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋەتتىن كېلىدىغان پايدا-‏مەنپەئەت توغرىسىدا ئويلاپ بېقىڭ. مۇقەددەس كىتاب:‏ يەھۋا خۇدا پۇرسەت تېپىپ ‹ئۆز كۆڭۈللىرىنى ئۇنىڭغا مايىل قىلغانلارغا ئۆزىنى قۇدرەتلىك كۆرسىتىدۇ› دەيدۇ (2-‏تارىخنامە 16:‏9). يەھۋا سىزگە ياردەم بەرگەندە ئۆز كۈچ-‏قۇدرىتىنى قانداق كۆرسىتىدۇ؟ بىر ئۇسۇلى زەبۇر 32-‏باب 8-‏ئايەتتە ئېيتىلغان، بۇ ئايەتتە:‏ «مەن [يەھۋا] بولسام ساڭا تەلىم بېرىپ، ماڭىدىغان يولۇڭنى ساڭا بىلدۈرۈپ مەسلىھەت كۆرسىتىپ ئۈستىڭگە نەزەر سالارمەن» دەيدۇ.

5 پەرۋەردىگار يەھۋا ئىنسانلارغا نېمە دېگەن كۆڭۈل بۆلگەن، ھە! ئۇ سىز موھتاج بولغاندا مەسلىھەت كۆرسىتىپ، مەسلىھەتلەرنى ئەمەلىي ئىشلەتكىنىڭىزدە ياردەم بېرىدۇ. تەڭرى سىزنىڭ سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىشىڭىز ھەمدە يېڭىشىڭىز ئۈچۈن ياردەم بېرىشنى خالايدۇ (زەبۇر 55:‏22). ئەگەر چىن قەلبىڭىزدىن خۇداغا خىزمەت قىلسىڭىز، زەبۇر يازغۇچىسغا ئوخشاش ئىشەنچ بىلەن مۇنداق دېيەلەيسىز:‏ «مەن ھەمىشە خۇداۋەندىنى نەزەرىمدە ساقلارمەن ئارىي [ھەقىقەتەن] ئۇ ئۆزى مېنىڭ ئوڭ يېنىمدا بولغاچ ھېچ يىقىلماسمەن» (زەبۇر 16:‏8؛ 63:‏8). ئەلۋەتتە، ئەگەر پەرۋەردىگار يەھۋانى خۇرسەن قىلىپ ياشىسىڭىز، ئۇ سىزگە ياردەم بېرىدۇ. ئەمما، سىز بىلگەندەك، خۇدانىڭ بىر دۈشمىنى سىزنىڭ خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىپ ياشىشىڭىز ئۈچۈن توسقۇنلۇق قىلىدۇ.

شەيتاننىڭ ئەيىبلىشى

6 مۇشۇ كىتابنىڭ 11-‏بابىدا ئىبلىس شەيتاننىڭ خۇدانىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى ئەيىبلىگەنلىكى چۈشەندۈرۈلگەن. شەيتان، خۇدانى يالغانچى دەپ ئەيىبلىگەن ۋە يەھۋا ئادىل ئەمەس، ئادەم-‏ئاتا بىلەن ھاۋا-‏ئانىنىڭ نېمە ياخشى، نېمە ياماننى ئۆز-‏ئۆزى قارار قىلىشىغا يول قويمىدى دەپ يوشۇرۇن كۆرسەتكەن ئىدى. ئادەم-‏ئاتا بىلەن ھاۋا-‏ئانا گۇناھ قىلغاندىن كېيىن، ئۇلار پەرزەنت كۆرۈپ كۆپىيىپ يەر يۈزىنى تولدۇرۇشقا باشلىغاندا، بارلىق ئىنسانلارنىڭ خۇداغا ئىبادەت قىلىش مۇددىئاسىغا شەك كەلتۈردى. «ئىنسانلارنىڭ خۇداغا ئىبادەت قىلىشى ھەرگىز ئۇلارنىڭ خۇدانى ياخشى كۆرگەنلىكىدىن ئەمەس» دەپ ئەيىبلەپ، شەيتان:‏ «ماڭا بىر پۇرسەت بېرىلسە، مەن ھەرقانداق كىشىنى جەزمەن خۇداغا قارشى تۇرىدىغان قىلالايمەن» دېگەن. مۇقەددەس كىتابتىكى ئايۇپ پەيغەمبەرگە مۇناسىۋەتلىك خاتىرىلەردە شەيتاننىڭ ھەقىقەتەن شۇنداق ئىشەنچىدە بولغانلىقى كۆرسىتىلگەن. ئايۇپ پەيغەمبەر كىم؟ ئۇ قانداقلارچە شەيتاننىڭ مۇشۇ شەك كەلتۈرۈشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىشقا ئارىلىشىپ قالدى؟

7 ئايۇپ پەيغەمبەر تەخمىنەن مۇندىن 3600 يىل ئىلگىرى ياشىغان. ئۇ ياخشى ئادەم ئىدى. يەھۋا ئۇ توغرىسىدا:‏ «يەر يۈزىدە ئۇنىڭدەك كامىل ۋە توغرا بولۇپ خۇدادىن قورقۇپ يامانلىقتىن قاچادۇرغان كىشى يوق» دەپ ئېيتقان (ئايۇپ 1:‏8). ئايۇپ خۇدانى خۇرسەن قىلغان ئىدى.

8 شەيتان ئۇ، ئايۇپنىڭ خۇداغا ئىبادەت قىلىش مۇددىئاسىغا شەك كەلتۈرۈپ، يەھۋاغا:‏ «سەن ئۇ [ئايۇپ] نىڭ چۆرىسىنى قورشاپ ئېلىپ ئۆيىنىڭ چۆرىسى بىلەن ھەممە بارىنىڭ چۆرىسىنى ھەر تەرەپتىن يۆگەپ ئۇنىڭ قوللىرىنىڭ ئىشىغا بەرىكەت بەرگىنىڭ ئۈچۈن ماللىرى يۇرتتا ئاۋۇمىدىمۇ؟ ئەمما، ئەمدى قولۇڭنى ئۇزارتىپ ئۇنىڭ ھەممە بار نەرسىلىرىگە تەككۈزسەڭ ئۇ يۈزىڭگە قاراپ سەندىن تانار» دېگەن. — ئايۇپ 1:‏10، 11.

9 شەيتان شۇنداق قىلىپ خۇدا بىلەن مۇنازىرىلىشىپ:‏ ئايۇپنىڭ خۇداغا ئىبادەت قىلىشى پەقەت ئۇ پايدا-‏مەنپەئەتكە ئېرىشكەنلىكى سەۋەبلىك دېگەن. شەيتان يەنە:‏ ئەگەر ئايۇپ سىناققا ئۇچرىسا، ئۇ خۇدادىن تېنىپ ئۇنىڭغا قارشى تۇرىدۇ دېگەن. يەھۋا ئۇنداقتا شەيتاننىڭ ئەيىبلىشىگە قانداق جاۋاب قايتۇردى؟ ئاشۇ ئەيىبلەش ئايۇپنىڭ خۇداغا ئىبادەت قىلىش مۇددىئاسىغا مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، پەرۋەردىگار يەھۋا، شەيتاننىڭ ئايۇپ پەيغەمبەرنى سىنىشىغا رۇخسەت قىلغان. مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ئايۇپنىڭ خۇدانى ھەقىقەتەن سۆيىدىغان ياكى سۆيمەيدىغانلىقىنى ئېنىق ئاشكارا قىلغىلى بولاتتى.

ئايۇپ پەيغەمبەر سىنالدى

10 شەيتان ناھايىتى تېزلا ھەرخىل ئۇسۇللار بىلەن ئايۇپنى سىنىدى. ئايۇپنىڭ مال-‏چارۋىلىرىنىڭ بەزىلىرى ئوغرىلاندى، قالغان باشقىلىرى ئۆلتۈرۈلدى. ئۇنىڭ نۇرغۇن خىزمەتكارلىرى ھەم ئۆلتۈرۈلدى. بۇ چوڭ ئىقتىسادى قىيىنچىلىق ئېلىپ كەلدى. تېخىمۇ ئېچىنىشلىقى، بىر قېتىملىق قاتتىق بوران ئۇنىڭ ئون بالىسىنىڭ جېنىنى ئالدى. گەرچە مۇشۇنداق بالايىئاپەتلەر ئارقا-‏ئارقىدىن كەلگەن بولسىمۇ، «مۇنىڭ ھەممىسىدە ئايۇپ گۇناھ قىلماي…خۇداغا ئەيىب قويمىدى». — ئايۇپ 1:‏22.

ئايۇپ پەيغەمبەر ساداقەتمەنلىكنى ساقلاپ بەخت-‏سائادەتكە ئېرىشتى

ئايۇپ پەيغەمبەر ساداقەتمەنلىكنى ساقلاپ بەخت-سائادەتكە ئېرىشتى

11 شەيتان ئۇ، بۇنىڭلىق بىلەن ۋاز كەچمىگەن. شەيتان، ئايۇپ بايلىقلىرى، خىزمەتچىلىرى ھەمدە بالىلىرىدىن ئايرىلغاندا بەرداشلىق بەرگەن بىلەن، كېسەل ئازابى تارتسا چوقۇم يەھۋادىن تېنىپ ئۇنىڭغا قارشى تۇرىدۇ دەپ ئويلىغان. يەھۋا، شەيتاننىڭ ئايۇپنى ناھايىتى بىر يىرگىنچلىك، ئازابلىق كېسەلگە دۇچار قىلىشىغا رۇخسەت قىلغان. بىراق، بۇلارمۇ ئايۇپنىڭ خۇداغا بولغان ئىمان-‏ئېتىقادتىن ۋاز كېچىپ توغرىلىقىنى يوقۇتۇشىغا سەۋەب بولالمىغان. ئەكسىچە، ئايۇپ مۇستەھكەم ئىمان-‏ئېتىقاد بىلەن:‏ «ئۆلگۈچىلىك توغرىلىقىمنى ئۆزۈمدىن كەتگۈزمەسمەن» دېگەن. — ئايۇپ 27:‏5.

12 ئايۇپ ئاشۇ بارلىق ئازابلىق مۈشكۈل ئەھۋالنى شەيتاننىڭ پەيدا قىلغانلىقىدىن بىخەۋەر ئىدى. شەيتاننىڭ، يەھۋانىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى شىكايەت قىلىپ ئۇنى ئەيىبلىگەنلىكى توغرىسىدا ھېچ نېمە بىلمەيتتى. ئايۇپ ئۆزىنى مۈشكۈل ئازابلىق ئەھۋالغا خۇدا چۈشۈرگەن دەپ تەشۋىشلەنگەن (ئايۇپ 6:‏4؛ 16:‏11-‏14). گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ يەھۋا خۇداغا بولغان ساداقەتمەنلىكىنى ساقلىغان. ئايۇپ ئىمان-‏ئېتىقادتا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرغانلىق سەۋەبلىك، شەيتاننىڭ ئايۇپنىڭ خۇداغا ئىبادەت قىلىشى ئۆزىنىڭ پايدا-‏مەنپەئەتى ئۈچۈن دەپ جاكارلىشىنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان!

13 ئايۇپنىڭ ئىمان-‏ئېتىقادى شەيتاننىڭ يەھۋا ئۈستىدىن قىلغان ئەيىبلىشىگە قارشى ناھايىتى قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بولغان. ئايۇپ ھەقىقەتەن پەرۋەردىگار يەھۋانىڭ دوستى بولغان. ھەمدە خۇدا ئۇنىڭ ئىمان-‏ئېتىقادى ئۈچۈن ئۇنى مۇكاپاتلىغان ئىدى. — ئايۇپ 42:‏12-‏17.

شەيتاننىڭ ئەيىبلىشىنىڭ سىز بىلەن قانداق مۇناسىۋەتى بار

14 پەرۋەردىگار يەھۋاغا بولغان ساداقەتمەنلىك توغرىسىدا ئوتتۇرغا چىققان سوئال پەقەت ئايۇپ پەيغەمبەرگىلا قارىتىلىپ قالماستىن، بارلىق ئىنسانلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك. خۇدا سۆزى بولغان مۇقەددەس كىتابنىڭ پەندى-‏نەسىھەت 27-‏باب 11-‏ئايىتىدە (ي.د.):‏ «ئەي ئوغلۇم دانا بولساڭ كۆڭلۈمنى خۇشال قىلارسەن، شۇنداق بولساڭ مېنى ئەيىبلىگۈچىگە جاۋاب بېرەلەيمەن» دېيىلگەن. مۇشۇ ئايەت ئايۇپ پەيغەمبەر ئۆلگەندىن بىر نەچچە يۈز يىل كېيىن يېزىلغان. بۇلار شەيتاننىڭ يەنىلا خۇدانى مازاق قىلىپ ئۇنىڭ خىزمەتچىلىرىنى ئەيىبلىگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بىز يەھۋانى خۇرسەن قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىپ ياشىساق، ئەمەلىيەتتە شەيتاننىڭ يالغان ئەيىبلىشىگە رەددىيە بېرىپ، يەھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇشال قىلىمىز. خۇدانى خۇرسەن قىلىشنى خالامسىز؟ شەيتاننىڭ ئەيىبلەشلىرىنىڭ يالغانلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسىڭىزنى قوشۇپ، تۇرمۇشىڭىزدىكى بەزى ئىش-‏ھەرىكەتلىرىڭىزنى ئۆزگەرتسىڭىز ئەرزىگۈدەك ئىش بولمامدۇ؟

15 شەيتاننىڭ دېگەن سۆزىگە دىققەت قىلىپ باقايلى:‏ «ئادەم دېگەن ھەممە بار نەرسىلىرىنى ئۆز جېنى ئۈچۈن بەرمەمدۇر؟» (ئايۇپ 2:‏4). «ئادەم» دېيىش ئارقىلىق شەيتان ناھايىتى ئېنىق قىلىپ پەقەت ئايۇپ پەيغەمبەرنىلا ئەمەس، بارلىق ئىنسانلارنى كۆزدە تۇتقانلىقىنى كۆرسەتكەن. بۇ نۇقتا ناھايىتى مۇھىمكى، شەيتان سىزنىڭ خۇداغا بولغان ساداقەتمەنلىكىڭىزگە شەك كەلتۈرگەن. شەيتان سىزنىڭ قىيىنچىلىققا يولۇققاندا، خۇداغا ئىتائەت قىلماي ھەققانىيلىقتىن ۋاز كېچىشىڭىزنى كۆرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ. شەيتان ئۆزىنىڭ مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن قانداق ھەرىكەتلەرنى قىلىشقا ئۇرۇنۇشى مۇمكىن؟

16 بۇ كىتابنىڭ 10-‏بابىدا مۇلاھىزە قىلىپ ئۆتكەندەك، شەيتان ھەرخىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ كىشىلەرنى خۇدادىن يىراقلاشتۇرۇپ كېتىشكە ئۇرۇنىدۇ. بىر تەرەپتىن، شەيتان خۇددى «ھۇۋلايدىغان شىردەك چۆرگىلەپ كىمكى ئۇچرىسا ئۇنى يۇتاي دەپ ئىزدەپ يۈرەدۇر» (1-‏پېترۇس 5:‏8). مەسىلەن، سىزنىڭ مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىش تىرىشچانلىقىڭىزغا ۋە ئۆگەنگەنلىرىڭىزنى ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىشىڭىزگە دوست-‏بۇرادەر، ئۇرۇق-‏تۇغقان ۋە ياكى باشقىلار قارشى تۇرۇشى مۇمكىن* (يۇھاننا 15:‏19، 20). يەنە بىر تەرەپتىن، «شەيتان ئۆزى نۇر پەرىشتىسىنىڭ سۈرىتىگە كىرىپ كېلەدۇر» (2-‏كورىنتلىقلار 11:‏14). بەلكىم، شەيتان ھىيلە-‏مىكىرلىك ئۇسۇللار ئارقىلىق سىزنى ئالداپ، يەھۋانى خۇرسەن قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىپ ياشىشىڭىزنى توختىتىشقا ھەرىكەت قىلىشى مۇمكىن. يەنە ئۇ كىشىلەرنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، سىزنى خۇدانى خۇرسەن قىلىشقا مەڭگۈ لايىق كەلمەيدىغاندەك ھېسسىياتقا كەلتۈرۈشى مۇمكىن (پەندى-‏نەسىھەت 24:‏10). مەيلى شەيتان خۇددى «ھۇۋلايدىغان شىردەك» ھۇجۇم قىلسۇن ياكى «نۇر پەرىشتىسى» دەك ھەرىكەت قىلسۇن، ئۇ ئاۋۋالقىغا ئوخشاش شەك كەلتۈرگەن بولۇپ:‏ ئەگەر سىز سىناققا ياكى ئازدۇرلۇشقا ئۇچرىسىڭىز، سىزنى يەھۋاغا ئىبادەت قىلىشتىن توختايدۇ دەپ قارايدۇ. سىز شەيتاننىڭ مۇشۇ ئەيىبلىشىگە قانداق جاۋاب بېرىپ، ئاللا يەھۋاغا بولغان ساداقەتمەنلىكىڭىزنى قانداق ئىسپاتىيالايسىز، سىزمۇ ئايۇپ پەيغەمبەردەك قىلامسىز؟

يەھۋانىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش

17 سىز خۇدانى خۇرسەن قىلىپ ياشاش ئارقىلىق شەيتاننىڭ ئەيىبلىشىگە جاۋاب بېرەلەيسىز. بۇ قايسى ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟ مۇقەددەس كىتاب:‏ «سەن بولساڭ رەب خۇدايىڭنى ھەممە كۆڭلۈڭ بىلەن، ھەممە جېنىڭ بىلەن، ھەممە كۈچۈڭ بىلەنمۇ دوست تۇتقىن [سۆيگىن]» دەيدۇ (تەكرار قانۇن 6:‏5). خۇداغا بولغان مۇھەببىتىڭىز چوڭقۇرلاشقانسېرى، ئۇنىڭ سىزدىن كۈتكەن تەلەپلىرىنى ئورۇنداش ئۈچۈن قەلبىڭىز ئارزۇ-‏ئۈمىدكە تولىدۇ. مەسىھنىڭ شاگىرتى يۇھاننا:‏ «خۇداغا قىلغان مۇھەببەت شۇنىڭدادۇركى بىز ئۇنىڭ ئەمرلىرىنى تۇتقايمىز» دەپ يازغان. ئەگەر پەرۋەردىگار يەھۋانى چىن قەلبىڭىزدىن سۆيسىڭىز، «ئۇنىڭ ئەمرلىرى ئېغىر ئەمەس» ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىسىز. — 1-‏يۇھاننا 5:‏3.

1818يەھۋانىڭ بۇيرۇقلىرى قايسىلار؟ بۇيرۇقلارنىڭ بەزىلىرى بىز چوقۇم خالىي بولۇشىمىز زۆرۈر بولغان ئىش-‏ھەرىكەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. مەسىلەن، ١٢٢-‏بەتتىكى «يەھۋا ئۆچ كۆرۈدىغان ئىشلاردىن خالىي بولۇش» دېگەن رامكىغا قاراڭ. ئاشۇ كۆرسىتىلگەن ئىش-‏ھەرىكەتلەرگە مۇقەددەس كىتابنىڭ لەنەت ئوقۇغانلىقىنى ناھايىتى ئېنىق كۆرۈۋالالايمىز. كۆرسىتىلگەن ئىش-‏ھەرىكەتلەرگە كۆز يۈگۈرتۈپ قاراپ باقسىڭىز، قارىماققا ئانچە بەك يامان ئىشتەك كۆرۈنمەسلىكى مۇمكىن. بىراق، مۇقەددەس كىتابتىن نەقىل كەلتۈرۈلگەن ئايەتلەرنى چوڭقۇر ئويلاپ باقسىڭىز، يەھۋانىڭ قانۇنلىرىنىڭ ئەقىل-‏پاراسەتكە تولغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتەلەيسىز. ئۆز ئىش-‏ھەرىكەتلىرىڭىزنى ئۆزگەرتىش سىز دۇچ كەلگەن ئىشلار ئارىسىدا قىلىش ئەڭ قىيىن بولغان ئىش بولۇشى مۇمكىن. ئەمما، خۇدانى خۇرسەن قىلىپ ياشاش ئارقىلىق تۇرمۇشىڭىزدا قانائەت ھاسىل قىلىپ خۇشاللىق تاپالايسىز (يەشايا ٤٨:‏١٧، ١٨). سىزمۇ جەزمەن شۇنداق قىلالايسىز. بىز ئۇنى قانداق بىلىمىز؟

يەھۋا ئۆچ كۆرۈدىغان ئىشلاردىن خالىي بولۇش

قارا جەمئىيەتنىڭ ئىككى ئەزاسى
ئىچىپ-چېكىۋاتقان بىر جۈپلەر
ئوغرىلىق قىلىۋاتقان ئايال
  • قاتىللىق. — چىقىش 20:‏13؛ 21:‏22، 23.
  • جىنسىي ئەخلاقسىزلىق. — لاۋىيلار 20:‏10، 13، 15، 16؛ رىملىقلار 1:‏24، 26، 27، 32؛ 1-‏كورىنتلىقلار 6:‏9، 10.
  • جىنكەشلىك بىلەن جادۇگەرلىك. — تەكرار قانۇن 18:‏9-‏13؛ 1-‏كورىنتلىقلار 10:‏21، 22؛ گالاتىيالىقلار 5:‏20، 21.
  • بۇتپەرەسلىك. — 1-‏كورىنتلىقلار 10:‏14.
  • ھاراقكەشلىك. — 1-‏كورىنتلىقلار 5:‏11.
  • ئوغرىلىق. — لاۋىيلار 6:‏2، 4؛ ئەفەسلىكلەر 4:‏28.
  • يالغانچىلىق. — پەندى-‏نەسىھەت 6:‏16، 19؛ كولوسىلىقلار 3:‏9؛ ۋەھىيلەر 22:‏15.
  • ئاچكۆزلۈك. — 1-‏كورىنتلىقلار 5:‏11.
  • زورلۇق. — زەبۇر 11:‏5؛ پەندى-‏نەسىھەت 22:‏24، 25؛ مالاخى 2:‏16؛ گالاتىيالىقلار 5:‏20، 21.
  • ئەخلاقسىز گەپ-‏سۆز. — لاۋىيلار 19:‏16؛ ئەفەسلىكلەر 5:‏4؛ كولوسىلىقلار 3:‏8.
  • قالايمىقان قان ئىشلىتىش. — يارىتىلىش 9:‏4؛ ئەلچىلەر 15:‏20، 28، 29.
  • ئائىلىنى تەمىنلەشتىن باش تارتىش. — 1-‏تىموتىي 5:‏8.
  • ئۇرۇش ۋە دۇنيانىڭ سىياسىي ئىشلىرىغا قاتنىشىش. — يەشايا 2:‏4؛ يۇھاننا 6:‏15؛ 17:‏16.
  • تاماكا ۋە زەھەر چېكىش. — ماركۇس 15:‏23؛ 2-‏كورىنتلىقلار 7:‏1.

19 پەرۋەردىگار يەھۋا ھەرگىزمۇ كۈچىمىز يەتمەيدىغان ئىشلارنى قىلىشمىزنى تەلەپ قىلمايدۇ (تەكرار قانۇن 30:‏11-‏14). ئۇ بىزنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىمىزنى ۋە بىزدىكى چەكلىمىلىكنى بىزگە قارىغاندا ياخشىراق بىلىدۇ (زەبۇر 103:‏14). بۇندىن باشقا، يەھۋا بىزنىڭ ئۇنىڭغا بويسۇنۇشىمىز ئۈچۈن كۈچ-‏قۇدرەت بېرىدۇ. ئەلچى پاۋلۇس:‏ «خۇدا ئەمىن [ئىشەنچىلىك] بولۇپ كۈچىڭىزدىن زىيادە ئىمتىھان قىلىنماقىڭىزنى قويماي بەلكى ئىمتىھاننى [ئەۋەتىشىدە] كۆتۈرەدۇرغان كۈچىڭىزنى ھەم يەتكۈزۈپ قۇتۇلادۇرغان ئىلاجىنى بېرۇر» دەپ يازغان (1-‏كورىنتلىقلار 10:‏13). پەرۋەردىگار يەھۋا سىزنىڭ بەرداشلىق بېرىشىڭىزگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ئۇ ھەتتا سىزگە ھەددىدىن تاشقىرى كۈچ-‏قۇدرەت بېرىدۇ (2-‏كورىنتلىقلار 4:‏7). ئەلچى پاۋلۇس نۇرغۇن سىناقلارغا بەرداشلىق بەرگەندىن كېيىن، ئۇ:‏ «ماڭا قۇدرەت بەرگۈچىنىڭ ۋاستىسى بىرلە ھەرنېمىنى قىلالۇرمەن» دېگەن. — فىلىپىلىكلەر 4:‏13.

خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان خاراكتېر-‏سۈپەتلەرنى يېتىلدۈرۈش

20 ئەلۋەتتە، يەھۋانى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن ئۇ ئۆچ كۆرىدىغان ئىشلاردىن خالىي بولسىلا ئىش پۈتمەيدۇ. سىز يەنە ئۇ نېمىنى ياخشى كۆرسە، سىزمۇ ھەم شۇنى ياخشى كۆرۈشىڭىز لازىم (رىملىقلار 12:‏9). سىز ئۆزىڭىز بىلەن ئورتاق كۆزقاراشقا، قىزىقىشقا، ئەخلاق-‏پەزىلەتكە ئىگە كىشىنى دوست بولۇشقا تاللايسىز، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ تەڭرى يەھۋامۇ شۇنداق قىلىدۇ. شۇڭا، يەھۋا ياخشى كۆرۈدىغان ئىشلارنى ياخشى كۆرۈشنى ئۆگىنىش كېرەك. زەبۇر 15-‏باب 1-‏5-‏ئايەتتە، خۇدا ياخشى كۆرۈدىغان بەزى ئىشلار تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، مۇشۇلار ئۇنىڭ قانداق كىشى بىلەن دوست بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. يەھۋانىڭ دوستلىرى مۇقەددەس كىتاب:‏ «روھنىڭ مېۋىسى» دەپ ئاتىغان سۈپەتلەرنى يېتىلدۈرىدۇ. ئاشۇ خاراكتېر-‏سۈپەتلەر بولسا «مۇھەببەت، خۇشلۇق، سالامەتلىك [تىنچلىق]، كۆڭۈل كەڭلىكى، مېھرىبانلىق، ياخشىلىق، ئەمىنلىك [ئىشەنچىلىك]، ياۋاشلىق ۋە نەپس يىغماقلىقتۇر». — گالاتىيالىقلار 5:‏22، 23.

21 دائىم مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇش ۋە ئۆگىنىش سىزنىڭ خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان ياخشى مىجەز-‏خۇلق ۋە خاراكتېر-‏سۈپەتلەرنى يېتىلدۈرۈشىڭىز ئۈچۈن ياردەم بېرىدۇ. ھەمدە خۇدانىڭ سىزدىن نېمە تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئۆگىنىش ئۆز ئوي-‏خىياللىرىڭىزنى ئۇنىڭ ئوي-‏پىكىرى بىلەن ماسلاشتۇرۇشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ (يەشايا 30:‏20، 21). سىزنىڭ يەھۋاغا بولغان مېھر-‏مۇھەببىتىڭىز چوڭقۇرلاشقانسېرى، ئۇنى خۇرسەن قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىپ ياشاش ئارزۇ-‏ئۈمىدىڭىزمۇ بارغانسېرى كۈچىيىپ بارىدۇ.

22 يەھۋانى خۇرسەن قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىپ ياشاش كۈچ چىقىرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. مۇقەددەس كىتاب، تۇرمۇشىڭىزنى ئۆزگەرتىشىڭىزنى خۇددى كونا كىيىمنى سېلىپ تاشلىغاندەك كونا مىجەز-‏خاراكتېرىڭىزنى چۆرۈپ تاشلاپ ھەمدە يېڭى بىر مىجەز-‏خاراكتېرنى كىيىشىڭىزگە ئوخشاتقان (كولوسىلىقلار 3:‏9، 10). زەبۇردا، پەرۋەردىگار يەھۋانىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش توغرىسىدا مۇنداق يېزىلغان:‏ «ئۇلارنى تۇتماق بىلەن چوڭ ئەجىر تاپادۇر» (زەبۇر 19:‏11). سىز ھەم ئاللانى خۇرسەن قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىپ ياشاش ئارقىلىق كۆپ مۇكاپاتقا ئېرىشەلەيسىز. شۇنداق قىلىش ئارقىلىق شەيتاننىڭ ئەيىبلىشىگە جاۋاب بېرىپ ئاللا يەھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇرسەن قىلالايسىز!

مۇقەددەس كىتاب ھەقىقىتى

  • خۇداغا ئىتائەت قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ دوستى بولالايسىز. — ياقۇپ 2:‏23.
  • شەيتان بارلىق ئىنسانلارنىڭ ساداقەتمەنلىكىگە شەك كەلتۈردى. — ئايۇپ 1:‏8، 10، 11؛ 2:‏4؛ پەندى-‏نەسىھەت 27:‏11.
  • خۇدانى خۇرسەن قىلمايدىغان ئىش-‏ھەرىكەتلەردىن خالىي بولۇشىمىز كېرەك. — 1-‏كورىنتلىقلار 6:‏9، 10.
  • يەھۋا خۇدا نېمىنى ئۆچ كۆرسە، شۇنى ئۆچ كۆرۈش ۋە نېمىنى ياخشى كۆرسە، شۇنى ياخشى كۆرۈش ئارقىلىق ئۇنى خۇرسەن قىلالايمىز. — رىملىقلار 12:‏9.

*  بۇ دېگەنلىك ھەرگىزمۇ سىزگە قارشى تۇرغۇچىلار بىۋاسىتە شەيتاننىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا دېگەنلىك ئەمەس. بىراق، شەيتان بۇ زاماننىڭ تەڭرىسى، بۇ دۇنيا پۈتۈنلەي شەيتاننىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا (2-‏كورىنتلىقلار 4:‏4؛ 1-‏يۇھاننا 5:‏19). شۇڭا، بىز ياشاشنى ئارزۇ قىلغان خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان تۇرمۇشنى كۆپىنچە كىشىلەر ياقتۇرمايدۇ ھەمدە بەزىلەر سىزنىڭ شۇنداق تۇرمۇش كەچۈرۈشىڭىزگە قارشى تۇرىدۇ.


مۇلاهىزه سوئاللىرى

1، 2. يەھۋا قايسى ئادەملەرنى ئۆز دوستلىرى قاتارىدا كۆرگەن؟

3. نېمە ئۈچۈن يەھۋا بەزى كىشىلەرنى ئۆزىنىڭ دوستى بولۇشقا تاللىغان؟

4، 5. پەرۋەردىگار يەھۋا ئۆز خەلقىگە ياردەم بەرگەندە كۈچ-‏قۇدرىتىنى قانداق كۆرسىتىدۇ؟

6. شەيتان ئىنسانلارنى قانداق ئەيىبلىدى؟

7، 8. (1) ئايۇپ ياشىغان زاماندا ئۇ باشقا كىشىلەرگە قارىغاندا قايسى تەرەپتىن پەرقلىق ئىدى؟ (2) شەيتان قانداق قىلىپ ئايۇپنىڭ خۇداغا ئىبادەت قىلىش مۇددىئاسىغا شەك كەلتۈرگەن؟

9. يەھۋا خۇدا، شەيتاننىڭ ئەيىبلىشىگە قانداق جاۋاب قايتۇردى؟

10. ئايۇپ قانداق سىناقلارغا دۇچ كەلدى؟ ئۇ قانداق ئىنكاس قايتۇردى؟

11. (1) شەيتان ئىككىنچى قېتىم ئايۇپ پەيغەمبەرنىڭ ئىمان-‏ئېتىقادىغا قارشى قانداق شەك كەلتۈردى؟ (2) ئايۇپ ئاشۇ يىرگىنچلىك كېسەل ئازابىغا قانداق ئىنكاس قايتۇردى؟

12. شەيتاننىڭ ئەيىبلىشىگە ئايۇپ قانداق جاۋاب بەرگەن؟

13. ئايۇپنىڭ خۇداغا بولغان ئىمان-‏ئېتىقادى سەۋەبلىك نەتىجىدە قانداق ئىش يۈز بەردى؟

14، 15. شەيتاننىڭ ئايۇپ پەيغەمبەرنىڭ خۇداغا بولغان ئىمان-‏ئېتىقادىغا شەك كەلتۈرۈشى ئەمەلىيەتتە بارلىق ئىنسانلارنىڭ ئىمان-‏ئېتىقادىغا شەك كەلتۈرگەنلىك بولىدىغانلىقىنى قانداق بىلىمىز؟

16. (1) شەيتان قانداق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئادەملەرنى خۇدادىن يىراقلاشتۇرىدۇ؟ (2) شەيتان ئاشۇ ئۇسۇللار ئارقىلىق سىزگە قانداق قارشى تۇرۇشى مۇمكىن؟

17. يەھۋانىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇپ ياشاشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى نېمە؟

18، 19. (1) يەھۋانىڭ بۇيرۇقلىرىدىن بىر نەچچىنى ئېيتىپ بېرەلەمسىز؟ (رامكىغا قاراڭ). (2) خۇدا، كۈچىمىز يەتمەيدىغان ئىشلارنى قىلىشىمىزنى تەلەپ قىلمايدىغانلىقىنى قانداق بىلىمىز؟

20. يەھۋانى خۇرسەن قىلىدىغان قايسى ياخشى مىجەز-‏خۇلق ۋە خاراكتېر-‏سۈپەتلەرنى يېتىلدۈرۈشىڭىز لازىم؟ نېمە ئۈچۈن بۇ بەك مۇھىم؟

21. نېمە سىزنىڭ يەھۋانى خۇرسەن قىلىدىغان ياخشى مىجەز-‏خۇلق ۋە خاراكتېر-‏سۈپەتلەرنى يېتىلدۈرۈشىڭىزگە ياردەم بېرىدۇ؟

22. سىز يەھۋانى خۇرسەن قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىپ ياشاش ئارقىلىق نېمىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايسىز؟